+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-15 11:02 1087 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئادەتتە يېڭى سېتىۋالغان يانفون ئورالما قېپىدا تىڭشىغۇچ، زەرەتلەش سىمى ۋە زەرەتلىگۈچ قاتارلىق قوشۇمچە زاپچاسلىرى بىللە چىقىدۇ، لېكىن نۆۋەتتە تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، iPhone 12 يۈرۈشلۈك يانفونىنىڭ ئورالمىسىدا بۇلار يوق ئىكەن، يەنى كەلگۈسىدە iPhone 12 نىڭ قېپىدا تىڭشىغۇچ، سانلىق مەلۇمات سىمى ۋە زەرەتلىگۈچ قاتارلىق زاپچاسلار يوق ئىكەن، بۇنىڭغا قارىتا تاراتقۇلار بەش سەۋەب كۆرسەتكەن.

1000.webp.jpg

ئوراپ قاچىلاش ئېغىرلىقنى تۆۋەنلىتىش
ئالما ھەر يىلى نەچچە يۈز مىليون دانە iPhone چىقىرىدۇ. بۇنداق كۆلەم بىلەن ھەر بىر يانفوننىڭ ئورالمىسىنىڭ ھەربىر گىرامنىڭ ئارتۇقچە ئېغىرلىقى مۇھىتقا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتىكى Apple 5W زەرەتلىگۈچنىڭ ئېغىرلىقى 23 گرام، EarPods تىڭشىغۇچنىڭ ئېغىرلىقى 12 گرام، مۇشۇ ئىككى قوشۇمچىسىنىڭ ئېغىرلىقىلا 35 گرام بولىدۇ، بۇ سىرتقى ئورالمىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ ئىككى زاپچاسنى يوقىتىش ئارقىلىق، ھەر بىر iPhone نىڭ ئېغىرلىقىنى ئاز دېگەندە 35 گىرام يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، بۇ ئاڭلىماققا ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن 100 مىليون دانە iPhone غا نىسبەتەن ئېيتقاندا 3 مىليارد 500 مىليون گرام يەنى ھەر يىلى 4000 توننىغا يېقىن ئېغىرلىقنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئون دانە بوئىن 747 ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ كېلىدۇ.
1000.webp (1).jpg

ئېلېكترون ئەخلەتلىرىنى ئازايتىش
ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىزچىل تۈردە ئېلېكترونلۇق كېرەكسىز ماددىلارنى ئازايتىشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدى، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەممىباب توك قاچىلاش ئۆلچىمىنى تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولدى. ئالما شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش لايىھەسى ئورالما قېپىدا زەرەتلىگۈچنى ئازايتىش، بۇ ئابونتلارنى ھازىر بار بولغان زەرەتلىگۈچنى تەكرار ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەخلەت مەيدانىغا ياكى يىغىۋېلىش پونكىتىغا كىرىدىغان ئېلېكترونلۇق ئەخلەتلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىدۇ.
1000.webp (2).jpg

تەنئەرقنى تېجەش
ئەمەلىيەتتە iPhone 12 نىڭ بۇ قوشۇمچە زاپچاسلارنى ئازايتىشى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ياخشى ئىش، چۈنكى ئالما بۇ زاپچاسلارنى ئازايتقاندىن كېيىن، سېتىلىش باھاسى ماس ھالدا تۆۋەنلەيدۇ.
1000.jpg

زەرەتلىگۈچ ئۇشۇقچىلىقىنى ئازايتىش
ئاز ساندىكى كىشىلەر ئايفون 12 نى تۇنجى قېتىم سېتىۋالغاندىن باشقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئايفوننىڭ مەستانلىرى؛ شۇڭا بۇرۇنقى ئايفوننىڭ زەرەتلىگۈچىنى ئورتاق ئىشلەتسە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىمسىز زەرەتلىگۈچ ئومۇملىشىۋاتىدۇ. ئالما شىركىتى بۇنداق ۋاقىتتا يەنە بىر زەرەتلىگۈچنى سەپلەش ئۇشۇقچە دەپ قارىدى. ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆيىدە 3-4 تىن زەرەتلىگۈچ، بىر پاتمان زەرەتلىگۈچ سىملىرى بار.
1000 (1).jpg

AirPods سىمسىز تىڭشىغۇچنى كېڭەيتىش
تاراتقۇلار ئەگەر قاپنىڭ ئىچىدە EarPods (سىملىق تىڭشىغۇچ) بولمىسا، ئۇنداقتا iPhone سېتىۋالغۇچىلار AirPods (سىمسىز تىڭشىغۇچ) ياكى Beats تىڭشىغۇچنى تاللىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. چۈنكى كۆپ ساندىكى iPhone ئىشلەتكۈچىلىرى ھەتتا قاپنىڭ ئىچىدىكى EarPods نى چۇۋۇمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم AirPods سېتىۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل سىمسىز تىڭشىغۇچ ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالىدۇ.

1000 (2).jpg

ئىلگىرى ھەممە يانفوننىڭ باتارىيەسى ئاجىرايتى، ھەتتا بەزىلىرى زاپاس باتارىيە بىلەن تەمىنلەيتى. ئۇ چاغدا ئايفوننىڭ باتارىيەسى ئاجىرىمايدىغان لايىھە قوللاندى، زاپاس باتارىيەدىنغۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ؛ مانا ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە باشقا يانفونلارنىڭ ھەممىسى ئايفوندەك باتارىيەسى ئاجىرىمايدىغان لايىھەنى قوللىنىۋاتىدۇ.
ئەمدى زەرەتلىگۈچ، تىڭشىغۇچ قوشۇپ بەرمەيدىغان ئىشتىن باشقا كارخانىلارمۇ «ئۈلگە» ئېلىشى مۇمكىن.
بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟

1ئادەم ئىنكاس يازدى

جەرەن ۋاقتى: 2020-7-15 17:49:39
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە بولىۋەرمەيدۇدە بۇنداق ئوشۇقچە زەرەتلىگۈچ، تىڭشىغۇچ قۇشۇپ بەرمىسىمۇ زەرەتلىگۈچنى قۇشۇپ بەرگەن بولسا چوقۇم ئالاتتىم كەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部