+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-6 09:49 1252 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-7-6 09:49  

2018- يىلى 3- ئايدا، vivo APEX نىڭ چىقىشى يانفون ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلدى، ئۇ مېخانىكىلىق تارتما قۇرۇلمىسى ئارقىلىق يانفوننىڭ ئالدى كامېراسىنى يوشۇرۇپ، كۆرۈش سېزىمىدىكى «ھەقىقىي پۈتۈن ئېكران» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماڭلاي ئېكران بىلەن خوشلىشىش ئۈمىدىنى كۆرسەتتى، ئارقىدىن نۇرغۇن يانفون زاۋۇتلىرى ئۆزىنىڭ تارتما كامېرا شەكلىدىكى يانفونىنى چىقاردى.

1000.jpg

ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، تارتما كامېرا ئاستا-ئاستا يوقاپ كەتتى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى زاۋۇتلار ئۆزىنىڭ تۆشۈك ئېكران، تامچە ئېكران يانفونىنى چىقىرىشقا باشلىدى، ھەتتا vivo مۇ تارتما شەكىللىك كامېرادىن ۋاز كەچتى.

1000.png

ئەينى چاغدا كۆپچىلىك ياخشى كۆرگەن تارتما شەكىللىك كامېرا نېمە ئۈچۈن بىر «ئېچىلىپلا توزۇپ» كېتىدۇ؟ ئۇنىڭ راستتىنلا قىممىتى بارمۇ؟ كەلگۈسىدە ئۇ يەنە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

تارتما كامېرانىڭ بارلىققا كېلىشى

تارتما شەكىللىك كامىرا مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا iPhone X دىن پەيدا بولغان.

v2-fa5cd6c672600aa002090c21d3468f92_1200x500.jpg

iPhone دۇنياغا كەلگىنىگە ئون يىل بولغان پەيتتە، ئالما شىركىتى ئون يىللىق خاتىرە سۈپىتىدە iPhone X نى بازارغا سالغان بولۇپ، iPhone 4s تىن كېيىنكى دەۋر بۆلگۈچ مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. يانفون كەسپىگە نىسبەتەن، ئۇ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، كەلگۈسىدىكى يانفون ھەقىقىي پۈتۈن ئېكران تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك، مۇتلەق كۆپ ساندىكى يانفون كارخانىلىرى بۇ يۈزلىنىشنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

1000 (1).jpg

ئەمما iPhone X نىڭ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە چوڭ كەمتۈكلۈكى بار، يەنى ماڭلاي ئېكراننى قانداق قارىسا غەلىتە كۆرۈنىدۇ دەپ قارايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن يانفون كارخانىلىرى بەزى تېخنىكىلارنى سىناق قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي پۈتۈن ئېكراننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلىدى.

1000 (3).jpg

ئېكران ئاستى كامېرا؟ تېخنىكا پىشىپ يېتىلمىدى. مېيزۇ قاتارلىق بەزى شىركەتلەر يانفوننىڭ كەينىگە يەنە بىر كىچىك ئېكران ئورنىتىپ، ئۆز تارتىم قىلىدىغانلارغا كەينى كامېرانى ئىشلەتسىلا بولىدىغان قىلدى، ئۆز تارتىم رەسىم چۈشۈش ئۈچۈنلا كەينىگە بىر ئېكران ئورناتسا تەنئەرق تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ۋىۋو بۇرۇنقى نوكىيادىن ئىلھام ئېلىپ تارتما شەكىللىك كامېرا لايىھەسىنى چىقاردى.

تارتما كامېرانىڭ كەمچىلىكى
تارتما كامېرانىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ھەقىقى پۈتۈن ئېكران ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇردۇ. ئەمما كەمچىلىكىمۇ ئاز ئەمەس.

1000 (2).jpg

(1) يانفوننىڭ ئىچكى بوشلۇقىنى ئىگىلەيدۇ. كىرىپ چىقىدىغانغا يىتەرلىك بوشلۇق بولمىسا بولمايدۇ.
(2) مېخانىكىلىق قۇرۇلمىدا بۇزۇلۇش خەتىرى مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفوننىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنىش، چاڭ توزاندىن ساقلىنىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
(3) كامېرانىڭ چىقىپ چۈشىشىگە مەلۇم ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، شۇئان رەسىمگە چۈشىدىغاندىكى كەيپىياتقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
(4) چىقىپ چۈشۈش قۇرۇلمىسىغا مۇئەييەن توك كېتىدىغان بولۇپ، باتارىيەنىڭ توكىنى خورىتىدۇ.
(5) چاڭ توزان كۆپ رايوندىكىلەر ئىشلەتسە سىيرىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچىگە قۇم، توپا كىرىۋېلىپ ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ.

تارتما شەكىللىك كامېرانىڭ تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئۈچ خىل شەكىلى بار. ھەممىسىنىڭ يۇقارقىدەك كەمچىلىكى بولغاچقا تەدرىجىي غايىپ بولۇشقا يۈزلەندى.

0 (2).gif

0.gif

0 (1).gif


ئالمىنىڭ ماڭلاي ئېكرانىنى يۇقىتىمەن دەپ بارلىققا كەلگەن تارتما كامېرا ئەكسىچە ئۆزى يۇقىلىپ كەتتى. ئالمىنىڭ ماڭلاي ئېكرانى تېخىچە رىقابەتچىلىرىنىڭ كۈزىگە قادالغان مىخ بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. چۈنكى ئالمىنىڭ ماڭلىيىدا باشقا يانفون كارخانىلىرى دوراي دەپ دوراپ بولالمايۋاتقان ئىلغار تېخنىكا بار. ئۇ ماڭلايدا يالغۇز كامېرالا يوق.

1000 (4).jpg

ئالمىنىڭ ماڭلىيىدا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق 3D سىكانېر بار. بۇ قۇرۇلما قاراڭغۇ كېچىدىمۇ چىراي تونۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەرگە LiDar、AR سېنزورلىرىنى ئورۇنلاشتۇرشى مۇمكىن. باشقا كارخانىلار ئالما مۇشۇنداق قىپتۇ دەپلا ماڭلاي ئېكرانلىق يانفونلارنى چىقارغان، ئەمما ئالدى كامېرادىن باشقا ئۇرۇنلاشتۇردىغان نەرسسى بولمىغاندىكىن ھازىر تامچە ئېكران، تۈشۈك ئېكران لايىھەسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.

1000 (5).jpg

ماڭلاي ئېكران، تامچە ئېكران، تۈشۈك ئېكرانلارنى تۈپتىن يۇقىتىدۇ دېيىلسە ئېكران ئاستى  كامېرا تېخنىكسى يۇقۇتالىشى مۇمكىن. ئېكران ئاستى كامېرا تېخنىكىسىدا لازىم بولغاندا ئېكران ئاستىدىكى كامېرا، سېنزور بار ئۇرۇن سۈزۈك ھالەتكە ئايلىنىپ نۇر ئۆتكۈزىدۇ. ھازىرقى ھەل بولمايۋاتقان قىيىن مەسىلە ئېكراننىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى %100 كە يەتمەي، نۇرنى تۇسۋېلىپ، ئالدى كامېرا رەسىم سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۋاتىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部