+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-14 11:39 972 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
OPPO نىڭ «5 مىنۇت زەرەتلەپ 2 سائەت سۆزلىشىش» تەشۋىقات سۆزى ئىستىمالچى تەرىپىدىن ئەرز قىلىندى.
سەۋەبى، ئىستىمالچى سىناق قىلىش ئارقىلىق ئوپپو تەشۋىق قىلغان ئۈنۈمگە يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئىستېمالچىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىتا، OPPO ئىنكار قىلدى.
OPPO نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تېمپېراتۇرا ℃20-℃30، نىسپىي نەملىك %45-%75، ھاۋا بېسىمى 86kPa-106kPa بولغان مۇھىتتا، يانفوننىڭ توك مىقدارى %1 بولغان ئەھۋالدا، تېلېفونلىشىشتىن باشقا يانفون مۇلازىمىتى ۋە ئىقتىدارى (VoLTE ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېتىۋېتىلىپ، ئۆلچەملىك زەرەتلىگۈچ ئارقىلىق بەش مىنۇت زەرەتلىنىدۇ.
ئاندىن، يانفوننىڭ سىگنالى تولۇق بولغان، قارا ئېكران ھالەتتە، سۆزلىشىش ئاۋاز مىقدارى %50 بولغان ھالەتتە، سىرتقى ئاۋاز ياڭراتقۇنى ئاچمىغان ھالەتتە سۆزلەشسە ئىككى سائەت تېلېفون قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، پەقەت ئالاھىدە بەلگىلەنگەن مۇھىت، شەرت ئاستىدا بەش مىنۇت توك قاچىلاپ ئىككى سائەت سۆزلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا، ئىستېمالچى بۇ دەۋادا يېڭەلمىدى.

1000 (1).jpg

لى ئەپەندى 2019-يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سۇنىڭ مال سېتىۋېلىش سۇپىسىنىڭ نەنجىڭدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن بىر دانە OPPO R17 سېتىۋالغان.
يانفون سېتىۋالغاندا، ئۇ ساتقۇچىدىن بۇ يانفونغا بەش مىنۇت توك قاچىلاپ، ئىككى سائەت سۆزلەشكىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا سورىدى. سېتىش خادىملىرى R يۈرۈشلۈكىنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق تېخنىكا بارلىقى، سېتىشتىكى يارقىن نۇقتا ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن پاتېنت ئىلتىماس قىلغانلىقى توغرىسىدا جاۋاب قايتۇردى.
لى ئەپەندى OPPO شىركىتىنىڭ ئېلان تەشۋىقاتىدىكى «5 مىنۇت زەرەتلەپ، 2 سائەت سۆزلەشكىلى بولىدۇ» نىڭ راستلىقىنى سىناپ باقماقچى بولدى.

كېيىن، لى ئەپەندى دوستىغا ھاۋالە قىلىپ بۇ يانفونغا ئىككى قېتىم تەجرىبە قىلغان ھەمدە پۈتۈن جەرياننى سۈرەتكە ئالغان.
تەجرىبە فىلىمى (1) دە كۆرسىتىلىشىچە: ئۆي تېمپېراتۇرىسى 25 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، يان تېلېفون ئېتىك ھالەتتە، باتارېيەنىڭ توك مىقدارى %1 تىن باشلاپ ۋاقىتنى ھېسابلاپ بەش مىنۇت توك قاچىلىغان، باتارېيەنىڭ توك مىقدارى %9 كە يەتكەن، ئاندىن يەنە بىر يانفون ئارقىلىق R17 سۆزلەشكەن، سۆزلىشىش جەريانىدا قارا ئېكران ھالىتىنى ساقلاپ، سۆزلىشىش ۋاقتى بىر سائەت 45 مىنۇت 48 سېكۇنتقا يەتكەندە، بۇ R17 نىڭ توكى خوراپ تۈگەپ ئۆچكەن.
تەجرىبە فىلىمى (2) ئۆي تېمپېراتۇرىسى 24 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، باتارېيەنىڭ توك مىقدارى %30 تىن باشلاپ ۋاقىتنى ھېسابلاپ بەش مىنۇت توك قاچىلىغان، باتارېيەنىڭ توك مىقدارى %38 كە يەتكەن، ئاندىن كېيىن يەنە بىر يانفوندا R17 بىلەن سۆزلەشكەن، سۆزلىشىش ۋاقتى بىر سائەت 38 مىنۇت بولغاندا بۇ R17 يانفونىنىڭ توك مىقدارى %8 خورىغان.

لى ئەپەندى مەن سېتىۋالدىغاندا قايتا قايتا سورىسام بەش مىنۇت زەرەتلەپ ئىككى سائەت سۆزلەشكىلى بولىدۇ دېگەن، ئالاھىدە شەرت ھازىرلانغاندا ئاندىن شۇنداق بولىدۇ دېمىگەن؛ ئوپپو شىركىتى ئېلان تەشۋىقاتتا ساختىلىق ئىشلەتتى دەپ قاراپ ئەرز قىلغان.
بۇنىڭغا ئاساسەن، لى ئەپەندى OPPO شىركىتىنىڭ ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى دەرھال توختىتىپ، « بەش مىنۇت توك قاچىلاپ، ئىككى سائەت سۆزلىشىش» توغرىسىدىكى ئېلان سۆزىنى توختىتىشنى، ھەمدە كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە يانفون باھاسىنىڭ ئۈچ ھەسسى بويچە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىستىمالچىنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىشىغا قارىتا، OPPO ئىككى پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن تەمىنلىدى، بىرىنچىسى جۇڭگو سەيباۋ تەجرىبىخانىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى. «بەش مىنۇت توك قاچىلاپ، ئىككى سائەت سۆزلىشىش» نىڭ سانلىق مەلۇماتى دەل مۇشۇ دوكلاتتىن كەلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە: تېمپېراتۇرا ℃20-℃30، نىسپىي نەملىك %45-%75، ھاۋا بېسىمى 86kPa-106kPa بولغان مۇھىتتا، يانفوننىڭ توك مىقدارى %1 بولغان ئەھۋالدا، تېلېفونلىشىشتىن باشقا يانفون مۇلازىمىتى ۋە ئىقتىدارى (VoLTE ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېتىۋېتىلىپ، ئۆلچەملىك زەرەتلىگۈچ ئارقىلىق بەش مىنۇت زەرەتلىنىدۇ.
ئاندىن، يانفوننىڭ سىگنالى تولۇق بولغان، قارا ئېكران ھالەتتە، سۆزلىشىش ئاۋاز مىقدارى %50 بولغان ھالەتتە، سىرتقى ئاۋاز ياڭراتقۇنى ئاچمىغان ھالەتتە سۆزلەشسە ئىككى سائەت تېلېفون قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئەمەلىي سۆزلىشىش ۋاقتى يانفون ئىشلىتىش كونكرېت شارائىتى سەۋەبىدىن ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان: ساتقۇچى خادىم لى ئەپەندىگە ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارمىغان، تەشۋىقاتنى خاتا يېتەكلىمىگەن، تەشۋىقاتتا كۆپتۈرگەن، ئەھۋالنى قەستەن ئۇقتۇرمىغان ياكى ھەقىقىي ئەھۋالنى قەستەن يوشۇرغان ئىش يوق، ئالدامچىلىق شەكىللەندۈرمەيدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپپونىڭ تەشۋىقات رەسىمىدىكى «بەش مىنۇت توك قاچىلاپ، ئىككى سائەت سۆزلىشىش» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدا كىچىك قىلىپ، «بۇ سانلىق مەلۇمات ئالاھىدە مۇھىتتا تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن بولۇپ، يانفوننىڭ ئىشلىتىلىش ھالىتى ۋە ئىشلىتىش مۇھىتىدا پەرق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلىي ئۈنۈمىدە پەرق بولۇشى مۇمكىن» دەپ يېزىپ قويۇلغان.

1000.webp.jpg

سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، بۇ كىچىك خەتنىڭ مەزمۇنى لى شياۋلياڭنىڭ پەقەت بەش مىنۇت توك قاچىلىسىلا چوقۇم ئىككى سائەت سۆزلەشكىلى بولىدۇ دېگەن يەكۈنىنى چىقىرىپ تاشلاشقا يېتەرلىك ئىكەن، بۇ OPPO شىركىتىنىڭ ئېنىق ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى، ساختا تەشۋىق قىلىش، تەشۋىقاتقا ئازدۇرۇش، تەشۋىقاتنى كۆپتۈرۋېتىش قىلمىشىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئالدامچىلىقنى تېخىمۇ شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
7-ئاينىڭ 10-كۈنى نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى لى x نىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلدى.

来源:腾讯网
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部