+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-14 11:39 741 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىد ئالمىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىس بىر تالانت ئىگىسى.
جوبىسنىڭ ۋۇجۇدىدىا كىشىلەر ئۆگىنىشنى خالىسىلا، دەرھال ئۆگىنەلەيدىغان ئارتۇقچىلىقلار بار.

1000.png

بۇ جوبىسنىڭ 12 ياش ۋاقتىدىكى بىر ۋەقە.
جوبىس 12 ياشقا كىرگەندە، بىر چاستوتا سانىغۇچ ياسىماقچى بولغان، لېكىن ئۇنىڭدا بىر قىسىم زۆرۈر زاپچاسلار كەمچىل ئىدى.
ئەگەر باشقا بالا ئالىدىغان پۇلى بولمىسا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىسە، ئامالسىز قېلىپ ۋاز كېچىشى مۇمكىن.
لېكىن جوبىس ۋاز كەچمىدى، ئۇ ناتونۇش كىشىلەردىن ياردەم سوراشنى تاللىدى.
جوبىسنىڭ ھېس قىلىشىچە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ بولغىنى خۇيپۇ شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى بىل خۇۋلىت ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېلېفون دەپتىرىدىن بىل خۇۋلىتنىڭ تېلېفونىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا تېلېفون بەردى.
جوبىس مۇنداق دېدى: « ياخشىمۇسىز، مەن سىتىۋ جوبىس، 12 ياش، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. مەن بىر چاستوتا سانىغۇچ ياسىماقچى ئىدىم، سىزدىن ئارتۇق زاپچاسنىڭ بار يوقلىقىنى سوراپ باقاي دېگەن ئىدىم»
تېلېفوننى ئالغان خۇۋلىت جوبىسنىڭ تەلىپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.
ئاندىن ئۇ جوبغا چاستوتا سانىغۇچ ئەسۋابى ياساشقا ياردەم بەردى، يەنى جوبىسنىڭ بىر يازلىق تەتىلدە خۇيپۇ شىركىتىدە خىزمەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.
جوبىس خۇيپۇ زاۋۇتىنىڭ ئاقما لىنىيەسىدە چاستوتا سانىغۇچ قۇراشتۇردى.
بۇ قېتىمقى كەچۈرمىش جوبسقا ئىلھام ئاتا قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن جوبىس دائىم باشقىلارغا تېلېفون قىلىپ تۇردى.
بۇ جوبىسنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشتۈردى.

جوبىس 1994-يىلى كىرىمنىي جىلغىسى تارىخ جەمئىيىتىدە بۇ ھېكايىنى ئورتاقلاشقان.
جوبىسنىڭ قارىشىچە، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلمىغانلىقىدا.
كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەزەلدىن ناتونۇش تېلېفوننى ئالمايدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەزەلدىن تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىمايدۇ.
نېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ياردەم تەلەپ قىلىشنى خالىمايدۇ؟
ئاساسلىق سەۋەبى ئۇلار رەت قىلىنىشتىن قورقىدۇ.
كۆپ ساندىكى كىشىلەر ياردەم تەلەپ قىلىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار دائىم يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەر خىل سەلبىي ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىدۇ.
ئۇلار دائىم «ئەگەر مەن رەت قىلىنسام قانداق قىلىمەن؟ » ، « ئەگەر ئۇلار مېنى مەسخىرە قىلسا قانداق قىلىمەن؟ دەپ ئويلايدۇ.
بۇ خىل قاراش ئىنسان تەبىئىتىنى ئاساس قىلىدۇ، بەلكىم ھېچكىم رەت قىلىنىش ۋە مەسخىرە قىلىنىشنى بىر كۆڭۈللۈك ئىش دەپ قارىماسلىقى مۇمكىن.
لېكىن، شۇ سەۋەبتىن باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا جۈرئەت قىلمىسا، چوڭ خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.
چۈنكى باشقىلاردىن ياردەم سوراش خەتىرى تۆۋەن، پايدىسى يۇقىرى ئىش.
ھېچكىم سىزنى ياردەم سورىدىڭ دەپ تىللىمايدۇ. بەلكىم رەت قىلىشى مۇمكىن. لېكىن 9 ئادەم رەت قىلىپ، بىر ئادەم سىزنىڭ پىلانىڭىزغا قايىل بولۇپ ياردەم قىلسا غەلبە قىلدىڭىز دېگەن گەپ.
باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغاندىكى زاڭلىق قىلىنىش، سەلبى تەسىر چەكلىك؛ ئەمما غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى چەكسىز.

1000.jpg

فرانكلىن ئېففېكتى دەپ بىر قانۇنىيەت بار، سىز ياردەم قىلغان ئاشۇ كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىلگىرى سىزگە ياردەم قىلغان كىشىلەر سىزگە يەنە بىر قېتىم ياردەم قىلىشنى تېخىمۇ خالايدۇ.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، باشقىلارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلىش.
باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئادەملەر بار، شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
بۇ ئۇسۇل يەنە قىز يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكىمۇ ماس كېلىدۇ، قارشى تەرەپكە ياردەم بەرگۈچى ئەمەس، ياردەم قۇبۇل قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقسىڭىز ئويلىمىغان ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部