+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-28 11:16 1199 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-6-28 10:43  

كومپىيۇتېر (قاتتىق دېسكا) ، بارماق دېسكىدىكى مۇھىم ھۆججەت، رەسىملەر ئېھتىياسىزلىقتىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدىغان ياكى ئۆزىمىز ئۆچۈرۋېتىپ تۆت كۈندىن كېيىن لازىم بولىدىغان ئىشلار ئۇچىراپ تۇرىدۇ. مۇشۇ ھەقتە ياردەم سورايدىغانلار كۆپ.
بۇ ئەمىلىي سىناقتىن ئۆتكەن تەجرىبە، سىز ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز تۇنۇشلىرىڭىزغا، باشقىلارغا جىددىي لازىم بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن؛ شۇڭا يازمىنى ساقلىۋېلىڭ، تارقىتىڭ.

ئۆچۈرۋەتكەن ھۆججەت نېمىشقا ئەسلىگە كېلىدۇ؟
ھۆججەت ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلغاندا ئەمەلىيەتتە ھۆججەتنىڭ (بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ھۆججەت كومپىيۇتېردا ساقلىندىغان بارلىق نەرسىنى كۆرسىتىدۇ) ئۆزى دېسكىدىن ئۆچمەي، ھۆججەت نامىنىڭ بىرىنجى ھەرىپىنى ئۆچۈرۈپ، ھۆججەتنى يوشۇرۇن قىلىپ قويۇپ؛ ئۇ ئورۇنغا باشقا ھۆججەت يازسا بولىدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ. كېيىن مۇشۇ رايونغا باشقا ھۆججەت يېزىلغىچە «يۇشۇرۇن» ھالەتتە ساقلىنىپ تۇرىدۇ. ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرى مۇشۇ پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنى ئىزدەپ تېپىپ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇڭا بەزى ئەسلىگە كەلگەن ھۆججەتنىڭ نامى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شۇ ھۆججەت ساقلانغان رايونغا باشقا ھۆججەت يېزىلماسلىقى (كۆچۈرۈلمەسلىكى) كېرەك؛ بولمىسا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. يەنى مەلۇم ھۆججەتنى ئۆچۈرۋېتىپ ئۇ يەرگە باشقا چوڭ ھەجىملىك ھۆججەت كۆچۈرۋەتسە بۇرۇنقىسىنى ھەر قانداق دېتال بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرىدىن Final data, Easy Recovery قاتارلىقلار بار. بۇ دېتاللار نورمال ئىشلىتىۋاتقان ۋىندوۋستا رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇالمايدۇ. يەنى ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى ياخشى تاپالمايدۇ. قاتتىق دېسكىنى سۆكۈپ ئېلىپ باشقا كومپىيۇتېرغا چېتىپ ئىشلەتسە ياكى كومپىيۇتېرنى WinPe ئارقىلىق قوزغىتىپ ئاندىن ئىشلەتسە بولىدۇ. سەل ئاۋارىچىلىق.
تۆۋەندە كۆپچىلىككە يەنە بىر ئۈنۈملۈك ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتالى ۋە ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمىز.
بۇ دېتالنىڭ ئىسمى 电脑管家
بۇ تېڭشۈننىڭ كومپىيۇتېر بىخەتەرلىك دېتالى؛ ۋىرۇس توسۇش، ۋىرۇس تازىلاش، كومپىيۇتېردىكى ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازىلاش ئىقتىدارلىرى بار. قورال ساندۇقىنىڭ ئىچىدە ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ ئۆچۈرۈش، خاتا فورماتلىنىپ كەتسە ئەسلىگە كەلتۈرۈش .... قاتارلىق ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئائىت ئىنتايىن مۇھىم ئىقتىدارىمۇ بار.

ئاۋۋال بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرغا قاچىلايمىز.
ئىگە تەرەپ چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://guanjia.qq.com
مۇشۇ ئادرېسنى ئېچىپ 立即下载 نى بېسىپ چۈشۈرۈپ قاچىلىساڭلار بولىدۇ.

قاچىلاپ بولۇپ قوزغالغاندىن كېيىن ماۋۇ رەسىمدىكى ھالەتكە كەلگەندە

微信截图_20200628101919.png

ياكى بۇ ھالەتتە بولۇشى مۇمكىن

7d372676227d9d793b1abe06124c35f7.png

工具箱 دېگەن يەرنى چېكىمىز، نۇرغۇن قوراللار چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىن

微信截图_20200628102045.jpg

恢复被删除的文件 نى چېكىمىز.

ھۆججەت ئۆچۈپ كەتكەن قاتتىق دېسكا رايونى ياكى بارماق دېسكىنى تاللاپ، ئوڭ ئاستى تەرەپتىكى 开始扫描 نى چېكىمىز.

微信截图_20200628102251.jpg

تاللىغان رايوندىن ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، تىزىملىكى چىقىدۇ.

37076816630a0c3e3ffa9f69e5da02d5.png

ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ، 开始恢复 نى چەكسىڭىز بولىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈردىغان ھۆججەتنىڭ سىغىمى چوڭراق بولسا ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدۇ.

01d13e2d5b5324a18cad3da1860bfe1e.png

7149715d310bbdd22c676d581fe99d6c.png

مۇشۇ ھالەتكە كەلگەندە ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئورۇنغا كىرىپ ھۆججەتنى تاپالايسىز.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

Eliyop ۋاقتى: 2020-6-28 13:20:28
بۇ ئەمىلى قولۇنىشچانلىققا ئىگە ياخشى تىما ، تېڭشۈننىڭ بۇ دىتالى ھەقىقەتەن ياخشى ئۇنىڭ يەنە ئۆچمىگەن جاھىل لۈكچەك ھۆججەتلەرنىمۇ ئۈچۈرۈش ئىقتىدارى بار.

muzat1970 ۋاقتى: 2020-6-28 23:39:39
جاھىل ھۆججەتنى ئۆچۈرۈش ھالىتىنىمۇ رەسىملىك قىلىپ چۈشەنچە بېرىدىغانلار بولسا يوللاپ قويساڭلار پايدىلانساق بولاتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部