+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:7 كۈن بۇرۇن 740 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆنۈگۈن كەچتە شىياۋمىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئەپى 小米金融 دىكى قەرز بېرىش سوممىسى تويۇقسىز 212 مىليونغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.

微信截图_20200629101500.jpg

微信截图_20200629101349.jpg


بۇ قانداق ئىش، بۇنچىۋالا كۆپ قەرز ئالساق نەگە خەجلەرمىز، ئۆسۈمىمۇ بىر پاتمان بولا ھەقىچان دەپ، چەمبىرەككە چىقىرىپ چاقچاقمۇ قىلىشتۇق. سىستېما مەسىلىسىكەن، بىر ئازدىن كېيىن ئۇ نەچچە يۈز مىليوندىن يەنە بۇرۇنقى ئەسلىگە قايتتى.
شىياۋمىدىن ئۇنداق ئىككى يۈز مىليون قەرز ئالغىلى بولمىسىمۇ بىرەر يۈزمىڭ يۈەن قەرز ئالغىلى بولىدۇ.
شىياۋمى يانفون قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى چىقىردىغان پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە پۇل مۇئامىلە شىركىتى. 2015-يىل 9-ئايدا مەخسۇس ئەپ چىقىرىپ قەرز پۇل بىرىش مۇلازىمىتىنى باشلىغان.

1b7e000191195719b544.jpg

شىياۋمىنىڭ بۇ مۇلازىمىتى ئالىپاينىڭ جىي بېي 借呗 غا ئوخشايدۇ. بېكىتىپ بەرگەن سومما دائىرىسىدە قەرز بىجىرىپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 12 ئايدا قايتۇرۋەتسە بولىدۇ. قەرزنى 12 ئايغا بۆلۈپ قايتۇرسىمۇ ياكى ئاۋال ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ، دىرىنى ئەڭ ئاخىرقى ئايدا قايتۇرسىمۇ بولىدۇ. ئۆسۈمى ئالىپاينىڭكىنىدىن ئازراق يۇقىرى.
ئالىپايدا جىيې بېي ئېچىلمىغانلار مۇشۇنى سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. ئالىپايدىن باشقا يەنە بىر ئىشەنچىلىك قەرز بىجىرىش سۇپىسى.

بۇ ئەپنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ، ياكى ئەپ بازىردىن ئىزدەپ چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ ئەپ شىياۋمى يانفوندىن باشقا يانفونلاردىمۇ ئىشلەيدۇ، ئالما نۇسخىسىمۇ بار.

ئەپنى قاچىلىغاندىن كېيىن شىياۋمى ھېساباتىدا كىرىسىلەر، شىياۋمى ھېساباتى بولمىسا يېڭىدىن تىزىملاتساڭلار بولىدۇ.
تىزىملىتىپ بولۇپ بانكا كارتىسى باغلاپ، ھەقىقى ئىسىم دەلىللەشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قەرز بېرىش سوممىسى چىقىدۇ. دەسلەپتە ئازراق چىقىدۇ.

1b7c000195101814e5c1.jpg


1b7e0001946a54ead567.jpg

قەرز بىجىردىغاندا چىراي تونۇتۇپ دەلىللەيدىغان، يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق دەلىللەيدىغان باسقۇچلىرى بار.
كارتىغا چىقارغىلى بولىدىغان قەرز سوممىسىدىن باشقا، مەخسۇس شىياۋمى بازىرىدا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشتا ئىشلىتىدىغان 购物额度 چىقىرىپ بېرىدۇ. شىياۋمى يانفونى، تېلۋىزور، كىرئالغۇ... دېگەندەك مەھسۇلاتلارنى مۇشۇ مال سېتىۋېلىش سوممىسىغا سېتىۋالسا بولىدۇ.
مەھسۇلات سېتىۋالغاندا شىياۋمى ئورگان تورى ياكى 小米商城 ئەپتىن سېتىۋېلىپ، مۇشۇ 购物额度 ئارقىلىق پۇل تۆلىسەڭلار قەرز سوممىسى تېز ئۆسىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部