+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-11 11:09 806 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خۇاۋېي يانفونىنىڭ ئالما، سامسۇڭ بىلەن بىللە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ بىرى بولالىشىدا مۇنداق ئىككى نۇقتا بار.
بىرىنچى نۇقتا، خۇاۋېي يانفونىغا ئۆزى تەتقىق قىلغان بوبرا كېيىك بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەتكەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مەغرۇرلۇق تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن، خۇاۋېي سېتىۋالساق دۆلىتىمىز مەھسۇلاتىنى قوللىغانلىق بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئىككىنجى نۇقتا چەتئەللىكلەرنىمۇ جەلىپ قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ خۇاۋېي بايراقدار يانفوننىڭ سۈرەتكە تارتىشى نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى خۇاۋېي ئۆزى ياكى تاراتقۇلار ئويدۇرۇپ چىقارغان بولماستىن، بەلكى كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلىدىغان نوپۇزلۇق ئاپپارات DXO باھالاپ چىققان.

1000.webp.jpg


微信截图_20200711102921.jpg


DXO خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق باھالاش ئورگىنى؛ كىشىلەر DXO نىڭ باھالىشىغا ئىشىنىدۇ. بولۇپمۇ يانفوننىڭ رەسىم تارتىش، كامېرا ئىقتىدارىنى باھالاشتا بۇلار ئەڭ داڭلىق.
ئەلۋەتتە DXO نىڭ نوپۇزىدىن گۇمانلىنىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، ئادەتتىكى تورداشلاردىن تارتىپ خېلى كۆپ پەن تېخنىكا كارخانىلىرى DXO نىڭ يانفون سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنى باھالاشتا ئادىل ۋە ئىلمىي بولغان-بولمىغانلىقىدىن گۇمانلانغان. يېقىندا بىر مۇھىم شەخس ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇنىڭغا مەلۇم دەرىجىدە جاۋاب بەردى. ئۇ ئوپپونىڭ سابىق مۇئاۋىن لىدىرى شېن يى رېن.

Huawei-P40-Pro-DXOMARK.jpeg

شېن يى رېن مۇنداق دېدى: سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىغا نومۇر قويۇپ باھالاش نەتىجىسىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك، ھەق تاپشۇرۇپ «دەرىجە تەڭشەش» كە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ، يانفون سېتىۋالغاندا فوتو ئاپپارات سېتىۋالغاندا ياقتۇرسا سېتىۋېلىش، ياقتۇرمىسا سېتىۋالماسلىق كېرەك. ئاۋاز ئىقتىدارىغا نومۇر قويۇشمۇ ئوخشاش قائىدە، ئۆزىڭىز بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ بېقىڭ. گەرچە شېن يىرېن بۇ بىر ئابزاس سۆزىدە DXO نى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى دەل DXO، چۈنكى ھازىر بىر قەدەر داڭلىق، ئىستىمالچىلارنىڭ ھۆكۈمىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغاندىن، پەقەت DXO لا بار. شۇڭا DXO نىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنى باھالاشتا «ھەق ئېلىش» مەۋجۇت، پەقەت نومۇر قويۇش رەت تەرتىپىگە بىۋاسىتە ھەق ئېلىنمايدۇ.
بۇنىڭدەك «نوپۇزلۇق» باھالاش ئورگىنىنىڭ باھالاش ئوبېكتىدىن «ھەق ئېلىپ» باھالاپ نومۇر قويۇپ دەرىجىگە تىزىشى ئوبىيكتىپ ئادىللىقنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.

来源:腾讯网
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部