+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-15 11:02 1094 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دوۋيىن كومپىيۇتېر ۋە تاختا كومپىيۇتېر نۇسخىسىنى ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىۋاتىدۇ، كۆرۈنمە يۈزدىكى ئەڭ يادرولۇق ئۆزگىرىش قىسقا سىندىكى بەلگە خاراكتېرلىك تىك ئېكران مەشغۇلاتىدىن توغرىسىغا ئېكرانغا ئۆزگەرگەن. ئىقتىدارىدا يانفون نۇسخىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، كۆرۈنمە يۈز ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى « باش بەت» ، «بىر شەھەر» ، « ئىزدەش» ۋە « مېنىڭ» دەپ تۆت بۆلەككە بۆلۈنىدۇ.

5f0d77f662276878950029f1_1024.jpg

ھازىر كىشىلەر PC ئۈسكۈنىلىرىگە قارىغاندا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. 45-قېتىملىق «جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات ئەھۋالى ئىستاتىستىكا دوكلاتى» دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۈستەل كومپيۇتېرى، خاتىرە كومپيۇتېر ۋە تاختا كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، يانفون %99.3 لىك قاپلاش نىسبىتى بىلەن كومپيۇتېرنى مەغلۇب قىلدى. بۇ ئادەمنى مۇشۇنداق ئەھۋالدا، قىسقا فىلىم سۇپىسىنىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسىنى چىقىرىشنىڭ يەنە زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

5f0d77f662276878950029f0_1024.jpg

دوۋيىنغا ئىككىنچى باھار كېرەك.
قىسقا سىن سۇپىسىدا روشەن تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى بار.
فاڭجېڭ ئاكسىيەسى ئېلان قىلغان 2013-2020-يىللىق قىسقا سىن دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىسقا سىن 2018-يىلى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، ئېشىش سۈرئىتى تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن. « چاغان» + « يۇقۇم ئەھۋالى» نىڭ  قوشۇلۇشى بىلەن، كۆپ مىقداردىكى ئابۇنىتلار قىسقا سىن ئىجادىيىتى ۋە كۆرۈشكە يۈزلىنىپ، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا %15.2 بولدى.

بۇ يىل 3-ئايغا قەدەر، جۇڭگو يانفون تور ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ كۆلىمى 850 مىليونغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا سىن ئابۇنىتلىرى 773 مىليونغا يېتىپ، جۇڭگودىكى بارلىق تور ئەھلى سانىنىڭ %85.6 ىنى ئىگىلىدى.

5f0d77f662276878950029f2_1024.jpg

يەنە بىر تەرەپتىن، كۈەيشۇ ۋە ئۈندىدار سىن قانىلى قىسقا سىن بازىرىنى تېخىمۇ قىزىتتى.
QuestMobile ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئايغىچە دوۋيىن ئايلىق ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلەر سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.7 ئېشىپ 518 مىليونغا يەتكەن، كۈەيشوۋنىڭ ئايلىق ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلەر سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.4 ئېشىپ تىن 443 مىليونغا يەتكەن. جاڭ شياۋلوڭنىڭ 7-ئاينىڭ بېشىدىكى سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئۈندىدار سىن قانىلى ھوقۇق دائىرىسى رەسمىي قويۇۋېتىلىپ بىر ئايدىن كېيىن، كۈندىلىك مەشغۇلات ئابونتى سانى 200 مىليونغا يەتكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ ئېشىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەھۋالدا، ئابۇنىتلارنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى ئالاقە تورى چوقۇم تالىشىدىغان جايغا ئايلاندى. بۇ يىل 1-پەسىلدە كۆچمە ئالاقە تورى ئابونتلىرىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى %2.7 تىن %5.1 كە كۆپەيگەن، QuestMobile دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: كۈەيشوۋنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى باش ئالاقە تورى سۇپىسىدا ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئېشىشى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان.
تورت شۇنداق چوڭ، يەنە ئىككى رەقىب بار، دوۋيىنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، ئېشىش ئەندىشىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا يېڭى ئىشلىتىش مەيدانى ۋە مۇسابىقە يولى ئىزدەش كېرەك.
گەرچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون دۆلەت ئىچىدىكى تور ئابونتلىرىنىڭ %99.3 نى قاپلىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ %42.7 ى يەنىلا ئۈستەل كومپيۇتېرى ، %35.1 خاتىرە كومپيۇتېر ، %29 ى تاختا كومپيۇتېر ئىشلىتىدىكەن. ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئەزەلدىن يەككە-يېگانە، بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ باقمىغان ، دېمىسىمۇ يانفون يەنىلا نۇرغۇن ئەھۋاللاردا كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.

5f0d77f662276878950029f4_1024.jpg

رىقابەت ئالدىدا دوۋيىن ئادەتتىكى ئابۇنىتلارنىڭ ئەڭ چوڭ سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتىنى بىر مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقا ئۇزارتتى.
دوۋيىننىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسىنى چىقارماقچى بولغىنى دوۋيىننى يوۋكۇ، تېڭشۈن ۋىدېئو، bilibili قاتارلىق كومپىيۇتېر نۇسخىسى بار سىن سۇپىلىرى بىلەن رىقابەتلىشىدىغان يەنە بىر ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

begtash ۋاقتى: 2020-7-16 01:18:17
يانفۇندا ئۈستىگە سىرىۋەرگەن بىلەن، كومپيۇتېردا ئۇنداق سىرىش خوش ياقمايدۇ ھەقاچان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部