+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-9 16:01 897 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-7-9 16:01  

پەن ـ تېخنىكا تۇرمۇشنى ئۆزگەرتتى، ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدە زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئالاقە تورى ئېلېكتىرونلۇق سودا مال سېتىۋېلىش سۇپىلىرى بارلىققا كېلىپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زور دەرىجىدە قولايلىق ياراتتى. ئېلېكتىرونلۇق سودا مال سېتىۋېلىش سۇپىسى كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، تۇرمۇشتىكى بارلىق نەرسىلەرنى بۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ، تۆۋەندە ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئون چوڭ ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى ھەققىدە توختىلىمىز.
يانفون قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرغاندا «قانداق سېتىۋالىمىز»، «نەدىن سېتىۋالىمىز؟» دەپ سورايدىغان تورداشلار مۇشۇلاردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ.

8e62290df44b4acca0def3f61b0ca281.jpg

1. تىيەنماۋ tmall.com

7f7c3dcc800947cdba1ad1c1dfa10e71.jpg

ئەلى بابا گۇرۇھى 2012-يىلى تاۋباۋ ئاساسىدا تيەنماۋ سودا شەھەرچىسىنى قۇرغان بولۇپ، تيەنماۋ تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇنىۋېرسال مال سېتىۋېلىش تور بېكىتىگە ئايلانغان. تيەنماۋ ئىلگىرى تاۋباۋدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىپ، B2C غا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن ھەم نۇرغۇن داڭلىق ماركا سودىگەرلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، سودىگەرلەر ۋە ئىستېمالچىلارنى بىر بېكەتلىك مال سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

بۈگۈنكى كۈندە تيەنماۋ «چوڭ تيەنماۋ 大天猫» غا كۆتۈرۈلۈپ، تيەنماۋ كەسپىي توپى، تيەنماۋ تاللا بازىرى كەسپىي توپى، تيەنماۋ ئىمپورت ـ ئېكسپورت كەسپىي بۆلۈمىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەكنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تيەنماۋ تاللا بازىرى، تيەنماۋ خەلقئارا بازىرى قاتارلىق ماركىلار ئارقا ـ ئارقىدىن تورغا چىقىرىلدى. تيەنماۋ نۇرغۇن داڭلىق ماركىلىق بايراقدار دۇكانلارنى جەلپ قىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە سۈپىتىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى، ئۇنىڭ %100 سۈپەتلىك تەشۋىقات شوئارى كۆپ قىسىم كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.
تىيەنماۋنى تاۋباۋنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى دەپ قارىساق بولىدۇ. ماللىرى تاۋباۋغا قارىغاندا سۈپەتلىك، ئىشەنچىلىك.

2. تاۋباۋ taobao.com

d61ffa6fb0f5431cbcefe4e3bd8b5ecc.jpg

تاۋباۋ تورى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىر قەدەر چوڭ تور پارچە سېتىش سودا چەمبىرىكى بولۇپ، ئەلى بابا گۇرۇھى 2003-يىلى 5-ئايدا قۇرغان. تاۋباۋ تورى جۇڭگو قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن توردا مال سېتىۋېلىش، پارچە سېتىش سۇپىسى بولۇپ، نەچچە يۈز مىليونغا يېقىن رويخەتكە ئالدۇرغان خېرىدار سانى بار، ھەر كۈنى نەچچە ئون مىليون، ھەتتا نەچچە يۈز مىليون مۇقىم زىيارەتچى بار.
تاۋباۋ تورى كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى ۋە خېرىدارلار سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىرلا خىل C2C تور بازىرىدىن C2C، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، بۆلۈپ سېتىش، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال پارچە سېتىش سودا چەمبىرىكىگە ئايلاندى.
نۆۋەتتە تاۋباۋ دۇنيا بويچە چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سودا سۇپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تاۋباۋ بىلەن تيەنماۋ دۆلەت ئىچىدە بىر قەدەر چوڭ بازارنى ئىگىلىدى.

3. جىڭدوڭ jd.com

03e57d521c1b429da1433906fd0490a2.jpg

جىڭدۇڭ 2004-يىلى قۇرۇلغان، جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال تور پارچە سېتىش سۇپىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى.

جىڭدۇڭ 2012-يىلى جۇڭگو  B2C بازىرىدا %49 ئۈلۈشنى ئىگىلەپ، پۈتۈن تەمىنلەش زەنجىرىگە تايىنىپ جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىدىكى ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق كېڭەيتتى. ھازىر جىڭدۇڭدا شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگو، غەربىي جەنۇب، ئوتتۇرا جۇڭگو، شەرقىي شىمالدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 360 تىن ئارتۇق شەھەردە يادرولۇق تەقسىملەش پونكىتى قۇرۇلدى. جىڭدۇڭ باشتىن ئاخىر ساپ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسى بويىچە تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇردى ھەمدە ئوتتۇرىدىكى ھالقىلارنى قىسقارتتى، ئۆزى قۇرغان ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى بار.
جىڭدۇڭدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە يانفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە سۈپىتىگە ئىشىنىشكە بولىدۇ، بولۇپمۇ جىڭدۇڭدىكى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش دۇكانلىرى ۋە ھەر قايسى داڭلىق ماركىدىكى بايراقدار دۇكانلاردا، كۆپچىلىك يانفون ۋە توڭلاتقۇ قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ.

4. پىن دودو 拼多多

7bebb61d949142cca78bc2c61804839c.jpg

پىن دودو كۆمەكلىشىپ مال سېتىۋالدىغان ئۈچىنچى تەرەپ ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بولۇپ، 2015-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. ئابونتلار دوستلىرى، ئائىلىسىدىكىلەر، قوشنىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ ئەرزان باھادا ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلارنى سېتىۋالالايدۇ.
پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي ئالاقە ئىدىيەسى تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىچە بولغان يېڭى سودا تەپەككۇرىنى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى ئىككى يىلدا، پىن دودونىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، تاۋباۋ ۋە جىڭدوغا يېتىشىۋالدى، ھەتتا ئەلى بابا ۋە جىڭدوغا بەلگىلىك تەھدىت پەيدا قىلدى.

5. سۇنىڭ suning.com

96acc3146bb94bdab0cb4b63051e70b7.jpg

سۇنىڭ سودا سۇپىسى سۇنىڭ گۇرۇھى 2009-يىلى سۇنىڭ ئېلېكتىر سايمانلىرى تور سودا شەھەرچىسى ئاساسىدا قۇرغان B2C ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېكىتى بولۇپ، باش ئىشتابى نەنجىڭغا جايلاشقان.
ئالاقە تورىدا پارچە سېتىش دەۋرىدە، سۇنىڭ پارچە سېتىش، ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تەمىنلەش بۇلۇتى، ئەشيا ئوبوروتى بۇلۇتى، پۇل مۇئامىلە بۇلۇتى، ماركېتىڭ بۇلۇتى ئارقىلىق، ئەمەلىي دۇكاندىن تورغىچە، شەھەردىن ناھىيە بازىرىغىچە، مال سېتىۋېلىش مەركىزىدىن مەھەللىگىچە ھەممە يەرنى قاپلىغان تۇرمۇش چەمبىرىكى لايىھەسىنى بەرپا قىلدى.
ھازىر سۇنىڭ دۆلەت ئىچى B2C كەسپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى.

6. داجوڭ دىيەنپىڭ dianping.com

bd4ef32fc0324fcb87e5134f643cde79.jpg

دىيەنپىڭ تورى 2003-يىلى 4-ئايدا شاڭخەيدە قۇرۇلغان.جۇڭگو بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يەرلىك تۇرمۇش ئۇچۇرى ۋە سودا سۇپىسى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان مۇستەقىل ئۈچىنچى تەرەپ ئىستېمالىنى باھالاش تور بېكىتى.
دىيەنپىڭ تورى ئىستىمالچىلارنى تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇچۇرى، ئىستېمال باھاسى ۋە ئىستېمالدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، ئاشخانا زاكاز قىلىش، سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئەزالىق كارتىسى قاتارلىق توردا سودا قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 10 يىلغا يېقىن سانلىق مەلۇمات جۇغلانمىسى ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم يېمەك-ئىچمەك تىجارەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

7. يى خاۋ دىيەن yhd.com

704d6559e2c94fdeaec23eed30c8ad2e.jpg

2008-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگو ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدىكى «تور تاللا بازىرى» نىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
بۇ شىركەت خەلقئارادا ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە كۆپ يۈرۈش ئېلېكتىرونلۇق سودا باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھەم كۆپ تۈرلۈك پاتېنت ۋە يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ھەم سىستېما سۇپىسى، سېتىۋېلىش، ئامباردا ساقلاش، يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە خېرىدارلار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە زور كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئۆزىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى بەرپا قىلغان.
لېكىن 2013-يىلى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىن، باشقا ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئىزچىل تۆۋەنلەپ كەتتى. 2017-يىلى جىڭدۇڭ تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان.

8. گومېي gome.com.cn

fa05ea2522f54846bddd26f15ad610b6.jpg

« گومېي» لىنىيەسى ئەسلىدە« گومېي» ئېلېكتىر سايمانلىرى تور سودا شەھەرچىسى بولۇپ، 2011-يىلى قۇرۇلغان، جۇڭگو كەسپىي كومپيۇتېر، يانفون، رەقەملىك ئۈسكۈنىلەر، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، تۇرمۇش ئېلېكتىر سايمانلىرىنى توردا سېتىشنى ئاساس قىلغان.

9. ۋېي پىن خۇي vip.com

fd6448e2c3d947368f02f44be63c82ce.jpg

ۋېي پىن خۈي 2008-يىلى قۇرۇلغان،  ئاساسلىق تىجارەت كەسپى توردا داڭلىق ماركىلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىش بولۇپ، داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەك، ئاياق, سومكا، گىرىم بۇيۇملىرى، ئانا-بالىلار بۇيۇملىرى، ئائىلە بۇيۇملىرى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋېيپىنخۈي « داڭلىق ماركىدا ئېتىبار بېرىش + چەكلىك ۋاقىتتا تالىشىپ سېتىۋېلىش + ھەقىقىي مەھسۇلات كاپالىتى» دىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.
ۋېيپىنخۇي« مەخسۇس ئالاھىدە سېتىش تور بېكىتى» گە ئورۇن بەلگىلەپ، ھەر كۈنى يېڭى مەھسۇلات چىقىرىپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بىر ئۈلۈش باھادا ئېتىبار قىلىش ۋە خۇشاللىققا تولغان ۋاقىت چەكلىمىسى بويىچە تالىشىپ سېتىۋېلىش ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئىستېمالچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك مال سېتىۋېلىش تەسىراتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

10. ۋاڭيى يەن شۈەن

3470ef7e55ee4f2dba05362626adce7b.jpg

2016-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ۋاڭيى بايرىقى ئاستىدىكى تاللانغان ماللار ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى.
ۋاڭيىنىڭ ئېھتىياتچان پوزىتسىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىردا چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەش سودىگەرلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى، ھازىر ئون چوڭ تۈرنى قاپلىدى.

سىز بۇ سۇپىلارنىڭ قايسسىدىن مال سېتىۋالغان؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部