+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-2 11:09 966 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نۆۋەتتىكى ئالاقە تورىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2G تورى «قېرىپ» كەتتى. 1995-يىلى GSM تورىدىن باشلاپ، 2G تورى ھازىرغىچە 25 يىللىق تارىخقا ئىگە، مەيلى سۆزلىشىش سۈپىتى ياكى تور ئېھتىياجى بولسۇن، 2G ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىشمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىش. ئىلگىرى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلگىراف 2G نى توختىتىشنى باشلاپ بولغان، ئۇلارنىڭ 2G ئابونتلىرى نىسبەتەن ئاز بولغاچقا 2G نى توختىتىۋەتسىمۇ چوڭ تەسىر بولمايدۇ.

2b837d908f394446ab9b1065bdce91a8.jpg

نۆۋەتتە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلگىرافنىڭ 2G نى توختىتىش پوزىتسىيىسى ئەڭ كەسكىن بولماقتا. جۇڭگو تېلېگرافى يۈننەن شىركىتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 3G سانلىق مەلۇمات تور كەسپىنى تەدرىجىي تاقايدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ 2G تورىنى تېز سۈرئەتتە چېكىندۈرىدىكەن، بىرلەش خەۋەرلىشىش فۇجيەن شىركىتى، خېنەن شىنشياڭ شۆبە شىركىتى يېقىندا پۈتۈن رايون بويىچە كونا 2G تور ئۈسكۈنىلىرىنى چۇۋۇش، توردىن چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى باشلايدىكەن، خامچوت 2 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن، ھازىر كۆچمە خەۋەرلىشىش پوزىتسىيەسىمۇ ئايدىڭلىشىپ، يېڭىدىن 2G ئابونتلىرىنى كۆپەيتمەيدىغان بولدى.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 2018-يىلىدىن باشلاپ جايلاردىكى 2G تورىنى تەدرىجىي تاقىۋەتكەن ھەمدە نەچچە مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ كونا 2G ئاساسىي پونكىتىنى چېقىۋەتكەن، بۇ يىل ئىچىدە 2G تورىنى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىشى مۇمكىن. تېلگىرافنىڭمۇ يېقىندىن بۇيان ھەركىتى كۆپ بولۇپ، تېلگىرافمۇ بۇلتۇر ئەسلىدىكى  2G، 3G نىڭ 800M چاستوتا بۆلىكىنى 4G، نەرسە تورى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى ھەمدە 2G، 3G ئابونتلىرىنىڭ توردىن چېكىنىشىنى تېزلەتتى، ھازىر ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردە 2G تورىدىن چېكىنىش ئېلانى چىقاردى. تېلېگراف ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ھەممىسى تېز سۈرئەتتە 2G تورىنى تاقاۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ، پەقەت كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ بۇ جەھەتتىكى سۈرئىتىلا بىر قەدەر ئاستا.
كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 2G نى توختىتىش، چېكىندۈرۈش سۈرئىتىنىڭ بىر قەدەر ئاستا بولۇشىدىكى سەۋەب، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 2G تور ئابونتلىرىنىڭ سانىنىڭ بەك كۆپ بولغانلىقىدا. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە 2G ئىشلىتىدىغان يەنە 270 مىليون ئابونت بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 2G ئابونتى 50 مىليوندىن ئاشىدىكەن، كۆچمە خەۋەرلىشىش 2G ئابونتى 200 مىليونغا يېقىنلىشىدىكەن، بۇ ئابونتلار ياشانغانلار يانفونىغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردا داۋاملىق گۈللىنىشىدىكى ئاچقۇچ بولۇپلا قالماي، يەنە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى ئىكەن.

363599ae4dac47ed9eb22f3a8228dac3.jpg

ئەمما كۆچمە خەۋەرلىشىشمۇ رەسمىي ھالدا 2G تورىنى توختىتىش، چېكىندۈرۈش ئىشىنى باشلىدى. يېقىندا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئىچكى قىسىمدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 2G نەرسە تورى ئابونتلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ھەمدە NB-IoT、4G Cat1/1bis تېخنىكىسى ئارقىلىق 2G  تورى ئابونتلىرىنى ئۆتكۈزۋالدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئالدى بىلەن 2G تور ئابونتىنى تەرەققىي قىلدۇرمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسلىدىكى 2G تورىمۇ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ، خۇددى جۇڭگو تېلېگرافىغا ئوخشاش، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق 2G تورىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
كۆچمە خەۋەرلىشىش باشلىغان ئىكەن، دۆلەت ئىچىدە 2G تورىنى توختىتىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، شۇنداقتا بىر ئىككى يىل ئىچىدە 2G تورنى تەلتۈكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بولىشى مۇمكىن.
ھازىرقى بىردىنبىر مەسىلە شۇكى، ھازىر بار بولغان 270 مىليون 2G ئابونتنى قانداق قىلىدۇ؟ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، 2G ئابۇنتلىرىنى بىۋاسىتە 4G غا ئۆتكۈزۈش ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇل بولۇپ، 3G تورى 2G تورىغا ئاساسەن ئوخشاش بىكار قىلىنىۋاتىدۇ، نۇرغۇن جايلاردا 2G ئابۇنتلىرىنى قايتۇرۇش ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا پەقەت كونا 2G ئابۇنتلىرىنى 4G تورىغا يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ. پەقەت بۇ 2G ئابونتلىرىغا نىسبەتەن، يانفوننىڭ بىردىنبىر ئىشلىتىلىش ئورنى تېلېفون ئۇرۇش بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ھەق جەھەتتە قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش يەنىلا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

a4a43754e956416fa5b9bda33bf00054.jpg

نوكىيا، فىلىپىس ۋە باشقا نۇرغۇن نامى ئېنىق بولمىغان شىركەتلەر پەقەت 2G  قوللايدىغان ياشانغانلار ئىقتىدارلىق يانفونى، كۇنۇپكلىق يانفونلارنى چىقىرىپ نۇرغۇن پۇل تاپاتتى. بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت سۆزلىشىشكىلا ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكلىق يانفون بولسىمۇ 4G قوللىمىسا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دېگەن گەپ. چۈنكى 2G ، 3G نى توختىتىۋەتسە بۇ خىل تورنى قوللايدىغان يانفوندا تورغا چىقىش ئەمەس، سۆزلەشكىلىمۇ بولمايدۇ؛ سىگنال تولۇق يوقايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部