+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-3 10:23 1295 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئادەتتە تاختا كومپىيۇتېرنىڭ ئېكرانى 7 دىيۇمدىن باشلىنىدۇ. يانفوننىڭ ئېكرانى بارغانسىرى چوڭىيىپ تاختا كومپىيۇتېرغا يىتىشۋالدى.
تۆنۈگۈن 7.09 دىيۇملۇق روڭياۋ X10 Max  «يانفون» نى ئېلان قىلدى. يانفون ئالايمۇ تاختا كومپىيۇتېرمۇ؟ تاختا كومپىيۇتېر يانفون Sim كارتىسىنى قوللامدۇ؟ دەپ ئويلاۋاتقانلارغا ياخشى تاللاش.

honorX10Max-5.jpg

بۇ ئېكران RGBW كۆرسىتىش تېخنىكىسىنى قوللايدۇ، يەنى ئەسلىدىكى RGB ئۈچ ئەسلى رەڭ ئۈستىگە W ئاق رەڭلىك پىكسېل قوشۇلغان، كۈچلۈك نۇر ئاستىدا ئېكراننىڭ يورۇقلۇقى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئوچۇق كۆرۈنىدۇ، ئېكراننىڭ قۇۋۋەت سەرپىياتىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

honorX10Max-15.jpg

honorX10Max-17.jpg

بۇنىڭدىن ئىلگىرى روڭياۋ X10 دا بارماق ئىزى سېنزورى يان تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، روڭياۋ X10 Max دىمۇ ساقلىنىپ قالغان، بۇ بارماق ئىزى سېنزورىنى كەينىگە ئۇرۇنلاشتۇرغانغا قارىغاندا سەل قولايلىق.

honorX10Max-12-1.jpg

رەڭ دائىرىسى جەھەتتە، بۇ يانفوننىڭ ئېكرانى %100 لىك DCI-P3 رەڭ دائىرىسىنى قوللايدىغان بولۇپ، HDR10 ئۆلچىمىگە يەتكەن.
يان تېلېفوننىڭ ئارقا تەرىپىگە رومبا شەكىللىك لايىھە قوللىنىلغان، ئوخشىمىغان نۇر شارائىتىدا ئوخشىمىغان ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. 3.5mm لىق تىڭشىغۇچ تۆشۈكى ساقلاپ قېلىنغان (نۆۋەتتىكى باشقا يانفونلاردا بۇ تۆشۈك ئاساسەن يوق) قوش ئاۋاز ياڭراتقۇ سەپلەنگەن. كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناشتا چوڭ ئېكران بىلەن ماسلىشىپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ.

honorX10Max-23.jpg

كەينىگە 48 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا سەپلەنگەن. كۆپ ئىقتىدارلىق NFC قوللايدۇ.

honorX10Max-6.jpg

يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى ئېلېكترونلۇق كىتاپ ئوقۇش ھالىتى تەمىنلگەن بولۇپ، بۇ ھالەتكە تەڭشەلگەندىن كېيىن ئېكران رەڭسىز بولىدۇ. كىتاب ئوقۇيدىغان، كېچىچە ئۈندىدار ئوينايدىغانلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق.

0.gif

X10 Max كە لىيەنفاكې تىيەنجى 800 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، قوش مودۇللۇق 5G قوللايدۇ.
باتارىيەسى 5000mAh ، تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

honorX10Max-9.jpg

باھاسى 1899 يۈەندىن باشلىنىدىغان بولۇپ، 5G يانفونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا باھاسى مۇۋاپىق، گەرچە بايراقدار دەرىجىلىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئېكران يېڭىلاش چاستوتىسى يۇقىرى ئېكران سەپلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئېكران، سىممېتىرىك قوش ئاۋاز ياڭراتقۇ، كۆپ ئىقتىدارلىق NFC قاتارلىقلار ئوخشاش باھا دەرىجىسىدە ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغان.

6+64GB سىغىملىقى 1899 يۈەن.
6+128GB سىغىملىقى 2099 يۈەن.
8+128GB سىغىملىقى 2499 يۈەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部