+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-16 12:16 1135 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندا توردا بىر تۈرلۈك پاتېنت ئىلتىماسى ھەققىدىكى قاراشلار قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، بىر شىركەت ئىنتايىن قالتىس پىرىسلاش ئالگورىزىمنى كەشىپ قىلدى، نەزەرىيە جەھەتتە بىر تىرىليوندىن بىر ئۈلۈش قىسىش نىسبىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
يەنى، 10T چوڭلۇقتىكى مەزمۇننى پىرىسلاپ 6000 بايتقا قىسقارتقىلى بولىدىكەن، سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، ئاران ‏0.73KB بولۇپ، ئۈندىداردىكى بىر تال چىراي ئىپادىسىنىڭ چوڭلىقىغىمۇ يەتمەيدىكەن.

微信图片_20200716115247.jpg

بۇ قانداق سەۋىيە؟ بۇ ئالگورزىم بىلەن پىرىسلىغاندىن كېيىن، نەچچە يۈز كىنونىمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چۈشۈرۈپ بولغىلى بولىدۇ.
ھازىرقى ئىككىلىك كود تېخنىكىسى ئارقىلىق بىر ئىككىلىك كودتا 3000 بايتقا يېقىن ئۇچۇر ساقلىغىلى بولىدۇ، يەنى كىچىككىنە ئىككىلىك كود ئارقىلىقلا سىغىمى چوڭ كىنولارنى ئېلىپ كەتكىلى بولىدۇ.
داۋاملىق مۇھاكىمە قىلىشتىن بۇرۇن، پىرىسلاش تېخنىكىسى ھەققىدە «بىرەر ۋاراق ئىچىپ» قويايلى.

ھەممىگە ئايان، كومپيۇتېر سانلىق مەلۇماتى ساقلاش بوشلۇقىنى ئىگىلەيدۇ. بوشلۇقنى تېجەش ئۈچۈن، كىشىلەر پىرېسلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، «زەخمىلىك پىرېسلاش» ۋە «زەخىمسىز پىرېسلاش» تىن ئىبارەت ئىككى ساھەگە ئايرىغان.

بۇنىڭ ئىچىدە زەخمىلىك پىرېسلاش دېگىنىمىز MP4 ،MP3، JPG غا ئوخشاش ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىنو، ناخشا-مۇزىكا، رەسىملەرنىڭ پىرىسلانمىغان ھالىتى بەك چوڭ سىغىمنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، سىغىمنى كىچىكلىتىش، توردىن چۈشۈرۈش تېزلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن «زەخمىلىك پىرىسلاپ» سىغىمنى كىچىكلىتىپ، ئۈنۈمنى تۆۋەنلىتىدۇ. زەخمىلىك پىرىسلاشتا قانچە پىرىسلىۋەتسە ئۈنۈم شۇنچە تۆۋەنلەيدۇ.

微信图片_20200716115309.jpg

لېكىن كۆپ ساندىكى باشقا ئەھۋاللاردا، بىز %100 ئەسلىگە قايتۇرۇش ھۆججىتىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز، بۇ چاغدا« زەخىمسىز پىرىسلاش» نى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: winrar دېگەندەك مەخسۇس پىرىسلاش دېتاللىرىدا پىرىسلاپ سىغىمىنى كىچىكلىتىپ، ئىشلىتىدىغاندا پىرىستىن يىشىپ ئاندىن ئىشلىتىمىز. بۇنىڭدا ئەسلى ھۆججەت زەخمىگە ئۇچىرىمايدۇ.

بۇ ئۇسۇلنىڭ يادرولۇق پىكىر يولى، تېخىمۇ ئاز بولغان ئۇچۇر بىلەن ئەسلىدىكى ئۇچۇرنى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن تېلېفون نومۇرىنى تەسۋىرلىگەندە« 1111» نى« 4 دانە 1» دەپ ئوقۇسا، بۇ جەرياندا  خەت ئازىيدۇ، بۇمۇ مەلۇم پىرېسلاش ھېسابلىنىدۇ.
زەخىمسىز پىرېسلاش جەريانى « لۇغەت ئاختۇرۇش» قا ئازراق ئوخشايدۇ .

微信图片_20200716115313.jpg

بىز بىر مىسال ئالايلى، مەسىلەن، بىز مۇنداق بىر تىزىق ھەرپنى قىسقارتىشىمىز كېرەك: « < abcaacabdaaccabd> .
پۈتۈن ھەرپ-بەلگە تىزىقى ئىنتايىن ئۇزۇن، كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، قارىماققا كۆزنى بەك چارچىتىۋەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.
لېكىن ئىنچىكە كۆزەتكەندىن كېيىن، ھەرپ-بەلگە تىزىقىدا كۆپ تەكرارلانغان ھەرپ-بەلگە تىزىقى« abc» ، « aac» ۋە« abd» نىڭ بارلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
ئۇنداقتا بىز پەقەت بىر سېلىشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش جەدۋىلى قۇرۇپ، « 1» رەقىمىنى « abc» نىڭ ئورنىغا، « 2» رەقىمىنى «aac» نىڭ ئورنىغا، « 3» رەقىمىنى « abd» نىڭ ئورنىغا دەسسەتسەكلا بولىدۇ.
پۈتكۈل ھەرپ-بەلگە تىزىقى« 112323» بولۇپ ئاددىيلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ھەرپ-بەلگە تىزىقىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئىخچاملانغان.

微信图片_20200716115320.jpg

ئەگەر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، «Ⅰ» نى« 11» غا، «Ⅱ» نى« 23» گە ۋەكىل قىلدۇرساق، بۇ ھەرپ بەلگە تىزىقىنى «Ⅰ Ⅱ Ⅱ» قىلىپ ئىخچاملىغىلى بولىدۇ.

微信图片_20200716115323.jpg

كومپيۇتېردىكى پىرىسلانغان ھۆججەتلەرنىڭ پىرىنسىپى ئومۇمەن مۇشۇنداق، ئەمەلىيەتتە ھۆججەت پەقەت ھەرپ-بەلگە تىزىقىلا بولماستىن، بەلكى سانلىق مەلۇمات مىقدارى بۇنىڭدىن كۆپ چوڭ بولىدۇ.
پىرىسنى يېشىش پىرىنسىپىمۇ تەبىئىي ھالدا مۇشۇنىڭ تەتۈرسى، ئالدىنقى مىسالغا قايتىپ كەلسەك، بىز پەقەت تەرجىمە جەدۋىلىگە سېلىشتۇرۇپ، سانلارنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرسەكلا، دەسلەپكى ھەرپ-بەلگە تىزىقىغا ئېرىشەلەيمىز.

微信图片_20200716115327.jpg

بۇنداق بىر يۈرۈش مەشغۇلات لوگىكىسى لۇغەت كودلاش ئالگورزىمى دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى، تەرجىمە سېلىشتۇرما جەدۋىلى يەنى ئالگورزىمدىكى «لۇغەت». مەيلى قانداق پىرىسلاش ئالگورزىمى بولسۇن، ھەممىسى بۇ «لۇغەت» نى ئېلىپ يۈرىدۇ، يەنى كود يېشىش پارامېتىرىنى ئېلىپ يۈرىدۇ.
بۇ لۇغەتنى باشقا بىر شەكىلدە يېزىشقا تامامەن بولىدۇ: بىز يەنە ھەرپ-بەلگە تىزىقىنى abc acca bd acca bd غا پارچىلاپ، يەنە بىر خىل يېپيېڭى پىرىسلاش ئۇسۇلىغا ئىگە بولدۇق.
ئوخشاش بولمىغان پىرېسلاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان ھۆججەت شەكلىگە ماس كېلىدۇ، بىز دائىم ئۇچرىتىدىغانلىرىدىن rar / zip/7z قاتارلىقلار بار، ئەمەلىيەتتە كومپيۇتېرغا بۇنىڭ قانداق ئۇسۇلدا پىرېسلانغانلىقىنى ئېيتىۋاتىمىز.
ماس ھالدىكى تەرجىمە قورالى بولسا دائىم ئۇچرايدىغان پىرىسلاش يۇمشاق دېتالىدۇر.

微信截图_20200716115452.jpg

«زەخمىسىز پىرىسلاش» ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس، يۇقارقى لوگىكا بويچە بىۋاستە ئالگروزىم يېزىپ abcabcaacabdaacabd = 1 قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. بىراق بۇنىڭغا يېشىش لۇغىتىنىڭ سىغىمى ھۆججەت ئەسلى سىغىمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قېلىپ، ئەكسىچە سىغىمى ئېشىپ كېتىدۇ.
بۇ ئاسان ئىش ئەمەس، ھازىرغا قەدەر ئىنژېنېرلار نۇرغۇن ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، ئەڭ تېز پىرىسلاش ئۈنۈمى 2:1 گە يېقىنلاشتى.

微信图片_20200716115334.jpg

شۇڭا يۇقارقى تىرىليوندا بىر نىسبەتتە پىرىسلاش ھەقىقەتەن بىر فانتازىي.
پىرېسلاشنىڭ يۇقىرى چەك نىسبىتىنى ئەمەلىيەتتە ماتېماتىكىلىق قورال ئارقىلىق ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ.
بۇ يەردە « ئۇچۇر نەزەرىيەسىنىڭ ئاتىسى ــ كلاۋد شاننون» نى تىلغا ئالماي بولمايدۇ.
كلاۋد شاننون بىر ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ، ئۇچۇر ئېنتروپىيىسى فورمۇلاسىنى (Information entropy formula) ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ فورمۇلا ئارقىلىق بۇ گۇماننى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

微信图片_20200716115337.jpg

微信图片_20200716115342.jpg

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، بۇ ئالەمدە ئۇچۇرنى قىسىش نىسبىتىدە نەزەرىيىۋى يۇقىرى چەك بار ، ئۇ ئۇچۇرنىڭ مۇرەككەپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئەمما ئۇ بىر تىرىليوندا بىر نىسبەتتىن يىراق.
خۇلاسىلىغاندا توردا تارقالغان بۇنداق يۇقىرى نىسبەتتە پىرىسلاش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس.

微信图片_20200716115355.gif

لېكىن ھەقىقەتەن يۇقىرى پىرىسلاش نىسبىتىگە ئىگە تېخنىكىلار بار. ئەينى چاغدا بىر تال نۇر دېسكىغا 20Gb لىق ئويۇنلارنى 4Gb غا قىسىپ قاچىلىغان ئەھۋالنى ئۇچراتقان.
ماتېماتكا، ئالگورزىم جەھەتترىكى يۈكسىلىشكە ئەگىشىپ، تىرىلىيون نىسبەتكە يەتمىسىمۇ مىڭدە بىر نىسبەتتە پىرىسلاش تېخنىكىسى چىقىشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部