+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:6 كۈن بۇرۇن 506 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سامسۇڭ 8-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا بىردىن بايراقدار دەرىجىلىك يانفون ئېلان قىلىدىكەن. يەنى 8-ئايدا Galaxy Note20 نى، 9-ئايدا Galaxy Fold 2 نى، 10-ئايدا Galaxy S20 Pen Edition نى ئېلان قىلىدۇ.
نۆۋەتتە سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ سېتىلىشى تازا ياخشى بولمىسىمۇ، ئاندرويد شاھى دېگەن نامىدىن تېخى قالغىنى يوق.


1000.jpg

سامسۇڭ Galaxy Note20 گە 6.9 دىيۇملۇق 120Hz 2K ئېكران، كۇۋالكوم 865 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4500mAh لىق باتارىيە سەپلىندىكەن. 45W تېز زەرەتلەشنى قوللايدىكەن.

1000 (2).jpg

ئالدى كامېراسى 40 مىليون پىكسېل، ئارقا ئاساسىي كامېراسى 108 مىليون پىكسېل بولىدىكەن، يەنە 12 مىليون پىكسېللىق كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا، 13 مىليون پىكسېللىق ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا، لازېر نۇرلۇق فوكۇس توغرىلاش قاتارلىقلار باركەن.

1000 (1).jpg

بۇ يانفونغا يەنە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق بارماق ئىزى سېنزورى، قوش ئاۋاز ياڭراتقۇ سەپلىنىدۇ. 5G قوللايدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى 10 مىڭ يۈەنگە بېرىشى مۇمكىن.

سامسۇڭ Galaxy Fold 2 ئىككىنجى ئەۋلاد قاتلىندىغان يانفون. ئوڭ سول يۈنىلىشتە قاتلىنىدۇ. يايغاندا 7.7 دىيۇم بولىدۇ، قاتلىغاندا سىرتىدا 6.23 دىيۇملۇق يەنە بىر ئېكرانى بار.

1000 (3).jpg

1000 (4).jpg

ئالدى كامېراسى تۆشۈك شەكىلدە لايھىلەنگەن، كەينىدە تۆت كامېراسى بار، ئاساسى كامېراسى 64 مىليون پىكسېل. باھاسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

1000 (5).jpg

Galaxy S20 Pen Edition يانفونى Galaxy S20 نىڭ ئەرزان باھالىق تىپى. كۇۋالكوم 865 سەپلىندۇ، باھاسى 650 ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلىنىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部