+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-11 11:09 755 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-7-11 10:54  

ThinkPad X1 Fold لىيەنشىياڭنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىگە تەرەپ تورىغا چىقىرىلدى. بۇ دۇنيا بويچە تۇنجى ئېكرانى قاتلىنىدىغان كومپىيۇتېر. بۇ يىل كۈزدە بازارغا سېلىنىدۇ.

5e1423ec8e9f09757e78b5ce_1024.jpg

ThinkPad X1 Fold  كە دۇنيا بويچە تۇنجى بولۇپ 13.3 دىيۇملۇق قاتلىنىدىغان OLED ئېكران ئىشلىتىلگەن. قاتلاپ يېرىمىنى كۇنۇپكا تاختىسى قىلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، ئايرىم كۆكچىشلىق كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

20200710_193515_565.png

بۇ كومپىيۇتېرغا Intel Hybrid ۋە Intel UHD Gen 11 تېخنىكىسىدىكى Intel Core مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ؛ UHD Gen 11 سىنكارتا ئىشلىتىلگەن. گەۋدىسىگە يىنىك بىرىكمە مېتال ۋە كاربون تالاسى ئىشلىتىلگەن. ئېغىرلىقى بىر كىلوگىرامغا يەتمەيدۇ.

Lenovo-ThinkPad-X1-Fold-1.jpg

يۇقىرى تىپلىقىغا 8GB LPDDR4X ئىچكى ساقلىغۇچ، 1TB PCIe-NVMeM.2 2242 SSD قاتتىق دېسكا سەپلەنگەن.

5e1423ec8e9f09757e78b5cc_1024.jpg

USB Type-C Gen ئېغىزى بار، كۆكچىش 5.0 قوللايدۇ. SIM كارتا ئېغىزى بار. 5G / LTE / 4G ۋە WiFi 6 قوللايدۇ. توكى 11 سائەت يېتىدۇ. تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.
مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10X

f33fc7ed2ba4c96.jpg

باھاسى 2499 دوللار (تەخمىنەن 17336 يۈەن) دىن باشلىنىدۇ.



ئىككىنجى پەسىلدە لىيەنشاڭ كومپىيۇتېرنىڭ سېتىلىش مىقدارى دۇنيا بويچە بىرىنجى بولدى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە دۇنيا بويچە شەخىسلەر كومپىيۇتېرى (PC) نىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاشقان. ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئېشىپ، 64 مىليون 800 مىڭ دانە سېتىلغان.
ئالما Mac كومپىيۇتېرىنىڭ سېتىلىشى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشقان.

1000.jpg

بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى كومپىيۇتېر سېتىش مىقدارى بويچە دەرىجىگە تىزغاندا لىيەنشىياڭ بىرىنجى، خۇيپۇ ئىككىنجى، دېل ئۈچۈنچى، ئالما تۆتىنجى بولغان.

1000 (1).jpg

ئىككىنجى پەسىلدە لىيەنشىياڭ كومپىيۇتېرنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 16 مىليون 197 مىڭ دانە بولۇپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى %25 بولغان.
يۇقۇم تەسىرىدە تۇرمۇش ۋە ئىشخانا ئىشلىرىدا كومپىيۇتېرغا بولغان ئېھتىياج ئېشىپ؛ كومپىيۇتېرنىڭ مۇھىملىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.
كۆچمە تور، يانفوننىڭ ئومۇملىشى بىلەن كومپىيۇتېر ئىشلىتىدىغانلار، تور بەتكە چىقىدىغانلار ئازايغاندەك قىلسىمۇ، كومپىيۇتېر يەنىلا ئىنتايىن زۆرۈر؛ كومپىيۇتېر ئىشلەپچىقىرىش قورالى؛ يانفون كارخانىلىرىنىڭ ھەدەپ قاتلىنىدىغان ئېكرانلىق يانفوننى تەتقىق قىلىشى، چوڭ ئېكرانلىق يانفونلارنى بازارغا سېلىشى يانفوننى كومپىيۇتېرلاشتۇرۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部