+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-2 11:09 801 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
12306 ئورگان كىچىك پروگراممىسى ئالىپايدا رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ 12306 ئورگان تورى ۋە ئەپتىن باشقا تۇنجى ئورگان مۇلازىمەت يولى. ئالىپاي (支付宝) ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى باش بېتىدىكى «出行» بېتىگە كىرىپ پويىز بېلىتى سېتىۋالغىلى ياكى ۋاقتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ياكى ئالىپاينىڭ ئىزدەش رامكىسىغا «12306» دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ، بىر كۇنۇپكا بىلەن بېلەت سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

20200701_101512_859.png

ھازىر پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ كۆپ خىل يوللىرى بار، باشقا ئۈچىنچى تەرەپ ۋاكالەتچىلىك سۇپىسىغا سېلىشتۇرغاندا، 12306 ئورگان ئەپتە بېلەت سېتىۋېلىش تېخىمۇ قولايلىق، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە. 12306 ئورگان تەرەپ ئالىپاي كىچىك پىروگراممىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇلازىمەت تەسىراتى 12306 ئەپ بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
12306 ئورگان تەرەپ ئالىپاي كىچىك پىروگراممىسى ئالىپاي ھەقىقىي ئىسمى بىلەن دەلىللەش ئارقىلىق تىزىملىنىدۇ، ھەر قېتىم پارول كىرگۈزۈش ھاجەتسىز. (ئون تال تۇخۇمنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ، ئىچىدىكى پىشىق تۇخۇمنىڭ رەسىمىنى چېكىپ جەزملەشتۈر دەپ سورىمايدۇ)
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ مۇلازىمەت ئالىپاينىڭ «我的应用» دىكى «火车票机票» مۇلازىمىتىگە كىرگۈزۈلدى، ئىشلەتكۈچىلەر ئۇنى چىقىمداننىڭ باش بېتىگە چىقىرۋالسا بولىدۇ.
12306 ئالىپاي كىچىك پروگراممىسى كېيىن يەنە «كاندىدات بېلەت ئىقتىدارى» نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ. كاندىدات بېلەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى دېگىنىمىز، يولۇچىلارنىڭ 12306 ئورگان يولى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالدىغاندا، ئەگەر ئېھتىياجلىق بېلەت يوق بولۇپ قالسا، بېلەت پۇلى ئالدىن تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، بېلەت سېتىش سىستېمىسى ئاپتوماتىك ھالدا توردا ئۆچرەتتە تۇرۇپ كاندىدات ئورۇنلاشتۇرىدۇ. باشقىلار بېلەت قايتۇرۇش، ۋاقىت ئۆزگەرتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇرۇن چىقسا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا پويىز بېلىتىنى نەقلەشتۈرىدۇ ھەمدە بېلەت سېتىۋېلىش نەتىجىسىنى يولۇچىلارغا ئۇقتۇرىدۇ. بۇ ئىقتىدار يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يولۇچىلارغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ.

来源: it之家

1ئادەم ئىنكاس يازدى

سەرگەردان ۋاقتى: 2020-7-5 18:44:51
مەن تىزىملىتاي دىسەم ئىسمىمنى خاتا دەپ تۇرۋالدى  
ئىسىم بەك ئۇزۇن بوپ كەتسە بولمامدۇ نىمە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部