+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-13 10:23 1259 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەركىزى تېلېۋزىيە ئىستانسى ئىختىساد قانىلى (央视财经) خەۋىرى، ئالپ تورى تەرجىمىسى.
بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا دېگۈدەك بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بار، ئىچىدىكى ھەرخىل ئەپلەر خىزمەت، تۇرمۇشقا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ نۇرغۇن شەخسىي ئۇچۇرلىرىمىزغا ئېرىشتى. بەزى ئەپلەرنىڭ سىزگە يوللىغان ئۇچۇرى ئىنتايىن «توغرا» بولۇپ، ھەتتا سىز نېمىنى ئويلىسىڭىز، ئەپ سىزگە شۇنى يوللاپ بېرىدۇ. ئەپنىڭ بۇ خىل «كۆڭلۈمدىكىنى تېپىشى» قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە خەتىرى بارمۇ؟



https://v.qq.com/x/page/q3114iln6j6.html

بېيجىڭدىكى يۈەن چىڭپەن ئەپەندىدە يېقىندا بىر گۇمان پەيدا بولدى. دوستلىرى بىلەن يۈز تۇرانە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقان (توردا ئەمەس) نەرسە ئەتىسىلا ئۆزىنىڭ يانفوندىكى ئەپ ئەۋەتكەن ئۇچۇردا پەيدا بولغان.  

1000.jpg

يۈەن چىڭ پەن: دوستۇم بىلەن پاراڭلاشقاندا خورمىنى تىلغا ئالغان، بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يانفونۇمدا خورما توغرىسىدىكى تەۋسىيەلىك فىلىم كۆرۈندى. مەن بەك ھەيران قالدىم، ھېچقانداق ئىزدەش خاتىرىسى يوقكەن (خورما ھەققىدە)، قانداق قىلىپ مەن ئالدىنقى كۈنى تىلغا ئالغان خورمىغا مۇناسىۋەتلىك فىلىمنى تەۋسىيە قىلغاندۇ؟
ھەدىدىن زىيادە دەل جايىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇن يۈەن چىڭپەنگە «ھەيرانلىق» نى ھېس قىلدۇردى. بۇ يۈەن چىڭپەن بىر ئادەمنىڭ تەسىراتى ئەمەس.

1000 (1).jpg

لى ئەپەندى: بەزى ئەپلەرنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالاقە خاتىرىسىنى ئوقۇش دېگەندەك ھوقۇققا ئېرىشىشىگە قوشۇلۇش كېرەك. مەن بۇ ئۇچۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھوقۇق بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.
جى خانىم: دەلىللەش كودىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يانفون نومۇرىنى كىرگۈزگەن، ئىككىنجى كۈنى ياكى بىر قانچە كۈندىن كېيىن نامەلۇم نومۇردىن تېلفون كېلىپ مەلۇم نەرسىلەرنى تەشۋىق قىلدى.

1000 (2).jpg

ئالدىنقى ھەپتە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 2020-يىلى 2-تۈركۈمدىكى ئابونتلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان ئەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئىسمى ئاتالغان 15 ئەپ ئىچىدە، 13 ى شەخسىي ئۇچۇرنى زىيادە توپلاش، جۈملىدىن «شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئالدىغا توپلاش» ، « شەخسىي ئۇچۇرلارنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ توپلاش» ، « ئۈچىنچى تەرەپكە ئۆز ئالدىغا بەھرىلەپ بېرىش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بۇنداقتا شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.
جۇڭگو ئۇچۇر ئالاقە تەتقىقات يۇرتى تېل تېرمىنال تەجرىبىخانىسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى نىڭ خۇا: ئابونتلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، بەلگىلىك ۋاقىت ئارىلىقى بويىچە سىستېما API (ئۇلاش ئېغىزى) نى قەرەللىك يۆتكەپ، كۆپ قېتىم ئورۇن ئۇچۇرى، ئەپ تىزىملىكى قاتارلىق ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ئەھۋالى بار. بۇ يېڭى مەسىلىلەر بۇ يىل ئەپ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش، تۈزەشنىڭ يېڭى مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى.

1000 (3).jpg

بىر قىسىم قانۇنسىز تور تەشۋىقاتى شايكىلىرىمۇ شەخسىي ئۇچۇرغا كۆز تىكتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ج خ مىنىستىرلىقى 15 ئۆلكىدە قەرز پۇل تۈرىدىكى تور ئالدامچىلىقى جىنايەتچىلىرىگە زەربە بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز شايكىلارنىڭ تىغ ئۇچىنى قەرز ئېلىش مۇددىئاسى ئېنىق كىشىلەرگە قاراتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئالاقە تورى، يانفون ئەپ قاتارلىقلارنى كۆرۈش، ئىزدەش خاتىرىسىگە ئاساسەن، قەرز بېرىش مۇددىئاسىنى تەھلىل قىلىپ، نۇرغۇن ساختا قەرز ئېلانىنى دەل جايىدا تارقاتقانلىقىنى ھەمدە ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى بايقىدى.
360 گۇرۇھىنىڭ بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىسى يۈ كۈي: ئالاقىلىشىش خاتىرىسى ۋە قىسقا ئۇچۇرغا ئېرىشسە، ئابونتلارنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قەرز ئېلىش ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىككىنچى قېتىم ساتقىلى، مەخسۇس ئالدامچىلىق قىلىدىغانلارغا سېتىپ بەرگىلى بولىدۇ.

ئەپلەر يوشۇرۇن ۋاستە ئىشلىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ.

1000 (4).jpg

بارغانسېرى دەل جايىدا تەۋسىيەلەشكە نىسبەتەن ئابۇنىتلار «ئوغرىلىقچە ئاڭلاش» تىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى، شەخسىي ئۇچۇرغا زىيادە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ھەقىقەتەن مەۋجۇت. بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەخسۇس ئەپ تۈزەش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مەجبۇرىي ھوقۇق بېرىش، ھوقۇقنى زىيادە ئېلىۋېلىش، شەخسىي ئۇچۇرلارنى دائىرىدىن ھالقىپ توپلاش قاتارلىق قىلمىشلارنى ھەر ۋاقىت كەسپىي جەھەتتىن نازارەت قىلىپ باشقۇردى. دەل جايىدا تەۋسىيەلەشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ شەخسىي ئۇچۇرغا ھەددىدىن زىيادە ئېرىششنىڭ چېگىرىسى قانداق بېكىتىلىدۇ.

ئەپ مەخسۇس تۈزەش خىزمەت گۇرۇپپىسىدا، شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى قوغداش سىنىقى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ئىجتىمائىي ئالاقە تۈرىدىكى ئەپ ئەمدىلا يانفونغا قاچىلىنىپ، بىر قېتىممۇ ئېچىلمىغان بولسىمۇ، سىرتقا سانلىق مەلۇمات يوللاشقا باشلىغان.
ئەپ مەخسۇس تۈزەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى خې يەنجې مۇنداق دېدى: ئەپ شەخسىيەت بەلگىلىمىسىدە بۇ ئىشنى تىلغا ئالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى قوزغىلىش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي يوشۇردى، يەنە بۇ ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ مۇلازىمېتىرىغا يەتكۈزدى، بۇنىڭ دەلىللىرى بار. بۇ قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۇچۇر توپلىغان بىر خىل قىلمىش.

1000 (5).jpg

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئەپ ئېرىشكەن تۇنجى ئۇچۇر كۆپ ھاللاردا يانفوننىڭ IMEI نومۇرى، يەنى كۆچمە ئۈسكۈنە پەرقلەندۈرۈش نومۇرى ئىكەن. بۇ بىردىنبىر پەرقلەندۈرۈش نومۇرى يانفوننىڭ كىملىكىگە باراۋەر. مەيلى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن« ئېلىپ كېتىش» ياكى« ئوغرىلاپ كېتىشكە رۇخسەت قىلماسلىق» بولسۇن، ئەپ كۆچمە ئۈسكۈنە پەرقلەندۈرۈش نومۇرىغا ئېرىشكەن ھامان، خاس يوللاش ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، مەخسۇس تۈزەش خىزمەت گۇرۇپپىسى كۆپلىگەن ئەپلەرنى سىناق قىلغاندىن كېيىن، ئەپنىڭ ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىنى ئۆزى ئىشلىتىپلا قالماستىن، ھەتتا قىسمەن ئەپلەر ئۇچۇرنى ئۈچىنچى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بايقىدى.

1000 (6).jpg

ئەپ مەخسۇس تۈزەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى خې يەنجې: بۇ بىر خىل ئۈچىنچى تەرەپ SDK (يۇمشاق دېتال ئېچىش قورال بوغچىسى) بولۇپ، ئۇ قوزغىتىلغاندىن كېيىنكى مېخانىزم ئارقىلىق، ئابۇنتلارنىڭ يان تېلېفونىدىكى IMEI نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋېتىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، App ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈچىنچى تەرەپ ‏SDK ‏‏50 تىن ئاشىدىكەن. ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بۇ ئۈچىنچى تەرەپ SDK نىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ يوشۇرۇن بولۇپ، نۆۋەتتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى قىيىن نۇقتا بولۇپ قالدى.
360 گۇرۇھىنىڭ باش بىخەتەرلىك ئەمەلدارى دۇ يۆجىن: قانۇندا بىر قىسىم ئېنىق بەلگىلىمە بار، مەسىلەن، ئالاقىلىشىش خاتىرىسى سانلىق مەلۇماتى، قىسقا ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتى، نۇقتىدىن نۇقتىغا قارىتىلغان خەۋەرلىشىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھەرگىز ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ، لېكىن باشقا بىر قىسىم جايلار ئانچە ئېنىق ئەمەس.
جېجياڭ داشۆ تور بوشلۇقى بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوۋ ياجىن: ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك ھوقۇق پىرىنسىپى بار، يەنى ئەگەر بۇنداق قىلمىغاندا ياكى مەلۇم بىر خىل ئېھتىياجلىق ھوقۇقنى ئېلىۋەتكەندە، ئارقا سۇپىدا ئىجرا قىلىۋاتقان مەلۇم بىر مەشغۇلاتنى ئېلىۋەتكەندە، ئەپنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتمەيدۇ، ئۇنداقتا بۇ ھوقۇققا ئېرىشىشكە بولمايدۇ. (ئەپ تەلەپ قىلىۋاتقان بەزى ھوقۇقنى بەرمىسىمۇ ئەپنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتمىسە، ئۇنداقتا بۇنداق ھوقۇقنى تەلەپ قىلىش نورمال ئەمەس)

1000 (7).jpg

يانفوندا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇش، پايدىلىنىش، ھەمدە خاسلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئەسلى ياخشى ئىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار ئەپنىڭ شەخسىي ئۇچۇرغا قانۇنسىز ئېرىشىش قىلمىشىنى قەرەللىك ئاشكارىلىدى، ئەپكە قارىتىلغان تۈرلۈك شەخسىي سىر سىياسەتلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئېرىشكەن تەننەرخ يۇقىرى، قانۇن خەتىرى چوڭ بولغاچقا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە، كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئاۋازى، يوللىغان رەسىمى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ يىغىلىشىدىن زىيادە ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىكەن.

ئەپ مەخسۇس تۈزەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى خې يەنجې: بۇنداق مۇرەككەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇسۇلدا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئارقىلىق مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا قارىتا بۇنداق ئىشنى قىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. دەل جايىدا تەۋسىيەلەپ يوللاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، بەلكىم دوستىڭىز بۇنداق تاۋارنى ئىزدىگەن بولۇشى مۇمكىن (بەيدۇدىن چاپان دەپ ئىزدەتسىڭىز ئەتىسىدىن باشلاپ سىز زىيارەت قىلغان تور بەتتە چاپانلارنىڭ ئېلانى كۆرۈنىدۇ، بۇ نورمال ئىش) چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭلارنى بىلىپ، بۇ كىشىلەرنى مۇشۇنداق ئۇچۇرغا ئېرىشتۈرىدۇ، لېكىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەبى باردەك، « ئوغرىلىقچە ئاڭلىغاندەك» ھېس قىلىسىز.

بىراق، مۇتەخەسسىسلەر يەنە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بارغانسېرى كۆپلىگەن يېڭى تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئابۇنىتلارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش تەننەرخى ۋە خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىۋاتىدۇ. بۇ يىل 3-ئايدا، جېجياڭ داشۆنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يانفون ئەپلىرى ھەتتا يانفون ئىچىگە ئورنىتىلغان تېزلىنىش سېنزورىدىن پايدىلىنىپ، يانفون ياڭراتقۇسىدىن چىققان ئاۋازنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسىنى يىغالايدىكەن. بۇنداق تېخنىكا ئىشلەتكۈچىلەر ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا شەخسىيەت كېلىشىمىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، قانۇنلۇق ھالدا ئاۋازلىق ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ.
(يانفوندىكى باشقا سېنزور ئارقىلىق ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان ئاۋازنى ئۈنگە ئالالايدۇ دېمەكچى)

360 گۇرۇھىنىڭ باش بىخەتەرلىك ئەمەلدارى دۇ يۆجىن: ئادەتتىكى ئابۇنتلارنىڭ قىلالايدىغىنى ناھايىتى چەكلىك، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئەپنىڭ ئىچىدىكى شەخسىيەت باياناتىغا قاراپ بېقىڭ، لېكىن سەل چوڭراق ئەپلەرنىڭ ھەممىسى قانۇن-نىزاملارنى بىلىدۇ، بويسۇنىدۇ، بۇنداق شەخسىيەتكە ئائىت مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

جېجياڭ داشۆ تور بوشلۇقى بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوۋ ياجىن مۇنداق دېدى: بەزى كارخانىلار شەخسىي مەخپىيەتلىكتىن ئەگىپ ئۆتۈش كېلىشىمى مېخانىزمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئابۇنىتلارنىڭ شەخسىيىتىنى داۋاملىق زىيارەت قىلىدۇ، ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقمايدۇ، سىز بايقىۋالالمايسىز، ئەمەلىيەتتە تېخنىكا جەھەتتىكى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

1000 (8).jpg

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇلتۇر 12-ئايدا، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق تۆت تارماق« ئەپلەرنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇر توپلاش، ئىشلىتىش قىلمىشىنى بېكىتىش ئۇسۇلى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئابۇنىتلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.



1ئادەم ئىنكاس يازدى

يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2020-7-13 15:55:29
مۇنداق ئىشمۇ بار دەيلى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部