+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-8 10:59 1134 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان خۇاۋېي خۇڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ئېلان قىلىنغىنىغىمۇ بىر يىل بولاي دېدى. ئەڭ يېڭى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، خۇاۋېي خۇڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسى پات ئارىدا 2.0 نۇسخىسىنى چىقىرىدۇ. كومپىيۇتېر، خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تېرمىنال ئۈسكۈنىلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
گەرچە خۇاۋېي خۇڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسىدىن توختىماي خۇش خەۋەر كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما  خۇاۋېينىڭ چىلىن ئۆزىكىنى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساش ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس. نۆۋەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، تەيجى دىيەننىڭ خۇاۋېينى خەيسى ئۆزىكى بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقانلىقى مۇقىملىشىپ قالدى. بۇ خۇاۋېينىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ئۆزەك ئۈزۈلۈپ قېلىش» كرىزىسىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

1000.webp.jpg

شۇنداق بولسىمۇ، خۇاۋېي 8-ئايدا، خۇاۋېي خۇڭمېڭ مەشغۇلات ىستېمىسىنى يەر شارى بويىچە ھەقسىز ئېچىۋەتمەكچى. بۇ خۇاۋېي خۇڭمېڭ OS سىستېمىسى 2.0 رەسمىي نۇسخىسىنىڭمۇ تېخىمۇ كۆپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى خۇاۋېينىڭ ئۆزىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلەتكىلى بولۇپلا قالماي، باشقا كارخانىلارمۇ خۇاۋېي خۇڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتەلەيدۇ، ھەتتا خۇاۋېينىڭ رىقابەتچىلىرى (مەسىلەن شياۋمى، OV قاتارلىقلار) ئۆزىنىڭ يانفون مەھسۇلاتلىرىدا خوڭمېڭ OS سىستېمىسىنى ئىشلىتەلەيدۇ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خۇڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ خۇاۋېي بىلەن يۈزمۇ يۈز رىقابەتلىشەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇمۇ پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىلا مۇمكىن، قانداقلا بولمىسۇن شياۋمىغا ئوخشاش يانفون كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا خوڭمېڭ OS سىستېمىسىنى ئىشلەتكۈزۈش ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر ئىش.

1000.webp (1).jpg

ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان خۇڭمېڭ OS سىستېمىسىغا قارىتا، تورداشلار خۇاۋېي يانفون مەھسۇلاتلىرىغا خۇڭمېڭ OS سىستېمىسى سەپلىنەمدۇ؟ ئاندىرويىد قوللىنىشچان پروگراممىلىرىغا ماس كېلىدىغان خۇاۋېي خوڭمېڭ OS سىستېمىسى ئاستىدىكى ئاندىرويىدنى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتەلەمدۇ؟ مۇستەقىل سىستېما ئېكولوگىيەسى ۋە مەخسۇس ئەپ شەكلى بارمۇ؟ دەپ سوراشماقتا.

1000.webp (2).jpg

نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خۇاۋېي خۇڭمېڭ OS سىستېمىسى ھەقىقەتەن مەخسۇس his ئارقا قوشۇلغۇچىغا ئىگە (ئاندرويد ئەپلىرىنىڭ apk بولغاندەك)، بۇ خۇاۋېي خۇڭمېڭ OS سىستېمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پىشىپ يېتىلىشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ خۇاۋېي خۇڭمېڭ OS سىستېمىسى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىستېما تۆۋەن قاتلىمىغا ئىگە بولۇپ، تورداشلار مەسخىرە قىلغاندەك «چاپان كىيىۋالغان ئاندرويد» ئەمەس، ئۇنداقتا خۇاۋېي يانفونىغا خۇڭمېڭ OS سىستېمىسى سەپلەمدۇ؟ بەلكىم خۇاۋېي Mate 40 يۈرۈشلۈك يانفونى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن جاۋابى رەسمىي چىقىشى مۇمكىن، ئەمما ھازىر خۇاۋېي Mate 40 يۈرۈشلۈك يانفونى ئېلان قىلىشقا يەنە ئىككى ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت قالدى.

1000.webp (3).jpg

来源: 腾讯网
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部