+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-4 11:02 964 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ۋاڭيى تورىنىڭ 3-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئۈندىداردا چىقىمدانى (微信支付) مەملىكەت بويچە 21 ئۆلكە، شەھەردىكى 200 دىن ئارتۇق دوختۇرخانا بىلەن بىرلىشىپ ئېلېكترونلۇق ھەق تۆلەش، تالون ئىسپات چىقىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق 1-، 2-لىنىيەدىكى شەھەر دوختۇرخانىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى، شېنجېن شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى، شېنجېن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى، شېنجېن شەھەرلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك جۇڭيىچە-غەربچە داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن دوختۇرخانا، شاڭخەي شەھەرلىك 10-خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق 3-دەرىجىلىك A دوختۇرخانىلارمۇ بار.

image004-8.jpg

ئىگىلىنىشىچە، كىشىلەر كېسەل كۆرسەتكەندىن كېيىن ئۈندىدار ئارقىلىق ھەق تاپشۇرالايدىكەن، ئېلېكتىرونلۇق تالون تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈندىداردىكى 卡包 غا ئەۋەتىلىدىكەن. باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەق تاپشۇرسىمۇ، ئۈندىدار ئارقىلىق سېكانىرلىسا، ئېلېكترونلۇق تالون ئىسىپاتلارغا ئېرىشەلەيدىكەن. ئۈندىدار كارتىسىدىكى«卡包-票证» نى چېكىپ، « 发票» بېتىنى ئېچىپ ياكى ئۈندىداردا «微信发票助手» ئەپچىسىنى ئىزدەپ، ئالاقىدار تالون، كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتى ۋە دورا تىزىملىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

image006-4.jpg

بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۈندىدار داۋالاش ئېلېكتىرونلۇق تالونى ئۆچىرەت تۇرۇپ كېسەللىك ئارخىپىنى باستۇرۇش، دورا-ئۇكۇل تەپسىلاتىنى باستۇرۇش ۋاقتىنى، چىقىمىنى ئازايتىدۇ. ئىسپات، تالونلارنى يىتتۈرۈپ قويۇش ئاۋارىچىلىقدىن ساقلىنىدۇ، ئۈندىدار كارتىسى 卡包 ئارقىلىق يەنە بىر تۇتاش ساقلىغىلى، تېز سۈرۈشتۈرگىلى ھەمدە ئاتچوت قىلغىلى، تۆلەم ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈندىدار داۋالاش ئېلېكتىرونلۇق تالونى ئېلېكتىرونلۇق ھېساباتقا كىرگۈزۈپ ئاتچوت قىلىشنى قوللاپ، ئاتچوت قىلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇردى.

微信图片_20200704103416.jpg

دوختۇرخانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىمارلار ئۈندىدار ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك تالون ئېلىش، ئۈندىدار كودنى سىكاننېرلاپ تالون ئېلىش قاتارلىق توردا تالون، ئىسپات ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن تەمىنلەپ، دوختۇرخانىنىڭ نومۇر ئېلىش، ھەق تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلىشقىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىنى توردا قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دوختۇرخانا كۆزنىكىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە كېسەل كۆرسىتىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ قەغەز ئىسپات، ھۆججەتلەرنى تەكرار بېسىپ چىقىرىش خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ خىزمەتچى خادىملارنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىمارلارغا ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.
كەلگۈسىدە، ئۈندىدار داۋالاش ئېلېكتىرونلۇق تالونى يەنە تېخىمۇ كۆپ دوختۇرخانىلارغا ئۇلىنىپ، دوختۇرخانىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق تالون ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部