+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-7 11:29 893 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-7-7 11:18  

تەتىل بولدى، بالىلارنى ئائىلىدە كومپىيۇتېر، يانفون ئوينىما دەپ توسۇپمۇ توسۇپ بولالمايمىز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە تاپشۇرۇق، ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرى ئېلېكترونلىشىپ كەتتى.
ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر چىقارغان نۇر، رادىئاتسىيە چوڭلارغا قارىغاندا بالىلارنىڭ كۆزىگە بەكرەك تەسىر قىلىدۇ.
يېقىندا شىياۋمى يوۋپىن سۇپىسىغا ئېكراندىن نۇر چىقارمايدىغان، رادىئاتسىيە تەسىرى جەھەتتە قەغەز بىلەن ئوخشاس سىياھ ئېكرانلىق ئېلېكترونلۇق ئوقۇغۇچ چىقىرىلدى. بۇنى ئوينىسا، كىتاپ ماتېرىيال ئوقۇسا قەغەز كىتاب ئوقۇغان بىلەن ئوخشاش.

e266263a50e3ed4c999ecf3cd41270ce.jpg

ئىسمى: inkPad X
ئېكرانى 10 دىيۇم، E-ink سىياھ ئېكران. بۇ ئېكران ئادەتتىكى ئېكرانى رەڭسىز قىلىپ قويغانغا ئوخشىمايدۇ. يۇقىردا دېگەندەك رادىئاتسىيەسى يوق.

c932c257b85b5388f810d848134f2fbc.jpg

ئېكران يورۇقلۇقىنى ئىسسىقتىن سوغۇققىچە 4 دەرىجە بويچە تەڭشىگىلى بولىدۇ.
ئېنىقلىقى 1200*1600

b95b799c132424c3397f30354cdadeb2.gif

سىستېمىسى: ئاندرويد 8.1 ؛ ئاندرويدنىڭ ئۈندىدار دېگەندەك ئەپلىرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان دېگەن گەپ.
ۋايفاي، كۆكچىش قوللايدۇ. USB-C ئېغىزى بار.

a76cb952dbafc07afc48b704c3fbdd43.jpg

Offfice, ebub, txt, PDF ۋە باشقا فورماتتىكى ئېلېكترونلۇق كىتاپلارنى قوللايدۇ.

ea10f8a2f07942969d3999a1d492bfc1.jpeg

5181ca990c534ad0833e732e1b0a5327.jpeg

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى: ARM Quad-core Cortex-A7 1.8Ghz

7384b6f2dc213dc8fb7a2f13d2cd79b9.jpg
c713496510fd1f7cef9d0551065a8f94.jpg

باتارىيەسى 3800mAh ، بىر قېتىم توك قاچىلاپ قويسا كۈتۈش ھالىتىدە توكى 45 كۈن يېتىدۇ؛ نورمال ئىشلەتسە 20 كۈن ئەتراپىدا يېتىدۇ. (سىياھ ئېكراننىڭ توك سەرپىياتى ئىنتايىن تۆۋەن)
ئىچكى ساقلىغۇچى: 2Gb، سىغىمى 32Gb ، تەخمىنەن 10مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئېلېكترونلۇق كىتاپ پاتىدۇ.

b7113a4354554f5ab24aecda946588b3.jpeg

148f42d6710644e68a6cb58648a80b20.jpeg

8d2fa7429abd4a31812fc56cae087dc8.jpeg



باھاسى: 1699 يۈەن .

7113af4cb78f43739491259beb99ef7a.jpeg

ئالما ھەققىدە تېما يازسا ئالما شىركىتى قانچە پۇل بەردى؛ خۇاۋېينىڭ گىپىنى قىلسا ئېلان ھەققىگە قانچە پۇل ئالدىڭلا دەپ سورايدىغانلار باركەن؛ شىياۋمى شىركىتى ئېلان ھەققى بەرمىگەچكە سېتىۋېلىش ئادرېسى بىۋاستە تەمىنلەنمىدى.
قىزىقىدىغانلار ئالپ سالونىغا inkPad دەپ كىرگۈزسەڭلار شىياۋمى سودا سۇپىسىدىكى سېتىۋېلىش ئادرېسى چىقىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部