+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-18 11:12 1176 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
7-ئاينىڭ 16-كۈنى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ساھەسىدە دۇنيا بويچە بىرىنجى ئۇرۇندا تۇردىغان تەيجىدىيەن (台积电)نىڭ 2-پەسىللىك نەتىجە ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تەيجىدىيەننىڭ باش مۇدىرى ليۇ دېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيجىدىيەن بارلىق بەلگىلىمىلەرگە پۈتۈنلەي رىئايە قىلىدۇ، 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ خۇاۋېينىڭ زاكازىنى قوبۇل قىلمىدۇق، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ چەكلىشى ئۆزگەرمىسە، 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن كېيىن خۇاۋېيغا مال تەمىنلەشنى توختىدۇ.
بۇ خەۋەر چىقىشى بىلەن، خۇاۋېي يەنە بىر قېتىم قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى.

1000.png

تەيجىدىيەن نېمىشقا بۇنداق قارار چىقىرىدۇ؟
تەيجىدىيەن (باش شىتابى جۇڭگو تەيۋەندە) پۈتۈن دۇنيا بويچە بىرىنجى ئۇرۇندا تۇردىغان كەسپىي توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ياساش مۇلازىمەت كارخانىسى بولۇپ، ئالما، خۇاۋېي، كۇۋالكوم قاتارلىق دۇنيادىكى 400 دىن ئارتۇق خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلىپ، 7000 خىلدىن ئارتۇق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىپ، كومپيۇتېر مەھسۇلاتى، خەۋەرلىشىش مەھسۇلاتى ۋە ئىستېمال تۈرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. يانفون مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ۋاكالىتەن ياسايدۇ ياكى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئۆزىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەيجىدىيەن مال تەمىنلەشنى توختاتسا خۇاۋېينىڭ چىلىن مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىمۇ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختايدۇ.

TrendForce ئېلان قىلغان بۇ يىل 2-پەسىلدە يەر شارى ئۆزەك ساھەسىنىڭ بازار سانلىق مەلۇماتىدا، تەيجىدىيەن %51.5 بازار ئۈلۈشى بويىچە ئالدىدا ماڭغان، بازار ئىگىلەش نىسبىتى 2-ئورۇندا تۇرغان سامسۇڭنىڭ 2.7 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.
خۇاۋېي تەيجىدىيەننىڭ ئىككىنچى چوڭ خېرىدار بولۇپ، %15 كەسىپ مىقدارى بىلەن تەمىنلىگەن. ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرمىگەن بولسا تەيجىدىيەن بۇنداق چوڭ خېرىدارىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتى.
بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېينى جازالاش يېڭى بەلگىلىمىسى بار.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلى 15-سېنتەبىردىن كېيىن، ئەگەر كىرىستال لامپا زاۋۇتلىرى ئامېرىكا سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تىزىملىكى (CCL) دىكى ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنى قوللانغان بولسا، خۇاۋېي ئۈچۈن ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى كېرەك.
ياخشى يېرى، بۇ بەلگىلىمىدە 120 كۈنلۈك «تەييارلىق قىلىۋېلىش» ۋاقتى بار، يەنى پەقەت 5- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان بولسا، 9-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە خۇاۋېيغا ئېكسپورت قىلغىلى ۋە مال تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

تەيجىدىيەن مال تەمىنلەشنى توختاتسا خۇاۋېيغا قانداق تەسىرى بار؟
خۇاۋېينىڭ 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، خۇاۋېينىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ كەسىپ كىرىمى%56.63 نى ئىگىلەپ، يېرىمىدىن ئېشىپ كەتتى.
نۆۋەتتە ئەڭ ئىلغار بولغان ئۆزەك ۋاكالىتەن ياساش تېخنىكىسى بولسا تەيجىدىيەن ۋە سەنشىڭنىڭ 7nm ھۈنەر-سەنئىتى بولۇپ، خۇاۋېي بايراقدار يانفوننىڭ بوبرا كېيىك (چىلىن) 980 ئۆزىكىنى تەيجىدىيەن ۋاكالىتەن ياساپ چىققان.  
تەيجىدىيەن مال تەمىنلەشنى توختاتسا، خۇاۋېي چىلىن ئۆزىكىمۇ توختايدۇ، خۇاۋېي ئىستېمالچىلار كەسپى « 1 + 8 + N» نىڭ يادروسى بولغان يانفونغا ئەجەللىك زەربە بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزەك بولمىسا، خۇاۋېي يۇقىرى دەرىجىلىك يانفون ساھەسىدە ئىنتايىن پاسسىپ ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.
بۇ خىل تەسىر ناھايىتى تېزلا پۈتكۈل كارخانىغا كېڭىيىدۇ، بىرىنچىدىن، خۇاۋېينىڭ كەلگۈسىدىكى يانفون بازىرىنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قايتىدىن ئويلىشىش كېرەك، ئەسلىدە تۆتىنچى پەسىلدە بازارغا سېلىش پىلانلانغان Mate 40 نىڭ دەل ۋاقتىدا چىقىرىلىش-چىقىرىلماسلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ؛ كېيىنكى يىل چىقماقچى بولغان چىلىن 1020 ئۆزىكىگە تېخىمۇ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئىستېمالچىلار كەسپى زەربىگە ئۇچراپ، تىجارەت كىرىمى ئازىيىپ، مەبلەغنىڭ قايتىشىغا تەسىر يېتىپ، كېيىنكى پەن تەتقىقات سېلىنمىسى، كارخانا باشقۇرۇشقا غايەت زور بېسىم پەيدا قىلىدۇ. ناچار ئايلىنىش شەكىللەنگەن ھامان، خۇاۋېي تېخىمۇ يۇقىرى تەننەرخ سەرپ قىلىپ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

1000.jpg

خۇاۋېي يانفون مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى چىلىن 990、985、820 ۋە خۇاۋېينىڭ مۇلازىمېتىر ئۆزىكى −كۈن پېڭ، 5G ئاساسىي پونكىت ئۆزىكى − تىيەنگاڭ، AI ئۆزىكى − شېڭتېڭ 910 لارنىڭ ھەممىسى 7nm تېخنىكىسى ئارقىلىق ياسالغان. تەيجىدىيەننىڭ تەمىنلىشى توختىغاندىن كېيىن، 7nm ياساش تېخنىكىسىغا ئىگە كارخانىدىن سامسۇڭلا قالىدۇ، لېكىن سامسۇڭ خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىشالامدۇ؟
ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىق بولسا، جۇڭشىننىڭ 14nm ياساش سەۋىيەسىگە قايتىشى مۇمكىن، شۇنداق بولغاندا خۇاۋېي يەر شارى خەۋەرلىشىش كەسپىدە خېلى زور ئۈستۈنلۈكىنى يوقىتىدۇ.

خۇاۋېي قانداق تاقابىل تۇرالايدۇ؟
قىسقا مۇددەت ئىچىدە، خۇاۋېي ئامباردا ساقلىۋالغان ئۆزەككە تاينىدۇ. ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىللىق يىللىق مال ساقلاش مىقدارى 170 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇاۋېي ئىلگىرى يېڭى مەھسۇلات كەشىپ قىلغاندا كۆپىنچە خام ماتېرىيال بىلەن كۆپ مەنبەلىك تەمىنلەش لايىھەسىنى قوللىنىپ، تاسادىپىي يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. خۇاۋېي ئىلگىرىكى يىراقنى كۆرەرلىكى مۇشۇ پەيتتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ. خۇاۋېي باشقا ھەمكارلىق ئۈستىدە پائال ئىزدىنىدۇ.

1000 (1).png

ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئامبار قالدۇقى ئىشلىتىلىپ تۈگىگەن، باشقا زاۋۇتلار بىلەن ھەمكارلاشمىغان تەقدىردىمۇ، خۇاۋېي مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسپى مەبلەغ ۋە سىياسەتنىڭ قوللىشى بىلەن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە بىز چوقۇم ئۆزىمىزگە تەۋە، ئىلغار بولغان زاۋۇتلارغا ئىگە بولىمىز. بۇ جەريان گەرچە جاپالىق ھەم ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن پايدىسى زور.

来源: 腾讯网

1ئادەم ئىنكاس يازدى

Omar14 ۋاقتى: 2020-7-20 14:27:43
بۇ گەپچە بولغاندا بۇ يىل كۈزدە چىقماقچى بولغان mate40pro  بايراقدار يانفۇنلىرى  بازارغا سىلىنالمايدىغان ئوخشىمامدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部