+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-10 11:08 1281 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
iQOO بۇ يىل 5-ئايدا تۇنجى لىيەنفاكې بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن iQOO Z1 نى ئېلان قىلىپ، ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى يۇقىرى ۋە قوش 5G قوللايدىغان يانفونىنىڭ باھاسىنى 2500 يۈەنگە چۈشۈرگەن.
تۆنۈگۈن iQOO Z1x نى ئېلان قىلىپ 5G بازىرىغا 1500 يۈەنلىك يەنە بىر يانفوننى قوشتى. بۇ يانفوننىڭ ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 120Hz
بۇ يانفوننىڭ ئىسمىدە ئالدىنقى iQOO Z1 كە قارىغاندا بىر X ئارتۇق بولسىمۇ، ئۇنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى ئەمەس.

1000.jpg

iQOO Z1x قا 120Hz لىق ئېكران ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئوخشاش دەرىجىدىكى روڭياۋ X10 نىڭ 90Hz، خۇڭمى  Redmi 10X 5G نىڭ 60Hz، بۇ جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە.

iQOO-XZ-7-1.jpg

باتارىيەسى 5000mAh بولۇپ، iQOO Z1 دىن 500mAh يۇقىرى. 33W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

iQOO-XZ-6-1.jpg

بۇ يانفونغا كۇۋالكوم 765G مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن. ئويۇن ئويناش جەھەتتىكى ئىپادىسى ياخشى. كۇۋالكومنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىغا يەتمىسىمۇ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك يانفونغا نىسبەتەن ئويۇن ئويناش جەھەتتە راۋانلىقىتا مەسىلە يوق.

DSC01783.jpg

ئېكرانى 6.57 دىيۇملۇق LCD ئېكران، ئېنىقلىقى 2408×1080 ، ئالدى كامېراسى تۈشۈك شەكىلدە. بارماق ئىزى سېنزورى يان تەرەپتە. NFC قوللىمايدۇ.

0099 (1).gif

iQOO-XZ-33.jpg

ئاساسىي كامېراسى 48 مىليون پىكسېل، يەنە 2 مىليون پىكسېللىق مەۋھۇملاشتۇرۇش كامېراسى ۋە مىكرو ئارىلىق كامېراسى بار. كېچىدە رەسىمگە تارتىش،  Hyper-HDR نى قوللايدۇ.


vivo X50 يۈرۈشلۈكىدە « كونا سۈرەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» تىن ئىبارەت يېڭى ئىقتىدارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ھازىر بۇ ئىقتىدار iQO Z1x كە قوشۇلدى، رەسىم ئالبومدىكى سۈرەتنىڭ « 编辑-修复» تاللاش تۈرى ئارقىلىق كونا، تۇتۇق رەسىمنى ئوڭشاشقا بولىدۇ.
بۇ خىل ئىقتىدار بولسا AI سۈرەت ئۆگىنىش ئىقتىدارى ئارقىلىق سۈرەت كەمتۈكلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈردىغان بولۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش يۇمشاق دېتالىغا ئوخشاش دانىخورەك، داغلارنى يوقىتىش؛ يەنە بىرسى رەسىمنىڭ قىسمەن جايلىرىنى چېكىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش.


باھاسى:
6G+64GB سىغىملىقى 1598  يۈەن
6G+128GB سىغىملىقى 1798  يۈەن
8G+128GB سىغىملىقى 1998 يۈەن
8G +256GB سىغىملىقى 2298 يۈەن

بۇ يانفونغا ئوخشاش كۇۋالكوم 765G مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتكەن يانفوندىن يەنە خۇڭمى K30i مۇ بار. ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
K30i گە 6.67 دىيۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن، ئالدى كامېراسى تۈشۈك شەكىللىك قوش كامېرا. ئېنىقلىقى 2400x 1080 ، ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 120Hz ، بارماق ئىزى سېنزورى يان تەرەپتە.

pms_1590634054.82077553.jpg

ئاساسىي كامېرا 48 مىليون پىكسېلىق CMOS كامېرا، يەنە 8 مىليون پىكسېللىق كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا، 5 مىليون پىكسېللىق چوڭقۇرلۇق كامېراسى، 2 مىليون پىكسېللىق مىكرو ئارىلىق كامېراسى بار. ئالدى كامېراسىنىڭ 20 مىليون پىكسېل + 2 مليون پىكسېللىق چوڭقۇرلۇق كامېراسى.
NFC قوللايدۇ. 3.5mm لىق تىڭشىغۇچ تۆشۈكى بار.
باتارىيەسى 4500mAh بولۇپ، 30W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

1000 (1).jpg

ھازىرقى باھاسى 6G+128GB سىغىملىقى 1499 يۈەن.
K30i نىڭ باتارىيەسىدىن باشقا يېرى iQOO Z1x بىلەن ئوخشاش ياكى ياخشىراق، باھاسى 300 يۈەن ئەرزان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部