+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-28 11:02 568 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالى دامو ئاكادېمىيەسى ئېلان قىلغان 2020-يىلىدىن كېيىنكى 10 چوڭ پەن ـ تېخنىكا يۈزلىنىشى

阿里达摩院发布的2020十大科技趋势


يېقىندا ئالى بابا دامو ئاكادېمىيەسى «2020-يىلىدىن كېيىنكى ئون چوڭ پەن ـ تېخنىكا يۈزلىنىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، ئاق تاشلىق كىتابتا كېيىنكى ئون يىللىق پەن ـ تېخنىكا دولقۇنى مۆلچەرلەندى، بۇ يۈزلىنىشلەر ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا:


بىرىنچىسى: سۈنئىي ئىدراك سېزىشتىن بىلىش ئەقلىي ئىقتىدارىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.

a4f2b86df7da4fe081fa93a8e6e673f1.jpg

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، سۈنئىي ئىدراك تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىشتا ئىنسانلارنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىشى مۇمكىن.

ئىككىنچىسى: كومپيۇتېر ۋە ساقلاشنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى AI (سۈنئىي ئىدراك) ھېسابلاش كۈچى بوغما ھالىتىنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ
6a6615e2100c43b68c0cc113b7ac2d55.jpg

بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، كىشىلەر كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال ۋە قۇرۇلمىسى جەھەتتە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەپ، AI جەھەتتىكى قىيىن توسالغۇنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. شۇنداقلا سانلىق مەلۇماتلارنى يۆتكەشنى ئازايتىپ، ھېسابلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.


ئۈچىنچىسى، سانائەت ئالاقە تورىنىڭ بىرىكىشى
4574bab5352f4e90a1e06f7a44a9ebd1.jpg

مانا بۇ كۆپچىلىك بىر قەدەر پىششىق بىلىدىغان "تۈمەن مىڭلىغان شەيئىنى ئۆزارا تۇتاشتۇرۇش" دېگەن مەنىدە بولۇپ، 5G، نەرسە تورى(IoT)، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىقلار تېز تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، ياسىمىچىلىق كەسپى ئۈسكۈنىلەرنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىدۇ.


تۆتىنچىسى: ماشىنىلار ئارا كەڭ كۆلەمدە ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىدۇ
32a4b0b2b5804a239dd06773ccc773f7.jpg

5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى كۆپلىگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدىلەر ئارىسىدىكى ماسلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، بەلكىم كىنولاردا تەسۋىرلەنگەن "ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلار" ئاساسلىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.



بەشىنچىسى: مودۇللاشتۇرۇش ئۆزەك لايىھەلەش شەرتىنى تۆۋەنلىتىدۇ
eeababcfa68446bba076c4795000aedf.jpg

بۇنىڭ مەنىسى ئۆزەك لايىھەلەش جەھەتتە، ئەنئەنىۋى ئۆزەك لايىھەلەش كەلگۈسىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ، مودۇللاشتۇرۇلغان پېچەتلەش لايىھەسى ئۆزەك تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىدۇ.



ئالتىنچىسى: كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش دەرىجىلىك بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ قوللىنىلىشى ئاممىغا يەتكۈزۈلىدۇ
b9bf88a6314a404084d1e22318748af3.jpg


نۆۋەتتە بۆلەكلەر زەنجىرى ئۇچۇر ساھەسىدىكى بىر مۇھىم ئاتالغۇ بولۇپ قالدى، ماھىيەتتە ئۇ بىر ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولۇپ، كەلگۈسىدە بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش دەرىجىسى ئاۋام ئارىسىغا كىرىدۇ.



يەتتىنچىسى: كىۋانتلىق ھېسابلاش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ

c3027f216f704efc8801ab0247692578.jpg

يېقىندا Honeywell شىركىتى (يىللىق تىجارەت كىرىمى 30 نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كۆپ مەنبەلىك يۇقىرى يېڭى پەن-تېخنىكا كارخانىسى) ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كۋانت كومپيۇتېرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمما كۋانت كومپيۇتېرىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى كەلگۈسىدە ئىنتايىن مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا كۋانت كومپيۇتېرى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ. بۇنىڭدا دۆلىتىمىز پەن-تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئالى بابا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار، ئامېرىكىنىڭ MIT قاتارلىق ئالى بىلىم يۇرتلىرى، IBM، گۇگول قاتارلىق پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.



سەككىزىنچىسى: يېڭى ماتېرىيال يېرىم ئۆتكۈزگۈچ زاپچاسلىرىنى يېڭىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

79e87ba12af546c4b7da1ba803b541ec.jpg

يېقىن كەلگۈسىدە يېڭى ماتېرىيالدا بۆسۈش پەيدا بولىدۇ، يېڭى ماتېرىيالدىكى بۆسۈش يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ ھەمدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تەرەققىيات مەيدانغا كېلىدۇ.



توققۇزىنچىسى: سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكىنى قوغدايدىغان AI تېز سۈرئەتتە بارلىققا كېلىدۇ
c3bbb322898d436a941f802d0d8621d1.jpg

كەلگۈسىدىكى دۇنيا بەلكىم سانلىق مەلۇماتلاشقان دۇنيا بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا كېيىن، شەخسىي مەخپىيەتلىك بارغانسېرى مۇھىم بولۇپ كېتىدۇ، AI بۇ جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.


ئونىنچىسى: بۇلۇت ھېسابلاش بولسا IT تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ

31ec3a79d230469c978e949dfa36ce53.jpg
نۆۋەتتە بۇلۇت تېخنىكىسى نۇرغۇن ساھەلەرگە سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلۇت تېخنىكىسى ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىقىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەرمەكتە، بۇلۇت ھېسابلاش كەلگۈسىدە پۈتكۈل رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىگە ئايلىنىدۇ.


يۇقىرىقىلار دەل ئالى بابا دامو ئاكادېمىيەسى ئېلان قىلغان 2020-يىلىدىن كېيىنكى 10 چوڭ پەن ـ تېخنىكا يۈزلىنىشى، ئۇنداقتا دوستلار ئارىسىدا، بۇ ساھەلەردە سىلەر چېتىلىۋاتقان ياكى كېيىن كىرمەكچى بولغان ساھەلەر بارمىكەن؟

مەنبە:   ئىدراك مۇنبىرى (智力思维) تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部