+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-5 11:03 1338 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2020-يىلى ئاندرويد بايراقدار يانفونىنىڭ باھاسى ئىنتايىن قىممەت چىقىۋاتىدۇ. بەزىلىرى تۈمەن يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما 2021-يىلى يەنە داۋاملىق ئۆرلەيدۇ، ئاساسلىق سەۋەبى كۇۋالكوم مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ.

da8ae6da746948cda08672fbe06a2ec5.jpeg

2020-يىلى يانفون كەسپىدە ناھايىتى روشەن بىر يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى، يەنى بايراقدار يانفوننىڭ باھاسى بارغانسېرى يۇقىرىلاۋاتىدۇ، بولۇپمۇ يىل بېشىدا 5G يانفونىنى ئېلان قىلغان چاغدا، ھەرقايسى ماركىلار بىردەك باھانى ئۆستۈرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئازراق تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ يەنىلا قىممەت. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى ئاندىرويىد بايراقدار يانفونىنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆسۈشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ ئاساسلىقى يانفوننىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

641.jpg

بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، كۇۋالكوم 875 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى تەتقىق قىلىشقا تەييارلىق قىلدى، بۇ كېلەر يىلىدىكى بايراقدار بىر تەرەپ قىلغۇچ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ باھاسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن، ھەر بىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى 250 دوللار بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 1769 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن. باھانىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشى بۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا 5G مودېم توپلاشتۇرۋېتىدۇ، ھازىرقىدەك 5G نى سىرتتىن چېتىلدىغان قىلمايدۇ، كۇۋالكوم 875 ئۆزىكىگە، ئەڭ يېڭى كۇۋالكوم X60 تىپلىق 5G ئۆزىكى توپلاشتۇررۇلدۇ، شۇنداق بۇ كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىغا ئايلىنىدۇ.
بۇ يىلقى كۇۋالكوم 865 مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ باھاسى 150 دوللار ئەتراپىدا، يەنى يېڭى بىر ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچ بۇنىڭدىن بىر ھەسسىگە يېقىن قىممەت دېگەن گەپ.

微信图片_20200705104354.png

كۇۋالكوم شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ باھاسىنى بۇنچە قىممەت قىلىپ بېكىتىدۇ؟ ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، نۆۋەتتە كۇۋالكوم شىركىتى ئاندرويد بازىرىنى مونوپول قىلىۋالدى، گەرچە 2020-يىلى لىيەنفاكېنىڭ MTK بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما پەقەت ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك يانفونلار بىلەن چەكلىنىپ قالدى، يۇقىرى دەرىجە جەھەتتە كۇۋالكوم شىركىتى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا كۇۋالكوم ئۆزىكىنىڭ باھاسى ھەرقانچە قىممەت بولسىمۇ، زاۋۇتلارنىڭ تاللىشى بولالايدۇ.

微信图片_20200705104403.png

سامسۇڭ بىلەن خۇاۋېينىڭ ئۆزىكىگە كەلسەك، سامسۇڭ ئۆزىكى 2020-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك «ۋەيران بولدى»، 2021-يىلى بايراقدار دەرىجىلىك ئۆزەك ئىشلەپ چىقىرالماسلىقى مۇمكىن. خۇاۋېينىڭ ئۆزىكى يېقىنقى ئىككى يىلدا تېز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ چەكلىمىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ.
كۆپچىلىك يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان يانفونلارنىڭ سەپلىمىسىگە دىققەت قىلسا مۇنداق بىر نۇقتىنى ھېس قىلىدۇ، يەنى خۇاۋېي روڭياۋ، شىياۋمى يانفونلىرىغىمۇ لىيەنفاكې ئۆزىكى سەپلىنىۋاتىدۇ؛ بۇلۇپمۇ رۇڭياۋ يانفونىغا لىيەنفاكې ئۆزىكى ئىشلىتىلىشى سەل غەلىتە.

微信图片_20200705104410.png

بۇنداق ئەھۋالدا، ئاندىرويىد ساھەسىدە ئەڭ نوچىسى پەقەت كۇۋالكوملا بولۇپ قالىدۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، 2021- يىلى كۇۋالكوم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان باھارنى كۈتۈۋالىدۇ، چۈنكى باشقا رەقىبلىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كۈچ سىنىشالمايدۇ.
يانفون كارخانىلىرىغا نىسبەتەن بۇ بىر باش ئاغرىقى. شياۋمىنى ئېلىپ ئېيتساق، شياۋمى يانفونىنىڭ باھاسى ئىزچىل تۈردە باھا نىسبىتى بىلەن داڭ چىقارغان، ئەمما بۇ يىل چىقارغان، چىقارماقچى بولغان بايراقدار يانفونلىرىنى باھاسى ئەرزان ئەمەس، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، شياۋمى يانفونىنىڭ باھاسى 2021-يىلى يەنىلا ئۆسىدۇ. شياۋمى شىركىتى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە تېخىمۇ ئەرزان بولغان كامېرا سەپلەش ئارقىلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى 4000 يۈەن تۆۋەنلىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
2021-يىلى ئەگەر كۇۋالكوم شىركىتى زاپچاسلىرىنى يانفون كارخانىلىرى قۇبۇل قىلالمىغۇدەك تەرىجىدە قىممەت قىلىۋالسا، ئاندرويد يانفون كارخانىلىرى لىيەنفاكې ئۆزىكىگە يۈزلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇنچە قىممەت ئاندرويد سىستېمىلىق يانفون ئالغۇچە ئالما ئالايچۇ دەيدىغان ئىستىمالچىلار نۇرغۇن.

3ئادەم ئىنكاس يازدى

begtash ۋاقتى: 2020-7-6 00:21:46
كۇۋالكومنى ياۋورپا ئىتىپاقى مونۇپۇللۇققا قارشى تەكشۈرۈپ، جەرىمانە قويغاندەك قىلغانتى، باھانىڭ ئۆسۈشۈ شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ نىمە؟
قاسساپ ۋاقتى: 2020-7-7 11:41:38
مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ 5Gنى قوللىغان ئىكەن سىرتتىن 5Gمودىمىنى سەپلىمىسىمۇ يەنىلا 5Gتورنى ئىشلەتكىلى بولۇدۇ .5Gمودىمىنى سەپلەش ئۈچۈن كەتكەن خىراجەت تىجىلىدۇ.  بۇنداق بولغاندىكىن ئاخىرقى باھاسىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بۇلۇشى ناتايىن.
aliptori ۋاقتى: 2020-7-7 13:10:48
قاسساپ يوللىغان ۋاقتى  2020-7-7 11:41
مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ 5Gنى قوللىغان ئىكەن سىرتتىن 5Gم ...

سىرتتىن ئۇلىندىغان قىلسىمۇ، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا توپلاشتۇرۋەتسىمۇ ئوخشاشلا بەش جى مودېمنىڭ تەنئەرقى بار؛ شۇڭا ئىككى سەككىز ئون ئالتە دېگەن گەپ؛
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部