+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-27 12:02 877 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالما سىزىمچان ئېكرانلىق ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ يولباشچىسى. iPhone نى بارلىققا كەلتۈرۈپ يېڭى دەۋرنى باشلاپ بەرگەن. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان «يۈزى» نى قايرىپ قويۇپ ئاندرويدتىن «كۆچۈرۈش» كە باشلىدى.
بۇ يىلقى WWDC2020 يىغىندا iOS 14 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كىشىلەر «ھەيران» قالغۇدەك يېڭىلىقلارنىڭ يوقلۇقىنى، يېڭى قوشۇلغان ئىقتىدارلارنىڭ ئاساسەن ئاندرويدتا بۇرۇن ئىشلىتىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتىشتى. مەسىلەن: «رەسىمدىكى رەسىم» ئىقتىدارىنى ئاندرويد ئىككى يىل بۇرۇن چىقىرىپ بولغان. تېلېفون كەلگەندىكى لەيلىمە كۆزنەكنى ئاندرويدتىكى تۆت يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىش؛ ئۈستەل يۈزى ئەپچىسىنى ئاندرويدتا بەش يىل بۇرۇن ئىشلىتىشكە باشلىغان.
بۇ ئالمىنىڭ ئاندرويدنى «دوراپ» ئېكراننى چوڭايتقاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك «كۆچۈرۈشى»

20180608155204_19013.jpg

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئالما شىركىتى 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ كىرىم مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى، باي پاھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. بۇ پاي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىككى ئىنتېل، سەككىز تېسلا ۋە بىر فېيسبوكنىڭ پاي چېكى قىممىتىگە باراۋەر بولدى. يەنى خۇاۋېي، شىياۋمىلارنىڭ ھۇجۇمى، OPPO، vivo لارنىڭ پاس چىقىرىپ ماسلىشىشى بىلەن ئالمىنىڭ بازىرى كاساتلاشتى.
كۇك مۇنداق دېدى: ئالمىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىلىشى مۆلچەردىكىدەك بولمىدى.
جوبستىن كېيىن ئالما مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىدىن تاۋارغا ئايلانغان. قىپقىزىل نۇسخىسىنى چىقىرىش، ئىلگىرى «تاغتۇرا» يانفونلاردىلا بولىدىغان قوش كارتا قوللايدىغان قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالمىنىڭ ئامالسىزلىقى، لېكىن ھازىرقى ئالما ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ نورمال ئەھۋال.
iOS نى ئاندرويدلاشتۇرۇش، 5G پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇش، ئالما بېجىنى كۈچەپ يىغىش، ئاساسىي بەلباغ قۇرۇلۇشىنى توغرا ئىگىلىيەلمەسلىك... جوبىسنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تالانتىغا ۋارىسلىق قىلمىدى، بازار رىقابىتى ئاستىدا كۇك ئىستىمالچىلار «ياختۇردىغان» يولدا مېڭىشقا مەجبۇر بولدى.

1. سىرلىق ئالما سىستېمىسى ئاندرويدقا ئوخشاپ قالدى
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالما ئاچقۇچىلار يىغىنى ئاساسلىقى يەر شارىدىكى ئاچقۇچىلارغا يۈزلەنگەن ئەڭ يېڭى تېخنىكا ئالمىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىل ئالما شىركىتى ئېلان قىلغان iOS 14 كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئوبزورچىلار iOS كەسىپ ساھەسىنىڭ باشلامچىسى ئەمەس، ئەكسىچە ئاندرويدنىڭ ئەگەشكۈچىسىگە ئايلاندى، دەپ قارىدى.

baf77d9019b240bf80c596d0f8e1aacb.jpeg

Android نىڭ سىماسى iOS14 نىڭ يېڭىلانغان ئىقتىدارىدا ھەممە يەردە بار. مەسىلەن يۇقاردا تىلغا ئالغان لەيلىمە كۆزنەك، رەسىمدىكى رەسىم، ئۈستەل يۈزى ئەپچىسى...
(ئەلۋەتتە بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى كۆرۈنمە يۈز، ئۇسلۇب جەھەتتىكى «دوراش»؛ iOS نىڭ يېپىق كودلۇق، بىۋاستە ئىجرا بولۇش مىخانىزىمى ئېلىپ كەلگەن راۋانلىق، ئەپ بازىرى قاتتىق ئەپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىكنى ئاندرويد دورايمەن دەپمۇ دوراپ بولالمايدۇ)

2.  5G دا كەينىدە قالدى
ئالما ئىلگىرى 4G نىڭ دەۋر بۆلگۈچ باشلامچىسى ئىدى.
يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىش يانفون كارخانىلىرىنى جىددىيلەشتۈردى، 4G دىن ۋاز كېچىپ 5G غا كىرىش ئاللىقاچان ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.
جۇڭگو 2013-يىلى 4G تورىغا كىرگەن، ئۇ چاغدا 2012-يىلى تارقىتىلغان iPhone 5 ئاللىقاچان 4G تورىنى قوللىغان. دۆلەت ئىچىدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش 4G سىناپ ئىشلىتىشنى باشلىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر iPhone 5C سېتىۋالغىلى كەلگەن، چۈنكى 4G نى بىۋاسىتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش 4G تورىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلار 4G دەۋرىگە قەدەم قويدى.
ھازىر ئالما شىركىتى 5G يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتىنى بازارغا سالمىدى.

f54a533a82414168ae96832e57c2091b.jpeg

بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ئىچىدىكى تور تەرەققىياتى چەت ئەللەرنىڭكىدىن تېز بولۇپ، خۇاۋېي، شياۋمى، O/V لار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 5G يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىپ بازارنى ئىگىلىدى. ئالما 5G يانفونىنى بىر مەزگىل ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. 5G تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى دۆلىتىمىزدە باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېز بولۇپ، بەزى يادرولۇق تېخنىكىسى خۇاۋېينىڭ قولىدا.
يېقىندا، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ يانفون كارخانىلىرى 5G  يانفونىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، 5G  يانفونىنىڭ باھاسىنى ئۈزلۈكسىز چۈشۈردى، نۆۋەتتە، شياۋمى قارمىقىدىكى Redmi 10X يۈرۈشلۈك يانفوننىڭ باھاسى 1599 يۈەندىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئەرزان 5G يان تېلېفونىغا ئايلاندى.
ھازىرغىچە 5G مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلمىغان ئالما بۇ جەھەتتە نۇرغۇن بازارنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.

3. «ئالما بېجى» يىغىش

ئىشلەتكۈچىلەر App store دىن ئەپ ھەقلىق ئەپ سېتىۋالسا، ئاۋۋال چىقىم قىلغان پۇلنى App store غا ئۇرۇپ بېرىدۇ، ئالما بۇنىڭدىن %30 نى ئايرىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن پۇلنى ئەپ ئاچقۇچىغا يوللاپ بېرىدۇ.
« ئالما بېجى» ئالمىنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى App store نىڭ سېتىلىش سوممىسى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە« ئالما بېجى» نىڭ ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئاندرويد بىر ئوچۇق سىستېما بولۇپ، ھەممە ئادەم ئەپ دۇكىنى قۇرۇپ ئەپ تارقاتسا بولىدۇ. بىر قىسىم تەسىر كۈچى بىر قەدەر چوڭ ئاچقۇچىلار ھەتتا ئۆزى چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلەن بىۋاستە تەمىنلەيدۇ.

dad0af2aea6848a899224656f7600467.jpeg

بۇ جەھەتتە ئالما بىلەن ئەپ ئاچقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھەمىشە زىدىيەت مەۋجۇت.
يېقىندا، Basecamp بىرلەشمە قۇرغۇچىسى قوشۇمچە باش تېخنىكا ئەمەلدارى David Heinemeie Hansson ئالمىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن ھەمدە ئالمىنى« قارا جەمئىيەت» دەپ سۈپەتلىگەن: «مەن بەك ھەيران قالدىم. ئالما شىركىتى بايىلا بىزنىڭ hey يوچۇقىنى ئاسراش ۋە يېڭى ئىقتىدار يارىتىش تەلىپىمىزنى تەكرار رەت قىلدى، پەقەت بىز ئالما شىركىتىگە بىزنىڭ تىجارەت كىرىمىمىزنىڭ% 15-% 30 ىنى تاپشۇرىمىز. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى شۇكى، ئۇلار يەنە، ئەگەر بىز بويسۇنمىساق، ئۇلار ئەپنى App store دىن چىقىرۋېتىدۇ» دېدى.
بۇلتۇر 6-ئايدا، iOS ئەپ ئاچقۇچىلار كالىفورنىيەدە كوللېكتىپ ئەرز سۇنۇپ، ئالما شىركىتى مەجبۇرىي ھالدا ئەڭ تۆۋەن باھا بېكىتىپ بەردى ھەمدە ئاچقۇچىلاردىن %30 تىجارەت ھەققى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا نارازلىق بىلدۈردى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئالما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مونوپولغا قارشى تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلدى. ئاساسلىق تەكشۈرۈش جەھەتتە، بىرىنچىدىن، ئالمىنى ئاچقۇچىلار app store نىڭ ھەق تۆلەش سىستېمىسىنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكى، %30 لىك «باج» بار دەپ قارىغانلىقى؛ ئىككىنچىدىن، ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ ئابونتلارغا غەيرى ئالما يولى ئارقىلىق چىقىم قىلىشنى چەكلىگەن-چەكلىمىگەنلىكى تەكشۈرۈلىدۇ.

4. قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ باھا ئۆستۈرۈش
2018-يىلىغا كەلگەندە، يانفون بازىرى كاساتلىشىشقا باشلىدى.
شۇ يىلى 4-پەسىلدىكى مال چىقىرىش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، يەر شارى بويىچە ئەقلىي يانفوننىڭ مال چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئېشىپ، 408 مىليون 400 مىڭغا يەتكەن. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ ئاساسىي ئېقىم يانفون زاۋۇتلىرى باھا بىلەن ئىقتىدار ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەڭپۇڭلۇقنى ئىزدەۋاتىدۇ.
ئالما« ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە» بولۇپ، ئەينى يىلى تەتۈر ۋەزىيەتتە دۆلەت ئىچىدىكى سېتىلىش باھاسى 12 مىڭ 990 يۈەنگە يېتىدىغان iPhone X نى بازارغا سالغان. ئەلۋەتتە، «ئۈنۈمى» كۆرۈلۈپ، ئالما شىركىتىنىڭ 4-پەسىلدىكى iPhone سېتىلىش مىقدارى 64 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 تۆۋەنلەپ، 2016-يىلى 1-پەسىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە پەسىللىك تۆۋەنلەش نىسبىتىنى ياراتتى.

d6ff9f40b4d0440ba3482bb41bd29f94.jpeg

ئۇنىڭ كەينىگە تىزىلغان خۇاۋېي شىركىتى 2018- يىلى 4- پەسىلدە، 60 مىليوندىن ئارتۇق يانفون سېتىپ، %37.6 لىك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
iPhone X تىن باشلاپ، ئالما ئىزچىل تۈردە« ئۆزىگە مەپتۇن بولغان ئىشەنچ» بىلەن يۇقىرى باھا تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ئىككى ئاي ئىلگىرى، ئالما يەنە ئىككىنچى ئەۋلاد SE نى بازارغا سېلىپ، 3000 يۈەن  باھا ئارقىلىق ئاندرويد يانفون كارخانىلىرى بىلەن بازار تالاشتى.

5. ئالما بىلەن ئۈندىدارنىڭ كۈرىشى
زورلۇق-زومبۇلۇق قىلماي، ئۈندىدار دەپ توۋلىماق
2017-يىلى ئۈندىدار ئەپچە ئۇقۇمى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تېڭشۈن بىلەن ئالما ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش باشلاندى.

d7027eb73b7c436aac667a8d349ba0b5.jpeg

ئالمىنىڭ چوڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئىزچىل تۈردە ئۈندىدار ئەپچىسى مىكرو ئېكولوگىيەسىدىن «بىزار» بولماقتا. ئەپ ئاچقۇچىلار ئەپ ياساپ ئەپ سىتورغا چىقىرىپ %30 ئالما بېجى تاپشۇرماي، ئۈندىدار ئەپچىسى ياساۋەرسە، ئالما «باج» كىرىمىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
بۇ ئالمىنىڭ سەزگۈر نېرۋىسىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىپ، پات-پات ئۈندىدار بىلەن سۈركىشىپ ھەر خىل يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىۋاتىدۇ.

ئۈندىدار ئىگە تەرەپ ئېلان قىلغان «سالوندىكى مەۋھۇم پۇل تۆلەش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تىن قارىغاندا، ئۈندىدار ۋە ئالما ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ يېڭى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: iOS نىڭ ئاچقۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئاساسەن، ئۈندىدار سالونى ئىچىدە iOS تېرمىنالى مەۋھۇم چىقىم قىلىش كەسپىنى ۋاقتىنچە قوللىمايدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، مەۋھۇم چىقىم قىلىش كەسپى غەيرىي ماددىي تاۋارلارنى سېتىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: VIP ئەزا، قىممەت تولۇقلاش، سىنغا ئېلىنغان دەرس، ئۈن-سىن قاتارلىق مەۋھۇم مەھسۇلاتلار.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئالما ئابونتلىرى ئۈندىداردىكى قەلەم ھەققى تۆلەش، توردا تەربىيەلەش، ئويۇنغا پۇل قاچىلاش ۋە ئىجتىمائىي توپ قاتارلىقلار مەۋھۇم پۇل تۆلەشنى تاماملىيالمايدۇ.

ئۈچ ئاي ئىلگىرى، « ئالما بارلىق APP لارنىڭ iOS 13 قاراڭغۇ ھالىتىگە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلدى، ئۈندىدار قوللىمسا ئەپ بازىرىدىن چىقىرۋېتىلىدۇ» دېگەن خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

توققۇز يىلدىن بۇيان سۇس رەڭلىك ئەندىزىدە چىڭ تۇرغان ئۈندىدار، ئىلگىرى مىكرو بىلوگ ئارقىلىق «سىزنىڭ كېچىڭىز بەك قىممەتلىك، بىز ئىگىلىۋېلىشقا چىدىمايمىز، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ يانفونىڭىزنى كۆرۈشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قېلىشنى تېخىمۇ خالىمايمىز، سىزنىڭ ھەر كېچىسى ياخشى ئۇخلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
ئەمما بۇ قېتىم بۇ قېتىم ئالمىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۈندىدار مۇرەسسە قىلدى.

hcus36mgtaajxmpa!1200.jpg

خۇلاسىلىغاندا، كۇك ئالمىنى قولىغا ئالغاندىن باشلاپ، ئالمىنىڭ ئۆزگىرىشى يېڭىلىق يارىتىشتىن چوڭ بولدى. ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ ئالما مەھسۇلاتىنى تاللىشى مۇكەممەللىككە يېقىنلاشقان، سەنئەت بۇيۇمى بولغانلىقىدا ئىدى، ئەمدىلىكتە بارغانسىرى باشقا مەھسۇلاتلارغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部