+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-21 12:18 779 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق مارسنى تەكشۈرۈش، ئۇچۇشنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنىڭ تەييارلىقى پۈتتى.
7-ئاينىڭ 17-كۈنى، «ئۇزۇن سەپەر 5» ناملىق تۆت توشۇغۇچى راكېتا قويۇپ بېرىش رايونىغا تىك يۆنىلىشتە يۆتكەلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى «تيەنۋېن 1» ناملىق ۋەزىپىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرمىسە، تيەنۋېن 1-نومۇر 7-ئاينىڭ 23-كۈنى قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت مارسنى « ئايلىنىش، قونۇش، چارلاش» تىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاش. ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازانسا ، جۇڭگو دۇنيادىكى تۇنجى بولۇپ مارسنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈپ ، مارسقا قونغان دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.

1000 (2).jpg

مارسنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىش دەۋرى (687 كۈن) يەر شارى بىلەن ئوخشاش بولمىغاچقا، يەر شارى بىلەن مارس ئارىلىقىدا دەۋرىيلىك ئۆزگىرىش مەۋجۇت بولۇپ، ئەڭ يىراق بولغاندا 400 مىليون كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئەڭ يېقىن ئارىلىقى50 مىليون كىلومېتىرغا يېتىدۇ، تۈز سىزىقلىق ئارىلىقنىڭ ئەڭ قىسقا پۇرسىتى ھەر 26 ئايدا بىر قېتىم كۆرۈلىدۇ، مانا بۇ مارسنى تەكشۈرۈش كۆزنىكى مەزگىلىدۇر.

0 (1).gif

گەرچە بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بولسىمۇ، ئەمما مارس مەستانىلىرىنىڭ چەكسىز تەسەۋۋۇرىنى قوزغىدى ـــ كەلگۈسىدە بىز مارستا مېھمانخانا قۇرالايمىزمۇ؟ مارستا كان قازغىلى بولامدۇ؟ مارستا قانداق ئىلمىي تەجرىبىلەرنى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ؟ يەنە بەزىلەر ئىلمىي فانتازىيە ساھەسىدىكى ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىز مارسقا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، قانداق تاماقلارنى يەيمىز؟

1000 (1).jpg

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جېڭ يۇڭچۈن پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى.: «يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، مارستا ھەر خىل يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتى، سانائەت مەدەنىيىتى ۋە تېخنىكا مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزگىچە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدۇ»

ئۇنداقتا، ئىنسانلار مارسنى مۇستەملىكە قىلماقچى بولسا، بۇ قىزىل سەييارىنى قانداق ئۆزگەرتىشى ۋە قۇرۇشى كېرەك؟

0.gif

مارستا يەر تېرىش
بۇ پەقەت تاماق يېيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.

فانتازىيىلىك فىلىم«مارستىكى قۇتقۇزۇش» دا، باش پېرسۇناژ مارك ياڭيۇ تېرىش ئارقىلىق مارستا ئۆزى يالغۇز ياشىغان. جېڭ يۇڭچۈن مۇنداق دېدى: «ئىنسانلارنىڭ مارسقا كۆچۈشىدە، يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشى جەزمەن بىرىنچى قەدەم، لېكىن ئۇنىڭ رولى تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. مارستا تېرىقچىلىق قىلىش يېمەكلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن باشقا،  ئۆسۈملۈك ئارقىلىق ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەپ، سۇ مەنبەسىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئىنسانلارنى ئەڭ ئاساسلىق ياشاش شارائىتى بىلەن تەمىنلەش زۆرۈر»

1000 (3).jpg

ئۇنىڭ قارىشىچە، شۇ چاغدا بەزى تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر، ھەتتا مىكرو ئورگانىزملارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، مەسىلەن، باكتېرىيە، يۈسۈنلەر، ئۇلار ئاۋۋال مارسقا ئېلىپ بېرىپ مۇھىتقا ماسلاشتۇرسا، كاربون تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ، ئاندىن ئورگانىك ماددا ھاسىل قىلىپ، مارسنىڭ تۇپرىقىنى ئۆزگەرتىدۇ، مارسنىڭ سىرتقى يۈزى مۇھىتىنى بارغانسېرى يەر شارىغا ئوخشىتىپ، ھاياتلىققا تېخىمۇ ماسلاشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ئالىملار يەر شارىدا تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرۇپ، مارس مۇھىتىغا ماسلىشالايدىغان مىكرو جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تاللاپ چىقىپ، مارسقا كۆچۈرۈشتىكى « ئاۋانگارت قوشۇن» قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار تەتقىقات خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. 2016-يىلى NASA كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزى بىلەن فىلورىدا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ «مارس گۈللۈكى» تۈرىنى يولغا قويدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت مارس مۇھىتىغا ماسلىشالايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاش ئىدى. نۆۋەتتە بۇ تۈر سىناق باسقۇچىغا كىردى.
بىراق، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سۇ، ئىسسىقلىق، يورۇقلۇق، ئوغۇت ھەمدە تارتىش كۈچى شارائىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر شارىدا تاللاپ چىقىلغان ئۆسۈملۈكلەر مارستا نورمال ئۆسەلەمدۇ ـ يوق، ئۆزگىرىش يۈز بېرەمدۇ ـ يوق، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كەمچىل، ئېكولوگىيەلىك سىستېما مۇقىملىقنى ساقلىيالامدۇ ـ يوق، دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىزمەتتە يەنە نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق بار. مەسىلەن، « ئالدىن يۈرەر قوشۇن» مارسقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن قانداق تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مارستا ئۆي سېلىش

ئىنسانلار مارسقا يېتىپ بارغاندا، مۇقەررەر ھالدا ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مارس بازىسى قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
مەملىكەتلىك ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە باش پەن-تېخنىكا ئالاقىسى مۇتەخەسسىسى پاڭ جىخاۋ مۇنداق دېدى: مارس بازىسى قۇرۇش ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەسەۋۋۇرى، دەسلەپكى مەزگىلدە ۋاقىتلىق بازا قۇرۇشتىن ئوتتۇرا مەزگىللىك تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، ئاندىن مارسنى ئۆزگەرتىپ مەڭگۈلۈك بازا قۇرۇشقىچە ئۇزاق جەرياننى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت يەنىلا مارسقا كۆچۈش ئۈچۈن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاي شارى بازىسى قۇرۇش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، نۇرغۇن دۆلەتلەر پىلان تۈزدى. ئاي شارىغا سېلىشتۇرغاندا، مارستا بەزى شارائىتلار بازا قۇرۇشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، مارسنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى تەخمىنەن 24 سائەت 40 مىنۇت بولۇپ، يەر شارىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مارستا سۇ، شالاڭ ئاتموسفېرا، يەنە بىر يىلنىڭ تۆت پەسلى بار. بۇ مۇھىت شارائىتى يەر شارى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، كىشىلەرگە مارسنى مۇستەملىكە قىلىش ئۈمىدى ئاتا قىلدى.

1000 (4).jpg

پاڭ جىخاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مارسقا ۋاقىتلىق بازا قۇرۇشتا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مارسقا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئادەمسىز يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى ئارقىلىق ئاساسىي ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان ياتاق بۆلۈمچىسى ۋە ھاسىلى بولمىغان ھاياتلىققا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى مارسقا يەتكۈزىدۇ. مارسنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك بازىسىنى قۇرۇشتا، ھېچبولمىغاندا قايتا ھاسىل بولىدىغان ھاياتلىققا كاپالەتلىك قىلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ماددىي ئەشيالاردىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەۋرىي پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مارستا مەڭگۈلۈك بازا قۇرۇش ئۈچۈن بىئولوگىيىلىك قايتا ھاسىل قىلىش شەكلىدىكى ھاياتلىققا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ماددىلارنىڭ %100 دەۋرىيلىنىپ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مارس بازىسىدا ئېلېكتىر مەنبەسى سىستېمىسى بولۇشى كېرەك، مەسىلەن، كىچىك تىپتىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يەنە مارس ماشىنىسى بولۇشى كېرەك، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ ئارقىلىق پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، پاڭ جىخاۋ مۇنداق دەپ قارىدى: مارس بازىسىنىڭ ئورنىنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم، ئەڭ ياخشىسى سۇ بار جايغا يېقىن، قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك. بوران-چاپقۇن ۋە رادىياتسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دەسلەپكى بازىدا يەر ئاستى ياكى يېرىم يەر ئاستى شەكلىنى قوللىنىش كېرەك.
مارس بازىسى قۇرۇلۇشى جەريانىدا، پۈتۈنلەي يەر شارىدىن ماددىي ئەشيا توشۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. جېڭ يۇڭچۈن مۇنداق دەپ قارىدى: شۇ جاينىڭ ئۆزىدىن ماتېرىيال ئېلىش بىر مۇھىم پىرىنسىپ. مارس يۈزىدە ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان قۇم، تۇپراق، قىزىل تۆمۈر رۇدىسى، ھەتتا قۇرۇپ كەتكەن كۆللەردىكى تۇز تۈرىدىكى مىنېرال قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىز پايدىلىنالايدىغان نىشانلاردۇر.

مارستا پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش

ئىنسانلار مارسقا چىقىشتا ئاشلىق تېرىش، قۇرۇلۇش قىلىشتىن باشقا يەنە باشقا ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. بەزىلەر قېزىلما بايلىقلارنى قېزىپ قايتۇرۇپ كەلگىلى بولامدۇ دەپ قارايدۇ.
جېڭ يۇڭچۈن مۇنداق دېدى: ھازىرقى تېخنىكا ئىقتىدارىنى تەھلىل قىلىشتىن قارىغاندا، مارستا ھەممە يەرنى كېسەك ئالتۇن قاپلىغان تەقدىردىمۇ، قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەرزىمەيدۇ، چۈنكى كېتىدىغان بەدەل ئۇنىڭ قىممىتىدىن كۆپ چوڭ.
بۇ ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس. يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو پىلانى ئاي شارىدىن جەمئىي 382 كىلوگرام تاغ جىنسى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بەزىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، بۇ تاشلارنىڭ تەننەرخى ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئالماسنىڭ 30 نەچچە ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 300 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئاي شارى تېخى شۇنداق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن ۋاقىتتىمۇ 50 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان مارستىن قېزىلما بايلىق ئېلىپ كېلىشنىڭ تەنئەرقى ئىنتايىن يۇقىرى.
مۇتلەق كۆپ قىسىم مارس بايلىقى ئۆز ئورنىدا پايدىلانغاندىلا ئاندىن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ، پەقەت يەر شارىدىن توشۇپ كېلىنگەن ماددىي ئەشيالارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئازايتقاندىلا، ھەرقانچە قىممەت بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىشمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.
كان ئېچىش يولى گەرچە راۋان بولمىسىمۇ، لېكىن ئىنسانلار مارستا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ، بۇمۇ ئىنسانلارنىڭ ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ بىرى.

1000.jpg

نۆۋەتتە، ئىنسانلار ئاي شارىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇردى، بۇ ئاساسلىقى بىرقانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، ئاي شارىدىن يەر شارىنى تەتقىق قىلىش، ئاي شارىدىن ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىش ۋە ئاي شارىنىڭ ئۆزىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىقلار.
جېڭ يۇڭچۈننىڭ قارىشىچە، مارستىكى ئىلمىي تەتقىقات بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.
ئالدى بىلەن، مارس يەر شارىدىن بەك يىراق، ئۇ يەردىن يەر شارىنى كۆزىتىشنىڭ قىلچە ئەۋزەللىكى يوق، مارستا ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، قانداقلا بولمىسۇن يەر شارىغا يېقىن بوشلۇق ۋە ئاي شارى ناھايىتى ياخشى ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ تىپتىكى تېلېسكوپنى مارسقا يەتكۈزۈپ بېرىشمۇ ئاسان ئەمەس.

جېڭ يۇڭچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مارستىكى ئەڭ قىممەتلىك پەن تەتقىقات مارسنى باشقا بىر يەر شارى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ مۇنداق دېدى، ھازىر ئىنسانلارنىڭ يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزى، چوڭقۇر قىسمى، ئاتموسفېرا، بىئوسفېرا قاتارلىقلاردا بەزى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى، لېكىن ئىنسانلارنىڭ يەر شارىغا بولغان تونۇشى يەنىلا چوڭقۇر ئەمەس، سەۋەبى مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئوبيېكتى كەمچىل بولۇپ، يەر شارىدىن ھالقىپ چىقىپ باشقا پىلانېتتا تۇرۇپ يەر شارىنى تەتقىق قىلسا ئاندىن چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. ئەگەر بىر پىلانېت يەر شارى بىلەن ئەسلىدە ناھايىتى ئوخشىشىپ كەتسە، ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى ئوخشاش بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئارقىلىق سېلىشتۇرما تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغاندا، نۇرغۇن ئىلھامغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
مارس خۇددى يەر شارىنىڭ قوشكېزەك قېرىندىشىغا ئوخشايدۇ. جېڭ يۇڭچۈن مۇنداق دېدى: مەسىلەن، ئىلگىرى مارستا دېڭىز-ئوكيان بار ئىدى، ھازىر يوق، ئالىملارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى، دېڭىز-ئوكيان چۆكۈندىلىرى، سۇ پارلىرىنىڭ ئايلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تەتقىقات تېمىسى قىلىشقا بولىدۇ.
يەنە مەسىلەن، ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات ھەمىشە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى يەر شارىدا يېپىنچا ئۆسۈملۈك، ئاتموسفېرا قاتلىمى، سۇ يۈزى قاتارلىق ھەر خىل تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بولغاچقا، ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مودېلى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ. مارستىمۇ قۇم-بوران چىقىدۇ، قار ياغىدۇ، ھەر خىل ھاۋا رايى ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھاۋا رايى مودېلى يەر شارىنىڭكىدىن كۆپ ئاددىي. بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئالىملار نۇرغۇن يېڭى تەتقىقات تېمىلىرىنى تاپالايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مارستا يەنە ئېگىز تاغ، جىلغا، يانار تاغ، مۇزلۇق، سوغۇق، قۇرغاق رايونلار بار. « ئەگەر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەرقايسى تەتقىقات ئورۇنلىرىنى مارسقا كۆچۈرگەندە، نۇرغۇن پەنلەر ئۇ يەردىن تەتقىقات باش تېمىسىنى تېپىپ، پۈتۈنلەي يېڭى تەتقىقات نۇقتىسىغا ئېرىشەلەيدۇ»

来源:科技日报
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部