+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-5 11:03 849 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-7-5 10:54  

ئەمدىلا ئاياقلاشقان 2020-يىللىق ئالما ئاچقۇچىلار يىغىنى WWDC2020 دا، ئالما سائىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سىستېمىسى WatchOS7 نى ئېلان قىلدى، ئالمىنىڭ بۇ يىلقى كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغىمۇ ئاز قالدى.
بەزى خەۋەرلەردە كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش گەرچە كەينىگە سۈرۈلۈشى مۇمكىن دېيىلسىمۇ، لېكىن بەك ئۇزاق كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ، Apple Insider نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى 2020-يىلى كۈزلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كېيىنكى ئەۋلاد Apple Watch Series 6 نى ئېلان قىلىشى مۇمكىن.

微信图片_20200705003920.jpg

كېيىنكى ئەۋلاد Apple Watch Series 6 نىڭ ھازىر ئاشكارىلانغان ئۇچۇرىلىرى ئاز، لېكىن تاراتقۇلار يەنىلا iOS 14 نىڭ بەزى كودى ۋە قول سائىتى پاتېنت ئىلتىماسىغا ئاساسەن بەزى يىپ ئۇچىغا ئېرىشتى، تۆۋەندە Apple Watch Series 6 گە قانداق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

نورمال يېڭىلىنىش
Macrumorss نىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى iwatch تېخىمۇ ياخشى بولغان سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى، تېخىمۇ تېز سىمسىز يوللاش، تېخىمۇ تېز بولغان WiFi ۋە ھەرە كۆنىكىسىمان سانلىق مەلۇمات يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.

S0iAHSl3bE6VYp.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا، داڭلىق ئالما ئانالىزچىسى Ming-Chi Kuo نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى ئىقتىدار ئۆستۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سۇيۇق كىرىستاللىق پولىمېر ياكى LCP ماتېرىيالى ئىشلىتىلدىكەن. بۇ يۇمشاق توك يولى تاختىسى Apple Watch Series 6 گە كىرگۈزۈلىدىكەن.

سۇلياۋ ماتېرىياللارنىڭ ئىشلىتىلىشى كۆپەيتىلىشى مۇمكىن
微信图片_20200705003937.jpg
تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما سائىتىنىڭ تەنئەرقىنى چۈشۈرۈپ، بالىلار ۋە تۆۋەن ئىستىمال سەۋىيىسىدىكىلەرگىمۇ ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن سولياۋ ماتېرىيالنى كۆپەيتىشى مۇمكىن.
iPhone5C كىمۇ سولياۋ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن. نۆۋەتتە ئالما يانفونىغا ئاليۇمىن، داتلاشماس پولات، تىتان قېتىشمىسى، ساپال قاتارلىق ماتېرىياللار ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

پىسخىكىلىق ساغلاملىقنى تەكشۈرۈش
27b078878bec4f38ab79bdf7e7010c5e.jpg
بۇ ئىقتىدارنىڭ رولى شۇكى، تاقىغۇچى تەشۋىشلەنگەندە، ئالاقزادە بولغاندا، قول سائىتىدە مۇناسىۋەتلىك ئەسكەرتمىلەر كۆرۈنىدۇ، سىزگە نەپەس ئېلىش ئارقىلىق تىنچلىنىش ئاساسلىقى يۈرەك سوقۇش قېتىمىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا تايىنىشنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، قاندىكى ئوكسىگېن مەسىلىسىنىمۇ ئويلىشىش تەكلىپى بېرىدۇ.
يېڭى نۇسخىدىكى Apple Watch Series 6 گە  قاندىكى ئوكسىگېننى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارنى قوشۇۋېتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

ئېكران
S0iAHToDBfB4D6.jpg
ئېكراندا جەھەتتە، ئالما قول سائىتىگە كۆپىنچە OLED ئېكران ئىشلىتىلگەن، OLED ئېكراننىڭ پايدىسى شۇكى، قارا رەڭلىك قىسمى يورۇماي، نۇر تارقاتماي، توك تېجەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ
يېقىندا چىققان مىكرو LED ئېكرانىنىڭ (microLED) ئەۋزەللىكى تېخىمۇ روشەن بولىۋاتىدۇ، مەسىلەن مىكرو LED ئېكرانى ئۈسكۈنىلەرنى تېخىمۇ نىپىز قىلىپ، تېخىمۇ يورۇق كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توك تېجەش ئۈنۈمىمۇ OLED ئېكرانىدىن يۇقىرى.
ھازىر تاراتقۇلار ئاشكارلىغان بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2020-يىلى ئالما قول سائىتىگە مىكرو LED ئېكران ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن، لېكىن ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەمەس.

ياندىكى بۇراش كۇنۇپكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى مۇمكىن

a5f7242ae4ad415789c595159e6c7314.jpg

ياندىكى چۆرۈيدىغان كۇنۇپكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چەكمە كونترول ياكى قول ئىشارىسى بىلەن باشقۇردىغان قىلىشى مۇمكىن. بۇنداقتا ئالما سائىتى تېخىمۇ چىرايلىق بولىدۇ. بۇ ئىقتىدارنى Apple Watch  Series 6 گە سەپلەش تېخى جەزملەشمىدى، بەلكىم كېلەر يىلقى نۇسخىسىدا ئەمىللىشى مۇمكىن.

تۆۋەندىكىسى ئالما ئىلتىماس قىلغان پاتېنتتىن ئېرىشكەن يىپ ئۇچى.

S0iAHU05FedFXg.jpg

تېرە تونۇش

微信图片_20200705003948.jpg

ئادەتتە ئالما سائىتىنى ئىشلەتكەندە پارول كىرگۈزۈپ ئىشلىتىمىز. تېرە تونۇش پاتېنتىنىڭ پايدىسى شۇكى، سىز قول سائىتىنى تاقىغاندىن كېيىن، سىزنىڭ تېرىڭىزنى ئاپتوماتىك تونۇپ، قۇلۇپنى ئاچىدۇ. پارول كىرگۈزۈش جەريانى قىسقىرايدۇ.

سائەت بېغىنى ئاپتوماتىك تەڭشەش

微信图片_20200705003953.jpg

بۇ ئالمىنىڭ يەنە بىر پاتېنتى، سىز ھەرىكەت قىلغاندا، يۈرەك رىتىمى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، سائەت بېغىنىڭ بوش-چىڭلىقىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ سىزنىڭ چېنىقىشىڭىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部