+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-1 11:23 1550 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
گەرچە يانفوننىڭ ئىقتىدارى بارغانسېرى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن باتارېيە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ھەر يىلى %10 لىك يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ، بايراقدار يانفونلارنىڭ باتارىيەسنىڭ توكىنىڭ يىتىش ۋاقتىغا بولغان تەلەپ بارغانسىرى يۇقىرى بولماقتا. شياۋمى 10 غا 4780mAh باتارېيەسى ئورنىتىلغان، خۇاۋېي Mate30 Pro نىڭ بولسا 4500mAh باتارىيە.
يېقىندا بىر تاراتقۇ ئاساسى ئېقىمدىكى بايراقدار يانفونلارغا قارىتا توكىنىڭ يىتىش ئەھۋالى سىنىقى ئېلىپ باردى، نەتىجىدە، ئۇدا ئىشلەتكەندە توكىنىڭ يىتىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى ئالما iPhone11 Pro Max ئىكەنلىكى بايقالدى، كونكرېت رەت تەرتىپىنى كۆرۈپ باقايلى.

بىرىنجىسى: iPhone11 Pro Max
iPhone 11 Pro Max ئالمىنىڭ ھەقىقىي بايراقدار يانفونى، شۇنداقلا باتارېيەسى ئەڭ چوڭ iPhone بولۇپ، خەلقئارالىق تاراتقۇلار ئۇدا ئىشلىتىش سىنىقىدا كۆپ قېتىم بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن.
4feb662b8baf4e8a82d656cb81cfa5bd.jpg
بۇ يانفونغا 6.5 ديۇملۇق ئېكران، ئالما A13 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3969mAh لىق باتارېيە سەپلەنگەن بولۇپ، 18W تېز زەرەتلىنىشنى قوللايدۇ.
گەرچە پەقەت 3969mAh لىق باتارېيە بولسىمۇ، ئەمما توكىنى ئۇدا ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئىپادىسى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ئايفوننىڭ توكى يەتمەيدۇ دېگەن قاراشنى مۇشۇ يانفون ئاغدۇرۋەتتى.

ئىككىنجىسى: سامسۇڭ (S20 Ultra (60Hz
تۆتىنجىسى: (S20 Ultra (120Hz
50f5b1678e944876a2bf07cc669fac09.jpg
S20Ultra غا 5000mAh لىق باتارىيە، 6.9 دىيۇملۇق 2K ئېكران سەپلەنگەن. 45W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سەپلىمىسى ئوخشاش بولۇپ، ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا توكنى شۇنچە خورىتىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

ئۈچۈنچىسى: خۇاۋېي P30 Pro

6dc9d428008b41eeafa85066170981a4.jpg
ئېكرانى 6.47 دىيۇم، باتارىيەسى 4200mAh، بوبرا كىيىك 980 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، 40W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.
بۇ يانفون ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بازارغا سېلىنغان، پەقەت 4G تورىنى قوللايدۇ.

بەشىنجىسى: يىجىيا 7T

a1dfd040aad241fba8a36ec441a7c73f.jpg

بۇ يانفونغا 3800mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن بولسىمۇ توكىنىڭ يىتىشى جەھەتتە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرىشى ھەيران قالارلىق.
يىجىيا 7T غا كۋالكوم +855 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6.5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن؛ 30W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 90Hz

باشقىلىرىنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە كۆرسىتىلدى.

86f896fc27ad4558805c48aa5e31a2ee.jpg
47a121162d7641a2aadb5653a5464f49.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسىگە كۇۋالكوم 865 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن شىياۋمى 10، يىجىيا 8،  vivoX50 Pro ، oppoFindX2، iQOO3 قاتارلىق يانفونلارنىڭ توكىنىڭ يىتىش ئەھۋالىنى سىناپ تەكشۈرگەن. بۇلارنىڭ باتارىيەسى 4200mAh دىن 4780mAh گىچە.

1000.jpg
0.gif
بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە توختىماي ۋىدىئو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش؛ تورغا چىقىش بويچە سىناق ئېلىپ بارغان نەتىجىسى.

1000 (1).jpg

ۋىدېئو كۆرگەندە  iQOO3 توكنى ئەڭ ئاز خوراتقان؛ oppoFindX2 ئەڭ كۆپ خوراتقان.
PUBG ئويۇنى ئوينىغاندا يىجىيا 8 خوراتقان توك %39 بولغان؛ vivoX50 Pro نىڭ خوراتقان توك ئەڭ يۇقىرى يەنى %49
تورغا چىققاندىمۇ iQOO3 خوراتقان توك ئەڭ ئاز؛
ئونۋېرسال باھالىغاندا بۇ يانفونلار ئىچىدە توكى ئەڭ ئۇزۇن يېتىدىغىنى iQOO3 ؛ توكى ئەڭ تېز تۈگەيدىغىنى oppo FindX2
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部