+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:7 كۈن بۇرۇن 684 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسنى يانفوندا قانداق ئىشلىتىمىز؟ چۈشۈردىغان خەرىتە ئەپ دېتالى بارمۇ؟
23-ئىيۇن دۆلىتىمىز يەتىكەن ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ 55-سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن يەتىكەن 3-سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تولۇق تاماملاندى. 20 نەچچە يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق جۇڭگو يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسى ئامېرىكىنىڭ GPS ، روسىيەنىڭ گلوناس ۋە ياۋروپانىڭ گالىلېي يول باشلاش سىستېمىلىرى بىلەن بىللە يەرشارىدىكى تۆت چوڭ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىغا ئايلاندى.

微信图片_20200629100038.jpg

بۇ خەۋەر يوللانغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق سورىدى: يانفوندا قانداق قىلغاندا GPS تىن يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ؟ يەتىكەن خەرىتىسىنى نەدىن، قانداق چۈشۈرۈش كېرەك؟

微信图片_20200629100051.jpg

بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، گەپنى ئالدى بىلەن يانفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش مېخانىزمىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
خەرىتە ئەپنىڭ ئورۇن بەلگىلەش پىرىنسىپى بولسا، يانفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئۆزىكى سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن خەرىتە ئەپكە يوللاپ بېرىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن خەرىتىدىكى كوردىناتقا ئايلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كىشىلەر خەرىتىدىكى ئورنىنى كۆرەلەيدۇ. شۇڭا يەتىكەن يۇلتۇزى يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشتە مەخسۇس ئەپ ئىلشەتمىسىمۇ بولىدۇ (شۇڭا يەتىكەن سىستېمىسنىڭ ئىگە تەرەپ خەرىتىسى يوق)، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەتىكەن يۇلتۇزى يول باشلاش سىستېمىسىنى يانفون قاتتىق دېتالى بەلگىلەيدۇ، يۇمشاق دېتال بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

微信图片_20200629100055.jpg

ھازىر بازاردىكى كۆپ قىسىم يانفون مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلىرى، مەسىلەن، كۇۋالكوم، لىيەنفاكې، بوتوڭ، بوبرا كىيىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەتىكەن ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى قوللايدۇ، شۇڭا بۇ نۆۋەتتە بازاردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سىگنالىنى قۇبۇل قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خوڭمى K30 5G ھەمدە روڭياۋ Play4 نى ئەمەلىي ئۆلچەپ سىنىغاندا كۆپ خىل سۈنئىي ھەمراھلارنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى، GPS، GLONASS، Galileo قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە ئەڭ كۆپ سۈنئىي ھەمراھنى جۇڭگونىڭ يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھى دېيىشكە بولىدۇ، ئىككى خىل يانفوندىن 20 نى تاپقىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن يەتىكەن يۇلتۇزىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ يەنىلا ناھايىتى روشەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

微信图片_20200629100101.jpg

微信图片_20200629100107.jpg

تۆۋەن دەرىجىلىك يانفونلارمۇ يەتىكەن سىستېمىسنى قوللايدىكەن، مەسىلەن، خۇڭمى 9، روڭياۋ Play 3 قاتارلىقلار، بازاردىكى بارلىق ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يەتىكەن يۇلتۇزى سىستېمىسىنى قوللايدۇ دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا سىز بەيدۇ ياكى گاۋدې خەرىتىسى، ياكى باشقا ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا، ئەمەلىيەتتە يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ بولغان بولىسىز. يەتىكەن ئۈچۈن ئايرىم ئەپ چۈشۈرۈش ھاجەتسىز.

微信图片_20200629100111.png

微信图片_20200629100115.jpg

بىراق ئالمىنىڭ بارلىق يۈرۈشلۈك يانفونلىرى يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىنى قوللىمايدۇ. ئورگان تورىنىڭ پارامېتىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەيلى iPhone X، iPhone XS ياكى 11Pro  بولسۇن، GPS نى قوللايدۇ، ئەمما يەتىكەن ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى قوللىمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن چىققان ئايفونلاردا قوللىشى مۇمكىن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部