+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:6 كۈن بۇرۇن 1056 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندا ئاشكارىلانغان ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاندرويد Android 12 نىڭ 32 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 32 بىتلىق ئەپلەرنى قوللىمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.
بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ تېز بولغاندا 2021-يىلى ياز پەسلىدە، ئەگەر ئاچقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەپلىرىنى ساپ 64 خانىلىق كودقا يېڭىلىمىسا، بىر تۈركۈم يانفونلار ئەڭ يېڭى Android سىستېمىسىغا يېڭىلانغاندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار بۇرۇنقى ئەپلەرنى ئىشلىتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىجرا بولمايدۇ. بۇ بىر ياساپ ئېلان قىلىپ قويغاندىن كېيىن ئۇزۇنغىچە يېڭىلانمىغان نۇرغۇن ئەپلەرنىڭ ئەخلەتكە ئايلىندىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

1000 (6).jpg

ئاندرويد ئەڭ بۇرۇن 5.0 نەشىرىدىن باشلاپ 64 بىتنى قوللاشنى باشلىغان، ئەمما ھازىرغىچە 64 بىتلىق ئەپلەر ئومۇملىشىپ بولالمىدى.
گەرچە 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئىگە تەرەپ ئەپ دۇكىنىغا چىقىرىلغان ئەپلەر چوقۇم 64 بىتلىقنى قوللىشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما 32 بىتلىقمۇ چەكلەنمىگەن. بۇنىڭ بىلەن بەزى ئەپ بازارلىرىدا ساپ 32 بىتلىق ئەپلەر يەنىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، بۇ يانفوننىڭ راۋانلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يانفوننىڭ ئىقتىدارى ۋە توك مىقدارىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ قېتىم گوگۇل سىستېما جەھەتتىن قول سېلىپ، يېڭى سىستېمىدا 32 بىتلىق ئەپلەرنى ئىجرا بولماسلا قىلىۋېتىپتۇ.

1000.jpg

32 بىتلىق ئەپكە «ئارقا ئىشىك» ئېچىپ بېرىشتىن تۇيۇقسىز قەتئىي ۋاز كېچىشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى، ھەتتا سەل ئالدىراپ قالدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا گوگۇلنىڭ بۇ ئۆزگىرىشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟

رىقابەتچىنىڭ بېسىمىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
Android سىستېمىسى نۆۋەتتە %80 تىن ئارتۇق كۆچمە ئۈسكۈنىگە ئىگە. بۇ قارىماققا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بازار ئەۋزەللىكى بولسىمۇ، لېكىن پەن-تېخنىكا كۆرۈشكە بولىدۇكى، نوكىياغا ئوخشاش زومىگەر بولغان تەقدىردىمۇ، مەھسۇلات كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە، ناھايىتى تېزلا بازاردىن شاللىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا گوگىلغا نىسبەتەن ئالما، مىكروسوفت ھەتتا باشقا داڭلىق كارخانىلارنىڭ رىقابەت بېسىمى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. گوگۇل ئاندرويدنىڭ ئىككىنجى Symbian غا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.

iOS 14 كۆرۈنۈشى Android قا ئوخشاپ قالدى.

1000 (1).jpg

يېقىندا ئالما شىركىتى يېڭى iOS 14 ۋە macOS 11 نى ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم PC مەھسۇلاتلىرىدا ئۆزىنىڭ 64 بىتلىق ARM ئېكولوگىيەسىنى ئىشلىتىپلا قالماستىن، يەنە كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈز ئۇسلۇبىنى Android قا «ئوخشاتتى». بۇ گوگۇلنىڭمۇ ئاندرويدنىڭ يادروسى، بىخەتەرلىك، راۋانلىق جەھەتتە iOS نى دورىمىسا نۇرغۇن خېرىداردىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
64 بىتلىق ئېكولوگىيەنى پائال تەرەققىي قىلدۇرالمىغان مىكروسوفتمۇ تۇيۇقسىز OEM زاۋۇتىغا 32 بىتلىق سىستېما سېتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، 64 بىتلىقنى مەجبۇرىي ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىنى باشلىدى.

1000 (2).jpg

بۇنداق ئەھۋالدا گوگۇل ئۆزىنىڭ ئېكولوگىيەلىك رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاش ئۈچۈن 32 بىتتىن ۋاز كېچىش زۆرۈر.
بۇ ئىش دەماللىققا ئەپ ئاچقۇچىلار، ئىستىمالچىلارغا نۇرغۇن باش ئاغرىقى تېپپ بېرىدۇ.

قوشۇمچە:
بىت bit - مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ بىر قېتىمدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان سانلىق مەلۇمات كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى 32 بىتتا بىر ئىشىكتىن بىرلا ۋاقىتتا 32 ئادەم ئۆتەلەيدۇ، 64 بىتتا بىرلا ۋاقىتتا 64 ئادەم ئۆتەلەيدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا نەزەرىيە جەھەتتىن 64 بىتنىڭ سۈرئىتى 32 بىتتىن بىر ھەسسە تېز. ئەمەلىيەتتە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، مەشغۇلات سىستېمىسى، يۇمشاق دېتالنىڭ ھەممىسى 64 بىتلىق بولسا ئاندىن مۇشۇ ئۈنۈمگە يېتىدۇ.
32 بىتلىق سىستېما ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2 نىڭ 32- دەرىجىسى، يەنى 4096mb ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتەلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە 3.5G ئەتراپىدا. كومپىيۇتېرنىڭ نوچىسىنى ئېلىۋېلىپ، 16Gb لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەپ، 32 بىتلىق سىستېما قاچىلىۋالسىڭىز تېزلىككە ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ 3.5Gb دىن ئاشقان قىسىمىنى تونۇمايدۇ.

يانفونمۇ ئوخشاش، ھازىرقى يانفونلارنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 12Gb، 8Gb لىق چىقىۋاتىدۇ. ئاندرويدقۇ بۇرۇنلا 64 بىتلىق چىققان، بۇنچىلىك چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى تونۇيدۇ، ئەمما ئەپ داۋاملىق 32 بىتتا تۇرۋالسا ئۇنچىۋالا چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ، يۇقىرى سۈرئەتلىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ رولى تولۇق جارى بولمايدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

foxtpdf ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
يانفوننىڭ قانچە بىت ئىكەنلىكىنى  قانداق تەكشۈرىمىز ؟
مىنىڭ يانفۇنۇم redmi  note8pro
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部