+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-19 10:30 716 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كىچىك بالىلارنىڭ خاتا مەشغۇلات قىلىپ ئويۇنغا پۇل خەجىلىۋېتىش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈندىدار كىچىك ئويۇنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پۇل قايتۇرۇش مەشغۇلاتى، ئالاقىسىدە دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا، سۇپىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پۇل قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

201901091156007183_0.jpg

ئۈندىدار كىچىك ئويۇنى 微信小游戏 ئۈندىدار كىچىك پروگراممىسىنىڭ بىر تۈرى؛ يانفونغا چۈشۈرۈش ھاجەتسىز، ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا 游戏 دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەتسىلا بىر پاتمان كىچىك ئويۇنلارنى تېپىپ بېرىدۇ. 4-5 ياشلىق كىچىك بالىللارمۇ بۇنداق ئويۇنلارنى ئىزدەپ تېپىشقا، ئويناشقا بەك ئۇستا. ئۈندىدارنىڭ ئىچىدىكى ئويۇن بولغاندىكىن پۇل تۆلەشمۇ بەك قولايلىق. دىققەت قىلمىسا بىر دەمدە پالانى پۇلنى خەجلىۋېتىدۇ. بالام ئويۇنغا مانچە پۇل خەجلىۋېتىپتۇ... دېگەن گەپنى دائىم ئاڭلايمىز. سىغىمى چوڭ چۈشۈرۈپ قاچىلايدىغان ئويۇنلارنى چوڭلار قاچىلاپ بەرمىسە ياكى چوڭلار ئوينىمىسا كىچىك بالىلار چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولالمايدۇ، بولۇپمۇ ئالما يانفوندا؛ ئەمما ماۋۇ ئۈندىدار كىچىك ئويۇنى ئويناشقا، پۇلىڭىزنى چىقىم قىلىۋېلىشقا ئىنتايىن قولايلىق.

ئۈندىدار كىچىك ئويۇنى ئورگان تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇل قايتۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلىش كۆرسەتمىسى بىلەن دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ماتېرىياللىرى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، بىر تەرەپ قىلىش جەريانى ئاپتوماتىك ھالدا ئابونتقا يەتكۈزۈلىدۇ. زاكاز تالونى بىلەن پۇل قايتۇرۇش ئىلتىماسى باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر ئىنكاس قىلىش جەھەتتە، ئۈندىدار كىچىك ئويۇن سۇپىسى زۆرۈر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلىش تەپسىلاتى ۋە ئاچقۇچىلار  (ئويۇن ياسىغۇچىلار) بىر تەرەپ قىلغان پۇلنى قايتۇرۇش سۈرئىتى / نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. ئاچقۇچىلار بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، سىستېمىما بىرىنچى بولۇپ ئابۇنىتلارغا بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۇقتۇرىدۇ.

بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە، ئاچقۇچىلار ئابونتلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىستېمال پاكىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى ھەمدە ئىككى خىزمەت كۈنى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش قايتما ئىنكاسىنى تاماملىشى كېرەك. ئەگەر خېرىدار ئاچقۇچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىگە رازى بولمىسا، پۇل قايتۇرۇش نەتىجىسىگە قارىتا ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئاچقۇچىلار داۋاملىق چوڭقۇر چۈشىنىپ ھۆكۈم قىلىشى ھەمدە يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئەرزنى ئىككىنچى قېتىم بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئاچقۇچىلار بىر تەرەپ قىلىش ئىلتىماسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ياكى ئەڭ ئاخىرىدا ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن بىردەك پىكىر ھاسىل قىلمىسا، سۇپا ئارىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۈندىدار كىچىك ئويۇنغا خەجىلۋەتكەن پۇلىنى قايتۇرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى:
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۈندىدار كىچىك ئويۇنىغا پۇل چىقىم قىلىۋەتكەنلىكى جەزملەشكەندىن كېيىن، شۇ ئويۇنغا قايتا كىرىپ، ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئۈچ چېكىتنى چېكىپ، ئاندىن 反馈与投诉 نى چېكىمىز.

01.jpg

支付问题 نى چېكىمىز.

02.jpg

未成年人支付退款 نى چېكىمىز.

微信截图_20200719100632.jpg

تۆۋەندىكىدەك مەسىلىنىڭ تەپسىلاتى، پۇل تۆلەش ئىسپاتى، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىملىك ئىسپاتىنىڭ رەسىمى، ھامىيسىنىڭ كىملىك ئىسپاتىنىڭ رەسىمى، قورامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ھامىيسنىڭ مۇناسىۋەت ئىسپاتى... قاتارلىقلارنى يوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ. قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىملىكى بولمىسا نۇپۇس دەپتىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بېتىنى رەسىم تارتىپ يوللىسا بولىدۇ.

微信截图_20200719100717.jpg

يوللاپ بولغاندىن كېيىن ئىلتىماس يوللانغانلىق ئۇقتۇرۇشى كۆرۈنىدۇ، ئاندىن بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى كۈتسىڭىز بولىدۇ.

微信截图_20200719095646.jpg

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部