+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-20 11:23 763 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كودنى سىكاننېرلاپ ھەق تۆلەش مودا بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ماي قاچىلاش رايونى ئىچىدە ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ كودنى سىكاننېرلاپ ھەق تۆلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىشتا زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار.

«جۇڭگو ئوت ئۆچۈرۈش»نىڭ ئورگان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، جېجياڭ خەينىڭدا ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ «كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىش» بىخەتەرلىكىگە قارىتا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلىپ، « يانفوننىڭ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى» نى تەجرىبە قىلغان، يەكۈن كىشىنى ھەيران قالدۇرغان!

خەينىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەمۇرىي جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسىدىن باشقا ساھەدىكى دېلولاردا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ گۇمانىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەپتىش تارماقلىرى مەخسۇس خەۋەرلىشىش مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى ھەمدە تۆت خىل ئەھۋالدىكى يانفوننىڭ تەڭ ئۈنۈملۈك تەكشى يۈزلۈك دولقۇن قۇۋۋەت زىچلىقى (W/m2) نى (ئېلېكتىر ماگنىت رادىئاتسىيەسى) سىناق قىلدى.

022c88fc-0b1f-4d44-96eb-eced79e5d1b4.jpg

نەتىجىدە، كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلغاندىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ قۇۋۋىتى يانفوندا سۆزلەشكەندىكى رادىياتسىيەسىنىڭ قۇۋۋىتىگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
يەنى، يانفوندا سۆزلەشكەندىكى رادىئاتسىيە قۇۋۋىتى 2.23mW/m2 ، ئىككىلىك كود سىكانېرلىغاندىكى رادىئاتسىيە قۇۋۋىتى 4.45mW/m2 بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان دائىرە ئىچىدە يانفوندا سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىشتا بەلگىلىك خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش ئۆمىكى «ماي قاچىلاش ماشىنىسنىڭ يېنىدا كۆچمە چىقىم قىلىشتا يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت» دېگەن يەكۈننى چىقاردى.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە نەنجىڭ، سۇجۇ، لوياڭ قاتارلىق جايلار بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ماي قاچىلاش رايونىدا يانفون ئارقىلىق ھەق تۆلەشنى چەكلىگەن، كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تاپشۇرماقچى بولغانلار ماي قاچىلاش پونكىتى ئىشخانىسىغا كىرىپ كۆچمە چىقىم قىلسا بولىدىكەن.

s_6207f739e1b545fdb22ed6ce9b8c7e59.jpg

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يانفون بىر خىل سىمسىز رادىيو ئالاقە قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىمسىز رادىيو تارقىتىش ئاپپاراتى تارقاتقان رادىيو دولقۇنى (رادىيو چاستوتىسىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى) نى قوبۇل قىلىپ، ئانتېننادا رادىيو چاستوتىلىق توك ھاسىل قىلىدىكەن.
رادىيو چاستوتىلىق توك مېتال ئۆتكۈزگۈچلەر ئارا ئايلانما ئېقىم شەكىللەندۈرگەندە، داتلىشىش ياكى تىگىشىش ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى بولسا، چاستوتىلىق ئۇچقۇن پەيدا بولىدۇ، چاستوتىلىق ئۇچقۇن بىر مىكرو سېكۇنتتىن ئارتۇق داۋاملاشسا، ئېنېرگىيە 6 مىللىۋاتتىن چوڭ بولسا، مېتان بىلەن ھاۋانىڭ ئارىلاشما گازىغا ئوت ياقىدۇ.
ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئاپتوموبىل ياكى موتوسىكلىتنىڭ ماي باكىغا بېنزىن قۇيغاندا، ئەسلىدىكى قۇرۇق ماي باكىدىكى ماي گازى سىرتقا تارقىلىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىدىن قۇيۇلغان بېنزىنمۇ ھاۋاغا تارقىلىپ، ماي قاچىلىنىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئەتراپىدىكى ماي گازىنىڭ زىچلىقى تېز ئاشىدۇ.
ئالاقىلىشىش سىگنالىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىش ئۈچۈن، كۆچمە تېلېفوننىڭ ئىشلىتىلىش چاستوتىسى ناھايىتى يۇقىرى، تارقىتىش قۇۋۋىتى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، گەرچە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، يەنىلا ماي قاچىلاش، گاز قاچىلاش پونكىتلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部