+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-17 10:17 1053 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ بىر نەچچە يىلدا، تېز زەرەتلەش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى تېزلەشتى، يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى كارخانىلار بەس-بەستە 100W، 125W لىق دەرىجىدىن تاشقىرى تېز زەرەتلەش تېخنىكىسىنى ئېلان قىلدى، لېكىن ئىزچىل تۈردە تېز زەرەتلەشنىڭ بىخەتەرلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا نۇرغۇن گۇمان ۋە تالاش-تارتىشلار بولۇپ كەلدى، بۇلار يانفون ۋە باتارېيەگە بولغان تەسىرى ھەمدە زەرەتلەش تېخنىكىسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، تېڭشۈن بىخەتەرلىك شۈەنۋۇ تەجرىبىخانىسى تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بازاردا سېتىلىۋاتقان زور مىقداردىكى تېز زەرەتلەش ئۈسكۈنىلىرىدە بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت، ھۇجۇم قىلغۇچى تېز زەرەتلەش ئۈسكۈنىسىنىڭ قۇيما يۇمشاق دېتالىنى ئۆزگەرتىپ يېزىش ئارقىلىق توك قاچىلاش ھەرىكىتىنى كونترول قىلىپ، زەرەتلىگۈچتىكى زاپچاسلارنىڭ كۆيۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ، مۆلچەردە تەسىرگە ئۇچرىغان تېرمىنال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سانى نەچچە يۈز مىليونغا يېتىشى مۇمكىن، ئومۇمەن USB ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇشى مۇمكىن.

ئىزاھات: قۇيما يۇمشاق دېتال 固件 ، ئېنگىلىزچىسى Firmware بولۇپ، EPROM (ئۆچۈرۈپ يازغىلى بولىدىغان ئوقۇشقىلا بولىدىغان ساقلىغۇچ ) دىكى پىروگرامما. ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردىكى «قوزغاتقۇچ پروگرامما»؛ يەنى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ توك يولىغا يېزىۋەتكەن پروگرامما؛ ئادەتتە ئىشلەتكۈچى بايقىمىغان بىلەن روتېر، زەرەتلىگۈچ، مودىم، توكدان، رەقەملىك فوتو ئاپپارات، بارماق دېسكا، مائۇس.... دېگەندەك ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچىدە قۇيما يۇمشاق دېتالى بار.

تېڭشۈن بۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە «BadPower» دەپ نام بەردى.
تېڭشۈننىڭ قارىشىچە، BadPower دۇنيادىكى تۇنجى رەقەملىك دۇنيادىن فىزىكا دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلالايدىغان ھەمدە تەسىر دائىرىسى كەڭ بولغان بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن .

5f10069f8e9f09670b1087d5_1024.jpg

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تېڭشۈن شۈەنۋۇ بىخەتەرلىك تەجرىبىخانىسى بازاردىكى تېز زەرەتلەشنى قوللايدىغان 35 خىل زەرەتلىگۈچ، توكدان قاتارلىق مەھسۇلاتنى سىناق قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 18 خىلىدا بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، سەككىز ئوخشىمىغان ماركا، توققۇز ئوخشىمىغان تىپتىكى تېز زەرەتلىنىدىغان ئۆزەككە چېتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئەلۋەتتە كونكرېت تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.
ھۇجۇم قىلغۇچىلار بۇ يوشۇرۇن خەۋپتىن پايدىلىنىپ، ئالاھىدە ياسالغان ئۈسكۈنە ياكى ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن يانفون، خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىق رەقەملىك تېرمىناللاردىن پايدىلىنىپ تېز زەرەتلەش ئۈسكۈنىسىنىڭ قۇيما يۇمشاق دېتالىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، زەرەتلەش ھەرىكىتىنى كونترول قىلىپ، توك قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىسىگە زىيادە يۇقىرى قۇۋۋەت يوللاپ، توك قوبۇل قىلىۋاتقان ئۈسكۈنىنىڭ زاپچاسلىرىنىڭ كۆيۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا توك قوبۇل قىلىدىغان ئۈسكۈنىنىڭ فىزىكىلىق مۇھىتىدا بىخەتەرلىك خەتىرى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى فىزىكىلىق ئۇچرىشىش ۋە غەيرىي فىزىكىلىق ئۇچرىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى خېلى بىر قىسىم ھۇجۇمنى يىراق مۇساپىلىك ئۇسۇل بىلەن تاماملىغىلى بولىدۇ، 18 خىل ئۈسكۈنىنىڭ 11 خىلىغا رەقەملىك تېرمىنال ئارقىلىق فىزىكىلىق ئۇچراشماي ھۇجۇم قىلغىلى بولىدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، BadPower بىلەن ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويمايدۇ، لېكىن ئەمەلىي مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ.

5f10069f8e9f09670b1087d6_raw.gif

بىراق بەختكە يارىشا، BadPower مەسىلىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۈسكۈنە يېڭىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر دىققەت قىلدىغان نۇقتا: ئۆزىنىڭ زەرەتلىگۈچىنى باشقىلارغا بېرىپ تۇرماسلىق، تېز زەرەتلەش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تېز زەرەتلەشنى قوللىمايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە توك قاچىلىماسلىق كېرەك.
تېڭشۈن يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوخشاش بولمىغان تېز زەرەتلەش كېلىشىمىنىڭ ئۆزىدە بىخەتەرلىكنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك پەرقى يوق، خەۋپ-خەتەر ئاساسلىقى USB ئېغىزى ئارقىلىق قۇيما يۇمشاق دېتالنى ئۆزگەرتىشكە رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىق ھەمدە قۇيما يۇمشاق دېتالنى ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتىغا قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش-بارماسلىققا باغلىق.

شۈەنۋۇ تەجرىبىخانىسى بازاردىكى تېز زەرەتلەش ئۆزىكىگە قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىپ، % 60 كە يېقىن تەييار مەھسۇلاتتا USB ئېغىزى ئارقىلىق قۇيما يۇمشاق دېتالنى يېڭىلاش ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقىغان، شۇڭا بۇ ئۆزەكلەرنى ئىشلىتىپ مەھسۇلات ياسىغاندا، لايىھەلىگەندە بىخەتەرلىكنى تولۇق ئويلىشىپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش مېخانىزمى، قۇيما يۇمشاق دېتال كودى، يۇمشاق دېتالدىكى يوچۇق قاتارلىقلارنى قاتتىق كونترول قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.
تېڭشۈن بىخەتەرلىك شۈەنۋۇ تەجرىبىخانىسى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى« BadPower» مەسىلىسىنى دۆلەتنىڭ مەسئۇل ئاپپاراتى CNVD غا مەلۇم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار زاۋۇتلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ساھەلەرنىڭ پائال تەدبىر قوللىنىپ BadPower مەسىلىسىنى تۈگىتىشىگە تۈرتكە بولغان ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى تېز قاچىلاش تېخنىكىسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلغان.

5f10069f8e9f09670b1087d7_1024.jpg

قوشۇمچە: تېڭشۈن شۈەنۋۇ بىخەتەرلىك تەجرىبىخانىسىنىڭ ئورگان تەرەپ سوئال-جاۋابى

س 1: بۇ قېتىم BadPower نىڭ تەسىر دائىرىسى تەخمىنەن قانچىلىك؟ قايسى ئۈسكۈنە، زاۋۇتلار BadPower مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
ج: بىز ھازىر ئاساسلىقى بىر قىسىم زەرەتلىگۈچ، توكدان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئانالىز قىلدۇق. لېكىن ئەمەلىيەتتە تېز زەرەتلەش تېخنىكىسىنى قوللايدىغان، سىرتقا توك بىلەن تەمىنلەيدىغان بارلىق ئۈسكۈنىلەردە مۇشۇنداق مەسىلە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.
تېز زەرەتلەش تەمىنلەش كەسىپ زەنجىرىدىكى كارخانىلار بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ تېز زەرەتلەش ئۈسكۈنىلىرىنى، ئۆزىكىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، USB توك بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى BadPower قۇۋۋىتى زىيادە ئېشىپ كېتىش ھۇجۇمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ھېچ بولمىغاندا بۇ خەتەرنى چۈشىنىش كېرەك.

س 2: كارخانىلار BadPower مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ ئىستىمالچى نېمە قىلىشى كېرەك؟
ج: كارخانىلار BadPower مەسىلىسىنى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ. ئۈسكۈنە زاۋۇتلىرى ئەھۋالغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، سېتىلىپ بولغان مەھسۇلاتلاردىكى BadPower مەسىلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ، مەسىلەن، رېمونت تور نۇقتىلىرى ئارقىلىق ئابۇنىتلارنىڭ زەرەتلەش ئۈسكۈنىلىرىدىكى قۇيما يۇمشاق دېتالنى يېڭىلىشىغا ياردەم بەرسە ياكى تور ئارقىلىق يانفون قاتارلىق تېز زەرەتلەش تېخنىكىسىنى قوللايدىغان تېرمىنال ئۈسكۈنىلىرىگە بىخەتەر يېڭىلاپ، زەرەتلەش ئۈسكۈنىلىرىدىكى قۇيما يۇمشاق دېتالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ.

س 3: بۇ قېتىمقى بىخەتەرلىك مەسىلىسى پىرىنسىپى جەھەتتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەت نېمە؟
ج: تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزنىڭ سىن كۆرۈنۈشىدە، مەلۇم USB توك تەمىنلەش ئۈسكۈنىسىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۈسكۈنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزەكنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتى ۋە ھۇجۇم قىلىش كۆرۈنۈشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاقىۋىتى ئوخشاش بولمايدۇ. كونكرېت ۋە زىيادە يۈك پەيدا قىلغان چاغدىكى توك بېسىمى، توك ئېقىمى، شۇنىڭدەك توك قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توك يولى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، دېتال-زاپچاسلارنى تاللاش، ھەتتا سىرتقى قاپ ماتېرىيالى، ئىچكى قۇرۇلما قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا، قۇۋۋەتنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۆزەكنىڭ تېشىلىشى، كۆيۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۇ ئارقىلىق فىزىكىلىق بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قۇۋۋەتنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۆزەكنىڭ بۇزۇلۇش ئەھۋالىنى كونترول قىلغىلى ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۆزەك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن يەنە باشقا ئىككىلەمچى ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بىز ئۆلچەش جەريانىدا مەلۇم ئۈسكۈنىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تېشىلگەن ئۆزەكنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغان لىتىي باتارىيەسىنىڭ پىلۇس مىنۇس قۇتۇپىنىڭ ئىككى پۇتى ئارىسىدىكى قارشىلىقنىڭ چەكسىز چوڭلۇقتىن نەچچە ئون ئومغا ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىدۇق.

س 4: تېڭشۈن بىخەتەرلىكى بۇ قېتىملىق بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا تېز زەرەتلەش مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى بىلەن ھەمكارلاشتىمۇ؟ كونكرېت ھەمكارلىق قانداق شەكىلدە بولىدۇ؟
ج: ھەمكارلاشتى، ئاساسلىق ھەمكارلاشقانلار شىياۋمى ۋە Anker . ئۇلار شۈەنۋۇ تەجرىبىخانىسىنىڭ زىچ ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ، بۇ قېتىمقى تەتقىقات خىزمىتىگە تۆھپە قوشقان، كەلگۈسىدە بازارغا سېلىنىدىغان تېز زەرەتلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغىمۇ شۈەنۋۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ھالقىسى قوشۇلىدۇ.

س 5: بۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىغا ئۇزۇن بولغان مەسىلىمۇ، ئەگەر شۇنداق بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە ئۇزاققىچە دىققەت قىلىنمايدۇ؟
ج: تېز زەرەتلەش تېخنىكىسى بىر قەدەر ياش تېخنىكا بولۇپ، ئۆزى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئەمدىلا باش كۆتۈردى. بۇ قېتىمقى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ مەنبەسى: بىرىنچىدىن، ساھە بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخى تونۇپ يەتمىدى، بىخەتەرلىكنى لايىھەلەش ھالقىسىنى ئىشقا ئاشۇرمىدى؛ ئىككىنچىدىن، تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرگۈزۈلگەن بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىگە قارىتا تېخى تولۇق تونۇش يوق.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك ساھەسىدە بىزنىڭ تەجرىبىخانىمىزغا ئوخشاش لايىھەلەش تۈرىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى كۆپ ئەمەس.
تېز قاچىلاش كېلىشىم ئۆزىكى بولسا بىر خىل تىپىك گىرۋەك ئۆزىكى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېلېكتىرلەشتۈرۈش، رەقەملەشتۈرۈش مۇساپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، زەرەتلىندىغان يەرلەردە مۇشۇنداق ئۆزەك بولىدۇ. ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ بۇ خىل بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دىققەت قىلىشى كەمچىل ئىدى. ئەگەر بۇ قېتىمقى تەتقىقاتىمىز بولمىغان بولسا، كۆپچىلىك ھەتتا زەرەتلىگۈچ، توكدانغىغمۇ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولاتتى.
كەلگۈسىدىكى رەقەملىك دۇنيادا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزەكلەر تور ھۇجۇمىنىڭ يېڭى يولى، يېڭى نىشانى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى بالدۇرراق ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

س 6: ئادەتتىكى يوچۇقا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى BadPower ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدە تەرەپلىرى بارمۇ؟
ج: BadPower بەلكىم دۇنيادىكى تۇنجى رەقەملىك دۇنيادىن فىزىكىلىق دۇنياغا ھۇجۇم قىلالايدىغان ھەمدە تەسىر دائىرىسى مۇشۇنداق چوڭ بولغان بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن.

来源: 腾讯网

1ئادەم ئىنكاس يازدى

قاسساپ ۋاقتى: 2020-7-20 09:52:36
يانفۇن ئارقىلىق باشقا ئۈسكىنىلەرنىڭ سېستىمىسىنى يېڭىلىغىلى بۇلامدۇ، ئەگەر بۇنداق بولسا كۆپ قىسىم زەرەتلىگۈچلەر تەسىرگە ئۇچرىغىدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部