+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-8 10:59 1058 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى كۇۋالكوم 35 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، كۇۋالكوم ھەم تونۇش، ھەم ناتونۇش ئىسىم.  بۇ كارخانا پۈتۈن دۇنيادىكى مىليونلىغان ئەقلىيفوننى يۈرەك (سىناپدىراگون يۈرۈشلۈك بىر تەرەپ قىلغۇچ) بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ مول تالاش-تارتىش خاراكتېرىگە ئىگە پاتېنت ھوقۇقى ئەندىزىسى سانسىزلىغان زاۋۇتلارنىڭ قولايلىق، تېز ھالدا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات يارىتىشىغا ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما «پاتېنت لۈكچىكى» دېگەن نام بىلەن سانسىزلىغان دەۋا ۋە جەرىمانىگە ئېرىشكەن.
(مەيلى كۇۋالكومنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلەتسۇن ياكى ئىشلەتمىسۇن دۇنيادىكى بارلىق يانفون كارخانىلىرى يانفوندا 4G, 3G سىگنالىنى قۇبۇل قىلدىغان ئىقتىدار ئىشلەتكەنلا بولسا كۇۋالكومغا پاتېنت ھەققى تاپشۇرىدۇ، ئالما، سامسۇڭ، خۇاۋېي، شىياۋمى... قاتارلىقلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)
5G دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئالاقە ساھەسىدىكى ماگنات خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلىنىدۇ.

ئۇنداقتا كۇۋالكوم قانداق قىلىپ قەدەممۇ-قەدەم ھازىرقى ئورنىغا كەلگەن؟ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بازار رىقابىتى مۇھىتى ئالدىدا، كۇۋالكوم يەنە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىنى داۋاملاشتۇرالامدۇ؟
بۇ يازمىدا كۇۋالكومنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى چىقىش قىلىپ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئىلھامى ۋە ئەھمىيىتى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگىمىز.

CDMA، ھوللىۋودتىن كەلگەن تېخنىكا.
كۇۋالكوم گەرچە 1985-يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھېكايىسىنى 40-يىللاردىكى ھوللىۋودنىڭ بىر ئايال چولپىنىدىن باشلاپ سۆزلەشكە بولىدۇ. ھەيدى لامار بىر يەھۇدىي بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئالاقە قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان. بەك چىرايلىق بولغاچقا، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېرىمىنى ئوقۇپلا سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھوللىۋودقا ئوڭۇشلۇق كىرگەن. ماقالىنىڭ ھەجىمى سەۋەبىدىن، ھەيدى لامار توغرىسىدىكى ھېكايىنى بەك كۆپ سۆزلىمەيمىز. بىز پەقەت بىرلا نۇقتىنى بىلىشىمىز كېرەك، ئۇ بولسىمۇ ئۇ پىيانىنوچى ئانسېل بىلەن ماس قەدەمدە پىيانىنو چېلىش پىرىنسىپىنى ئۆرنەك قىلىپ، « چاستوتا سەكرەش تېخنىكىسى» نى ئىجاد قىلغان، يەنى چاستوتا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئالاقە سىغىمىنى كېڭەيتكەن ھەمدە ئۇچۇرلارنى شىفىرلاشتۇرغان. ئۇلار ئەسلىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ناتسىستلارنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما، بۇ تېخنىكا ئۇ ۋاقىتتا ئىشلىتىلمەي،  كېيىنكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە قوللىنىلغان (ئەڭ ئاۋۋال خوفمان شىركىتى سودىدا ئىشلەتكەن)
ھەيدى لامار ئىجاد قىلغان «چاستوتا سەكرەش تېخنىكىسى» ھازىرقى CDMA ، Wi-Fi ، GPS قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

t01ab0f54796a59a8d5.jpg

1985-يىلى ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى (MIT) نىڭ پىروفېسسورى ئىرۋىن ياكوب باشقا ئالتە شېرىكى بىلەن بىرلىشىپ، سانتىياگودا نامى چىقمىغان بىر كىچىك شىركەت كۇۋالكوم شىركىتى (Qualcomm) نى قۇرغان، بۇ ئىسىم Quality Communicaation نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالاقە بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ياكوب ۋە خىزمەتداشلىرى ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. لېكىن، كۇۋالكومنىڭ باشلىنىشى بىر قەدەر ناچار ئىدى، كۇۋالكوم دەسلەپتە بىر پىسا قاتلىمىسى دۇكىنىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئىشخانا ئىدى.

t0168d24aa77a47dfaa.jpg

مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تونۇشىدا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بارلىق كارخانىلار قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ئىشەنچلىك قۇرغۇچى كوللېكتىپقا، پۇختا سودا پىلانىغا ۋە ئېنىق سودا ئەندىزىسىگە ئىگە بولىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا كۇۋالكومدا ئۇنداق ئەمەس. ئىرۋىن ياكوبنىڭ كېيىنكى زىيارەت خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: « كۇۋالكوم قۇرۇلغان چاغدا ئالاھىدە تەپسىلىي سودا پىلانى يوق ئىدى، شۇنداقلا ئەمەلىي مەھسۇلاتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، لېكىن بىز بىر ئىشەنچتە چىڭ تۇردۇق، ئۇ بولسىمۇ رەقەملىك خەۋەرلىشىش ۋە سىمسىز ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا چوقۇم مۇھىم رول ئوينايدۇ» . ئاڭلىماققا ئىسسىق قانلار مەۋج ئۇرغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن دەسلەپكى مەزگىلدىكى كۇۋالكوم يەنىلا باشسىز چىۋىندەك، كۆپچىلىك ھەر قايسى ساھەلەردە ئىزدىنىپ، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق شىركەتنىڭ ئايلىنىشىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى.

بىر قېتىم، كۇۋالكوم شىركىتى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى كۆچمە خەۋەرلىشىش تۈرىنى قوبۇل قىلدى، تور سىغىمى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى بۇ تۈرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى چەكلەيدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. مەسىلە ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، ئەمما خەۋەرلىشىش ساھەسىدە كۆپ يىل چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ياكوب يەنىلا ھەل قىلىش چارىسى ــ« چاستوتا سەكرەش تېخنىكىسى» نى ئاساس قىلىپ CDMA نى ئېچىش ئۈستىدە ئويلىنىپ، تور سىغىمىنى 40 ھەسسە ئاشۇرۇپ، تور سىغىمى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلدى. ئەمما ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كەمچىل بولغان مەبلەغ يەنىلا كۇۋالكوم شىركىتىنى ئېغىر دەرىجىدە چۈشەپ قويغان. ياشاش ئۈچۈن، كۇۋالكوم شىركىتى CDMA تورىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولدى ھەمدە قوبۇل قىلغان تۈرنى OmniTRACS سىستېمىسىغا ئۆزگەرتتى، يەنى سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئۇزۇن يوللۇق يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن باش ئىشتاب ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ئورۇن بەلگىلەش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى يەتكۈزۈشىنى باشقۇرۇشقا قولايلىق ياراتتى.

ئىرۋىن ياكوب بازاردا تۈرلۈك مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، CDMA نى كېيىنكى خەۋەرلىشىش ساھەسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى قىلىپ بېكىتتى. OmniTRACS سىستېمىسىغا تايىنىپ يىلتىز تارتتى، كۇۋالكوم شىركىتى ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە مەبلىغىنى توپلىدى. بۇ قېتىم كۇۋالكوم شىركىتى ئاخىرى بىر ئېنىق كۈرەش نىشانىغا ئىگە بولدى، ئۇ بولسىمۇ CDMA تېخنىكىسىنى سودىغا ئىشلىتىش ئىدى.
1989-يىلىغا كەلگەندە، كۇۋالكوم شىركىتى سان فىرانسىسكو تىنچ ئوكيان تېلېفون شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، CDMA تېخنىكىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاخىرى 1993-يىلى 7-ئايدا پۈتۈن يەر شارى ئۆلچىمىگە ئايلىنىپ، دۇنياغا يۈزلىنىش دەرۋازىسىنى ئاچتى.
مەيداندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان كۇۋالكوم تېخى خۇشال بولۇشقا ئۈلگۈرمەيلا، رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنىڭغا سوغۇق سۇ سەپتى. چۈنكى بازاردا TDMA مەيدانغا چىقتى، بۇ تېخنىكا 1989-يىلى كەسپىي ساھەدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ياۋروپا رايونىدا TDMA تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان GSM تور ئۆلچىمى ئاللىقاچان كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەمدىلا بارلىققا كەلگەن CDMA غا خىرىس ئېلىپ كەلدى.
كۇۋالكوم يوچۇقتىن ئازراق ياشاش بوشلۇقىنى تېپىش ئۈچۈن، بىر قاتار سىناقلارنى باشلىدى. 1994-يىلى، يەر شارى بويىچە تۇنجى CDMA سودا كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى جۇڭگو شياڭگاڭ ۋە تېلېگراف ئالاقىسىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۈنۈمى ئادەتتىكىچە بولغان، لېكىن CDMA نىڭ تەرەققىيات دولقۇنىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان. 1996-يىلى كورىيە بازىرى بىلەن ئامېرىكا بازىرىمۇ CDMA تورىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە زور ئۇتۇق قازاندى، بولۇپمۇ كورىيە بازىرى سودىدا تۇنجى يىلىلا بىر مىليون ئابونت بولۇش نىشانىغا يەتتى.

t0168a499e8b64cc804.jpg

لېكىن، ئەينى چاغدىكى كۇۋالكوم شىركىتى يەنە بىر يېڭى مەسىلىنى كۈتۈۋالدى، ئۇ بولسىمۇ تېرمىنال زاۋۇتلىرىنى قانداق قىلىپ ئۆز سېپىگە قوشۇلۇشقا قايىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۇۋالكوم شىركىتى ئۆزىنىڭ CDMA يانفونى − كۇۋالكوم pdQ نى ئېلان قىلدى، ئاندىن ئۇنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۇۋالكوم شىركىتى يەنە ئۆزەك ۋە ئالاقە سىستېمىسى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقاردى. بۇ خىل« يۇمشاق-قاتتىقلىقنى بىرلەشتۈرۈش» نى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئاستىدا، CDMA تورىمۇ ئاستا-ئاستا GSM بىلەن بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئەمەلىي كۈچىنى ھازىرلىدى.


كۇۋالكومنىڭ ئالتۇن دەۋرى

1999-يىلى خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى CDMA تېخنىكىسىنى 3G تېخنىكىسىنىڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى قىلىپ تاللاپ، كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ كەسىپلەردىكى ئورنىنى چەكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. شۇ چاغدىكى ئۈچ ئاساسلىق تور شەكلىنىڭ ئىسمىدىن بىز ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈۋالالايمىز. WCDMA، TD-SCDMA، CDMA 2000، بۇ ئۆلچەملەرنىڭ ھەممىسى CDMA بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇبالىغە قىلماي ئېيتقاندا، 3G نىڭ دەۋرى كۇۋالكوم دەۋرى بولۇپ، كۇۋالكومنىڭ ياخشى كۈنلىرى يېتىپ كەلدى.
كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى كەسپىي ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا تارىخىي جەرياننىڭ تۈرتكىسىگە باغلىق. ئەينى چاغدا CDMAنىڭ كونا رەقىبى TDMAمۇ تور سىغىمى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى تېخىمۇ كۆپ ئابونتلارغا ئىگە بولماقچى بولسا، تېخىمۇ كۆپ TDMA ئاساسىي پونكىتىنى سېلىشقا توغرا كېلەتتى، تەننەرخىمۇ تەبىئىيلا ئۆرلەپ كېتەتتى.  CDMA بولسا «چاستوتا سەكرىتىش تېخنىكىسى» غا تايىنىپ بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدىلا تور سىغىمى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىدى. كۇۋالكوم شىركىتى دۇنيادىكى 250 خەۋەرلىشىش شىركىتىنى بىر قېتىملىق تېخنىكىلىق ئۈلگە كۆرسىتىشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان، ئۈلگە كۆرسىتىش جەريانىدا، CDMA تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان تور قوللايدىغان ئابونتلارنىڭ سانى دەسلەپكى ئەۋلاد تەقلىدىي سىگنال تورىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن 20 ھەسسىسىگىچە بولغان، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، TDMA پەقەت ئۈچ ھەسسىچىلىك كېلىدۇ. ئىرۋىن ياكوبنىڭ نەزىرى ھەقىقەتەن ئۆتكۈر، CDMA بولسا TDMAغا قارىغاندا كەلگۈسىدىكى ئالاقىلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئۇل تېشى بولۇشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.
بىر قاتار مەشغۇلاتلار ئاستىدا، يادرولۇق تېخنىكا، زور مىقداردىكى پاتېنت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئارقا تىرىكىگە تايىنىپ، كۇۋالكوم شىركىتى پۈتكۈل ساھەدىكى ئەلئېھرامنىڭ چوققىسىغا چىقتى. CDMA تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق كارخانا كۇۋالكوم شىركىتىگە پاتېنت ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، كۇۋالكوم شىركىتى كۈچلۈكلەرنىڭ ھېكايىسىنى سودا قائىدىسىدە قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئىمپىرىيىسىنى بەرپا قىلىپ، قورقۇنۇشلۇق پاتېنت تېمى ھاسىل قىلدى.
باشقا كارخانىلارنىڭ CDMA غا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم، يۈرەكلىك ئىشلىتىشى ئۈچۈن كۇۋالكوم شىركىتى ئەسلىدىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى ۋە يانفۇن كەسپىدىن ۋاز كېچىپ، ئۈچىنچى تەرەپ زاۋۇت سودىگىرى بىلەن بولغان بىۋاستە رىقابەتتىن چېكىنىپ چىقىپ، شىركەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تېخنىكا ئېچىش، پاتېنت ھوقۇق بېرىش ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك تەتقىقاتىغا قاراتتى. ھالبۇكى، دەل مۇشۇ قارار كۇۋالكوم شىركىتى ئۈچۈن تېخىمۇ پارلاق داغدام يول ئېچىپ بەردى.
كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ئۆزەك تەتقىق قىلىش ئەمەلىي كۈچى ئاجىز ئەمەس، 2000-يىلىدىن باشلاپ، كۇۋالكوم شىركىتى ئۆزىنىڭ كۆپ ۋاستىلىق ئۆزىكىگە GPS توپلاشتۇرۇشنى باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، كۇۋالكوم شىركىتى ئوخشاش بىر ئۆزەككە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنى توپلاشتۇرۇشنى سىناق قىلدى، بۇ توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش IC ۋە كۆك چىش ئۆزىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاستا-ئاستا، كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ئۆزەك ياپراقچىسى تەرەققىي قىلىپ، خېرىدارلارنى ھەر خىل كۆپ ئىقتىدارلىق بىر تۇتاش تەرتىپكە سېلىش لايىھىسى بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ چىقاردى. ئاخىرى كۇۋالكوم شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ساھەسىدە مودا بولغان SoC لايىھە يۈزلىنىشىگە يېتىشىۋالدى.
ئادەتتىكى SoC بولسا CPU، GPU، ISP ۋە مودېم قاتارلىق كۆپ بۆلەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىلىشىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، CPU، GPU قاتارلىقلار SoC نىڭ ھالقىلىق تەركىبى قىسمى، لېكىن ئەڭ ھالقىلىق قىسمى ئەمەس، ئەڭ ھالقىلىق قىسمى مودېم. (مودېمنى يانفوننىڭ سىگنال قۇبۇل قىلدىغان قىسىمى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ) Texas Instruments, nVidia نىڭ كۆچمە SoC مەھسۇلاتىنىڭ بازاردىن چېكىنىپ چىقىشىدىكى سەۋەب دەل بۇ نەرسىنى ياخشى قىلالمىغانلىقىدىندۇر. ئەمما خەۋەرلىشىش كەسپىدە ئىگىلىك تىكلىگەن كۇۋالكومغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر مەسىلە ھېسابلانمايدۇ. كۇۋالكومنىڭ Adreno گرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ئىنتايىن كۈچلۈك. باشقا بۆلەكلەرنىڭ لايىھىلىنىشىمۇ ئوخشاشلا كەسىپ ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بۇ كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ كۆچمە SoC نى بازاردىكى ئالقىشقا ئېرىشىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

t01f0c7da8d6913ee0c.jpg

كۇۋالكوم شىركىتى 2007-يىلى 11-ئايدا QSD 8250 تىپلىق كۆچمە ئۈسكۈنە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى رەسمىي بازارغا سالدى، بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچ ئەڭ ئاخىرىدا سونى ئېرىكسوننىڭ XPERIA X10، گۇگىلنىڭ Nexus O ۋە HTC Desire قاتارلىق كىلاسسىك يانفون تىپلىرىغا ئىشلىتىلدى. لېكىن كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ھەقىقىي ئىستېمال قىلىشىغا تونۇشلۇق بولغىنى MSM8260 ئىدى، ئەينى چاغدىكى شياۋمى يانفۇنى مۇشۇ ئۆزەكنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ ساراڭلارچە سېتىلىشى بىلەن كۇۋالكوم شىركىتى يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۈزەك شىركىتىنىڭ باشقىچە نامىغا ئايلاندى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، بازار تەشۋىقات خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، كۇۋالكوم شىركىتى قارمىقىدىكى ئۆزەكنى قايتىدىن 200، 400، 600 ۋە 800 يۈرۈشلۈككە ئايرىپ، ئوخشاش بولمىغان باھادىكى يانفونلارغا ماسلاشتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، كۇۋالكوم شىركىتى يەنە 800، 801، 660، 835 قاتارلىق نادىر مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاندىرويىد يانفونلارنىڭ ئۆزىكى يەنىلا كۇۋالكوم.
ئىلغار ئۆزەك تېخنىكىسى ۋە زور مىقداردىكى يادرولۇق پاتېنتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى تۈرلۈك ئېلېمېنت كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ بازاردا « باج ئېلىش» ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن، مانا بۇ كۇۋالكوم شىركىتى تالاش-تارتىش قوزغىغان QCT ۋە QTL كەسپىدۇر. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە ھەر قايسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سودىگەرلىرىدىن پاتېنت ھەققى ئېلىش بولۇپ، مەيلى 3G دەۋرىدىكى CDMA، WCDMA تېخنىكىسى ياكى 4G دەۋرىدىكى LTE تېخنىكىسى بولسۇن، كۇۋالكوم نۇرغۇن يادرولۇق ئۆلچەملىك تېخنىكا پاتېنتىغا ئىگە. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئەگەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كارخانىلىرى كۇۋالكومنىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىق يادرولۇق تېخنىكىسىنى قوللانمىسا، 3G، 4G تور تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالىدۇ.

t019e18c45ed21b9fbc.jpg

دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان ئۆلچەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاتېنت ھەققى تاپشۇرۇش ئەمەلىيەتتە بەك ئېغىر ئەمەس، پەقەت كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ھەق ئېلىش ئۇسۇلى بىر قەدەر چەكتىن ئېشىپ كەتكەن. كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى يانفون تۈرىنىڭ سېتىلىش باھاسى بويىچە بېكىتىلگەن، گەرچە قاتتىق دېتال جەھەتتە كۇۋالكوم شىركىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن كۇۋالكوم شىركىتى يەنىلا مەلۇم نىسبەتتە پاتېنت ھەققى ئالىدۇ. بىز ئىزچىل دەۋاتقان يادرولۇق تېخنىكا قورغىنىدىن باشقا، كۇۋالكوم شىركىتى يەنە گىرەلەشمە ھوقۇق بېرىلگەن پاتېنت مۇھاپىزەت كۈنلۈكى ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئاتالمىش پاتېنت مۇھاپىزەت كۈنلۈكى دېگىنىمىز، كارخانىلار بىلەن كۇۋالكوم شىركىتى پاتېنت ھوقۇقى بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۇۋالكوم شىركىتى ئادەتتە يەنە يانفون كارخانىلىرى بىلەن قارشى ھوقۇق بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى يانفۇن شىركەتلىرى ئۆزى ئىلتىماس قىلغان پاتېنت ھوقۇقىنى كۇۋالكوم شىركىتىگە بېرىدۇ ھەمدە كۇۋالكوم شىركىتى بىلەن ئوخشاش كېلىشىم ئىمزالىغان باشقا يانفون كارخانىلرىنى ئەرز قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە نۇرغۇن چوڭ كارخانىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، لېكىن يەنە نۇرغۇن يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلارغا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتى بەردى، مەيلى شياۋمى، خۇاۋېي ياكى OPPO، vivo بولسۇن، تەرەققىيات مۇساپىسىدە بۇ ئەندىزىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرىكى بۇ كىچىك كارخانىلارنىڭ قانىتى ئاستا-ئاستا قېتىپ، كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ئاتالمىش ھامىيلىق قىلىشىغا موھتاج بولماي قالدى. ئەكسىچە،  كۇۋالكوم نىڭ بازاردىن پەرقلىنىدىغان ھەق ئېلىش ئۆلچىمى كارخانىلارنى ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەيدىغان قىلىپ قويۇپ، « كۇۋالكوم بېجى» نى ئاغدۇرۇپ تاشلاش بىر تۈرلۈك تارىخىي بۇرچقا ئايلاندى.
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى قاراڭغۇ دېگەندەك، كۇۋالكومنىڭ جاپالىق كۈنلىرى كەلدى.

ئىمپېرىيىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەندىشە ۋە خىرىس

كۇۋالكوم شىركىتى 2G دەۋرىدىن باشلاپ تىجارەت باشلىغان، 3G دەۋرىدە زومىگەرلىك ئورنىغا چىققان.بۇ ساھەنىڭ مونوپوللۇق ئورنىغا تايىنىپ خالىغانچە ئىش قىلغان. ھالبۇكى،  4G دەۋرىدە كامالەتكە يەتكەن مونوپوللۇق ئورنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پۈتۈن دۇنيا خەۋەرلىشىش ساھەسىنىڭ كۆڭلىدىكى تەتقىقات تېمىسىغا ئايلاندى.
CDMA تېخنىكىسىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بوزەك بولغان ئالاقە كەسپىدىكىلەر بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، OFDM چاستوتا بۆلۈپ تەكرار ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى 4G LTE نىڭ ئۇل تېشى قىلدى. تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىككى خىل تېخنىكىنىڭ ھەر قايسىسى ياخشى ياكى ناچار ئەۋزەللىككە ئىگە، لېكىن OFDM تېخنىكىسىنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن، دەسلەپكى مەزگىلدە ئاساسىي فىزىكا شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئېچىشقا ئامال يوق ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ پاتېنتنىڭ ھەممىسى كۈچتىن قالدى، زاۋۇتلار ئۇچرىغان چەكلىمە ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پاتېنت ھەققى ناھايىتى ئاز ئىدى.
ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ، كۇۋالكوم باشلامچى بولۇپ 3GPP2 تەشكىلاتى بەرپا قىلدى ھەم داۋاملىق UMB (دەرىجىدىن تاشقىرى كۆچمە كەڭ بەلباغ) يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناشنى خالىمىدى، ئاخىرىدا CDMA نىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى توختاتتى، 3GPP2 نى توختاتتى.
3G ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرغاندا، 4G LTE ئۆلچىمىنىڭ يادرولۇق پاتېنتى خېلىلا تارقاق، خۇاۋېي، سامسۇڭ، ئېرىكسون قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە خېلى كۆپ مىقداردا 4G يادرولۇق پاتېنتى بار بولۇپ، كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ پاتېنت ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىدى، خۇاۋېي، جۇڭشىڭ قاتارلىق كارخانىلارنىڭ كەسىپتىكى ئورنىنىڭ بارغانسېرى ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كۇۋالكومنىڭ بۇ ساھەدىكى كۈچى ئاجىزلىدى.
كۇۋالكوم شىركىتى ئىلگىرى تېخنىكا ۋە قانۇن ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاش ۋاستىسى ئارقىلىق بازاردا زومىگەرلىك قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيامۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋاستىلەر بىلەن كۇۋالكومغا جاۋاب قايتۇردى، بىز تىلغا ئالغان ساھەسىدىكى ئالاقىدار كارخانىلار بىرلەشكەندىن باشقا، تېخنىكا جەھەتتە كۇۋالكومنى چەتكە قاقتى. كۇۋالكوم ئەسلىدە پەخىرلىنىدىغان ئەدلىيە ساھەسىدىمۇ زور ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى. كۇۋالكوم شىركىتى ئالدى بىلەن ھەر قايسى دۆلەت، رايونلارنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلدى. 2010-يىلى 1-ئايدا، كورىيە ھۆكۈمىتى كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا 236 مىليون دوللار جەرىمانە قويغان. 2015-يىلى 1-ئايدا، جۇڭگو دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قىلمىشىغا 6 مىليارد 88 مىليون يۈەن جەرىمانە قويغان. 2015-يىلى 7-ئايدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى كۇۋالكوم شىركىتىنى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ 1 مىليارد 229 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويغان.
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرىدىن باشقا، كۇۋالكوم يەنە نۇرغۇن خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى ئەرز قىلىشىغا ئۇچرىدى: 2005-يىلى 7-ئايدا، Broadcom شىركىتى كۇۋالكومغا مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش دەۋاسى قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا كۇۋالكوم شىركىتى 891 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بەردى، 2007-يىلى 10-ئايدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى Nokia قاتارلىق ئالتە شىركەتنىڭ ئەرز قىلىشىغا ئاساسەن، كۇۋالكوم شىركىتى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ، ئاخىرى يارىشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى؛ 2016-يىلى 4-ئايدا، قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى كۇۋالكوم شىركىتى ئالغان ئالاھىدە پاتېنت ھەققىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. كېيىن، قارا بۆلجۈرگەن 815 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەمگە ئېرىشتى؛ 2017-يىلى 1-ئايدا، ئالما شىركىتى كۇۋالكوم «سىمسىز ئۆزەكنى مونوپول قىلدى» دەپ ئەرز قىلدى. ھەمدە بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن تۆلەم تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىنىڭ 817 كۈنلۈك پاتېنت ئۇرۇشى باشلاندى.

t0100f8a1781a1b9b54.jpg

گەرچە بېسىم تاغدەك كۈچلۈك بولسىمۇ، كۇۋالكوم ئاخىرىدا يەنىلا ھەيۋە قىلغان ئالما قاتارلىقلارنى چېكىندۈرۈپ،  Broadcom تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىش تەقدىرىدىن ساقلىنىپ قالدى.
كۇۋالكوم شىركىتى ئالدى بىلەن ئالمىغا ئۇدۇلدىن زەربە بېرىشنى تاللىدى، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى كۇۋالكوم ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدا فۇشىكاڭ قاتارلىق تۆت ئالما ۋاكالىتەن زاۋۇتىنى پاتېنتقا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى؛ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كۇۋالكوم يەنە گېرمانىيەدە ئالما ئۈستىدىن ئەرز قىلدى؛ 10-ئاينىڭ 14-كۈنى كۇۋالكوم يەنە بېيجىڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق بەش شەھەردە ئالمىغا قارىتا 23 قېتىم ئەدلىيە دەۋاسى قىلدى ھەمدە ئالما مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى مەنئى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدىكى دەۋاسىدا كۇۋالكوم شىركىتى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگودا كۇۋالكوم شىركىتى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ كەلدى. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو فۇجۇ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى كۇۋالكوم شىركىتى ئالما ۋە ئۇنىڭ تۆت دۆلەتتىكى شىركىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى دەۋاغا ۋاقىتلىق چەكلەش بۇيرۇقىنى بەردى، ئالمىنىڭ iPhone 6S، iPhone X قاتارلىق كۆپ خىل تىپتىكى سېتىش چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى، ئالما iOS نى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق خەۋپ-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇردى. 2018-يىلى 6-ئايغىچە، ئالما ۋە كۇۋالكوم شىركىتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 50 نەچچە مەيدان ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئالتە دۆلەت ۋە 16 قانۇن يۈرگۈزۈش رايونىغا چېتىلىدۇ.
ئاخىرى، بۇ مەيدان ئۇرۇش 2019-يىلى كېلىشىۋېلىش ئارقىلىق ئاخىرلاشتى، ئىككى تەرەپ 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان ئالتە يىللىق تېخنىكا ئىجازىتى كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، ئىككى يىل ئۇزارتىلغان تاللاش تۈرى ھەم كۆپ يىللىق ئۆزەك بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالما شىركىتى بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ئالمىنىڭ كۇۋالكوم شىركىتىگە بېرىدىغان تۆلەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئالما شىركىتى بىر قېتىمدىلا تۆلەم بېرىدىكەن، ئەمما بۇ ئىككى شىركەت كونكرت سوممىسىنى ئاشكارلىمىغان.
2018- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئامېرىكا چەت ئەل مەبلەغ سېلىش كومىتېتى Broadcom شىركىتىگە خالىغانچە ھەرىكەت قوللىنىپ باش ئىشتابىنى ئامېرىكىغا كۆچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 3-ئاينىڭ 12-كۈنىگە كەلگەندە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىۋاسىتە زۇڭتۇڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، كۇۋالكوم سېتىۋېلىش دېلوسىنى رەسمىي رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كۇۋالكوم شىركىتى دۇچ كەلگەن ئىككى چوڭ تۇمان پۈتۈنلەي تۈگىتىلدى.

t016234be8818cd922c.jpg

ھازىرقى نۇقتىدىن قارىغاندا، كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ئالمىنى باش ئەگدۈرەلىشى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كەسپى ئورنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئالمىنىڭ يارىشىپ قېلىشنى تاللىشىدىكى سەۋەب، 5G دەۋرىدىكى شامال ئېغىزىغا قارىتا، ئۆزىنىڭ سەپدىشى ئىنتېل iPhone نى دەل ۋاقتىدا 5G مودېم بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. خۇاۋېينىڭ مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا بازىرىغا كىرەلمەيدۇ، ليەنفاكې بىلەن سامسۇڭنىڭ تېخنىكىسى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى، ئالمىنىڭمۇ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشالىشى تەس، بازاردا پەقەت كۇۋالكومغا تايانمىسا بولمايدۇ، بۇمۇ ئالمىنىڭ ئامالسىز تاللىشى.

t01bbf10f7e00d6efb2.jpg

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، كۇۋالكومنىڭ 5G دەۋرىدىكى « پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى» ھەممە ئېتىراپ قىلغان پاكىت. كۆپچىلىككە مەلۇم، 5G غا كېرەكلىك ئاساسىي چاستوتا بۆلىكى Sub-6GHz سانتىمېتىر دولقۇنى ۋە مىللىمېتىر دولقۇنىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ چاستوتا بۆلىكى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سانتىمېتىرلىق دولقۇن بۆلىكى ئامېرىكىدا ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان رادار، مەخسۇس خۇسۇسىي سىمسىز رادىيو، ھوقۇق بېرىلمەيدىغان چاستوتا سپېكترى، سۈنئىي ھەمراھ يەر ئالاقىسى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن، شۇڭا ئامېرىكا ئىزچىل ھالدا مىللىمېتىرلىق دولقۇن لايىھەسىنى يولغا قويۇپ كەلگەن، بۇ ئامېرىكىنىڭ خەۋەرلىشىش تېخنىكا شىركىتىنىڭ مىللىمېتىرلىق دولقۇننى 5G تېخنىكىسىنىڭ ئاساسلىق تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلىشنى بىۋاسىتە بەلگىلىگەن.

t01ed8a4c5cb848b222.jpg

كۇۋالكوم تەبىئىي ھالدا بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى، كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ئەسلىدىكى پىلان لىنىيەسى ئىچىدە، 5G تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مىللىمېتىر دولقۇن تېخنىكىسىدا بولۇپ، كۇۋالكوم شىركىتى بىرىنچى ئەۋلاد مودېم مەھسۇلاتىدا مىللىمېتىر دولقۇن تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ھەمدە كەسىپنىڭ تەرەققىيات رىتىمىنى تەدرىجىي ئىگىلەشنى ئۈمىد قىلغان. 2019-يىلنىڭ بېشىدا، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بالۇڭ 5000 بەش جى ئۆزىكى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، كۇۋالكومدىن بۇرۇن دۇنيا بويىچە پىشىپ يېتىلگەن سودىغا ئىشلىتىلىدىغان SA/NSA قوش مودېللىق 5G ھەمدە مىللىمېتىرلىق دولقۇن تېخنىكا لايىھەسىنى قوللايدىغان تۇنجى ئۆزەك بولۇپ قالدى، كۇۋالكوم تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن سىناپدىراگون X50 نى چىقىرىپ تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى، گەرچە ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى مەۋجۇت بولماي قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى خۇاۋېيدىن كېيىنكى چىلىن يۈرۈشلۈك 5G ئۆزىكى بولسۇن ياكى ليەنفاكې يۈرۈشلۈك 5G ئۆزىكى بولسۇن، ھېچقايسىسى مىللىمېتىر دولقۇننى داۋاملىق قوللىمىغان، ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەر مىللىمېتىرلىق دولقۇن ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىدىمۇ بىر قەدەر مۈجمەل. مەيلى خۇاۋېي، جۇڭشىڭ، ليەنفاكې بولسۇن، يەنىلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق تىجارەت سودىگەرلىرى مىللىمېتىرلىق دولقۇننى ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدى. لېكىن دۇنيا مىقياسىدا 5G نى سودىدا ئىشلىتىدىغان 63 خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئىچىدە پەقەت تۆتى مىللىمېتىرلىق دولقۇن تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن، ئۇلارنىڭ ئۈچى ئامېرىكىدا، باشقا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى Sub-6GHz نى ئاساسلىق چاستوتا بۆلىكى قىلىدۇ. كۇۋالكوم شىركىتى مىللىمېتىر دولقۇن بولمىغان 5G نىڭ ھەقىقىي 5G ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.
مىللىمېتىر دولقۇن ھەقىقىي 5G مۇ ئەمەسمۇ بۇنى مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن بۇ يىل 3-ئايدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى 9 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، 3.7GHz-4.2GHz چاستوتا سىپېكتىرىنى تېز سۈرئەتتە قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى 5G ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ Sub-6GHz نى ئاساس قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

5g-smartphone-e1508496668621.jpg

كۇۋالكومنىڭ مىللىمېتىرلىق دولقۇن ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستىراتىگىيىسى يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدۇ؟
كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، ئۇنىڭ ماھىيىتى خەلقئارالىق ئالاقە سۆز ھوقۇقىنى تالىشىش تارىخىدۇر.
بۈگۈنكى كۈندىكى 5G كەسپى ئەندىزىسى قايتا بەرپا بولماقتا، تېخىمۇ مۇھىمى 5G بازىرىدىكى رىقابەت تەدرىجىي كەسكىنلەشمەكتە، سامسۇڭ، ليەنفاكې قاتارلىق ئۆزەك زاۋۇتلىرى  كۇۋالكوم ئۆزىكىنىڭ ئۈلۈشىنى ئۈزلۈكسىز يۇتۇۋاتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، خۇاۋېي، زىگۇاڭ جەنرۈي قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئۆزەك كۈچى تەدرىجىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، جۇڭگونى يادرو قىلغان 5G كەسپى تەدرىجىي ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.
ئەمدى 5G دەۋرىدە كۇۋالكوم بۇرۇنقىدەك زومىگەرلىك قىلالمايدۇ؛ لېكىن يەنىلا يادرولۇق تېخنىكىغا ئىگە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部