+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-26 12:23 545 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، شياۋمى ئاۋاز تونۇيدىغان مائۇسنى ئېلان قىلىپ، ئاۋام مەبلەغ توپلاش سۇپىسىغا چىقىرىپ مەبلەغ توپلاشنى باشلىدى. بۇ مائۇسقا شىياۋمى ئاۋازلىق ياردەمچىسى شىياۋئەي ساۋاقداش (小爱同学) ئورنىتىلغان بولۇپ، شىياۋئەي ساۋاقداشنىڭ تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرغا يۈرۈش قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ مائۇسنىڭ ئاۋازلىق كىرگۈزۈش، تاۋۇش / تېكىست تەرجىمە قىلىش، شياۋمى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە سايمانلىرىنى كونترول قىلىش، كومپيۇتېرنى ئاۋازلىق كونترول قىلىش، ئاۋازلىق ئىزدەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلىرى بار. ئىشخانا ئىشلىرىنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلالايدۇ.

20200624103431_6783.jpg

سۇپىغا چىقىرىلىپ ئىككى كۈندە ئاۋام مەبلەغ توپلاشنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانى 17مىڭدىن ئېشىپ، غەملەنگەن سومما بىر مىليون 280مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئون ھەسسىلىك ئاۋام مەبلەغ غەملەش نىشانى تېزلا تاماملاندى.

شياۋمى مائۇسنىڭ سىرتقى شەكلى يۈگۈرۈش يولى شەكلىدە لايىھەلەنگەن.
4000DPI ئېنىقلىقتىكى سېنزور سەپلەنگەن؛ تۆۋەن قۇۋۋەتلىك كۆكچىش 5.0 ئىشلىتىلگەن. ئىچىگە 750mAh لىق زەرەتلەشكە بولىدىغان باتارىيە ئورنىتىلغان؛ ئۇدا ئىشلەتسە توكى 30 كۈن يېتىدۇ.
يوشۇرۇن شەكىللىك مىكروفون، ئاۋاز كۇنۇپكىسى بار. ئاۋاز كۇنۇپكىسنى بېسىپ گەپ قىلىپ، بۇيرۇق بەرسە بولىدۇ.
ئاۋاز كۇنۇپكىسىنى ئۈچ سېكۇنت بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن كومپىيۇتېرغا ئاۋازلىق بۇيرۇق بەرسەك بولىدۇ. مەسىلەن، بىر قىسىم كومپىيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىدىغان بۇيرۇقلارنى، « كونترول تاختىسىنى ئاچ 打开控制面板 ، كومپيۇتېر ئاۋازىنى يۇقىرىراق تەڭشە 将电脑声音调大一些 »  « ئۈندىدارنى ئاچ» ، « word نى ئاچ 打开word» ، «بەيدۇنى ئاچ 打开百度 » دېگەندەك ئاۋازلىق بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلالايدۇ.

20200624_103422_828.jpg

ۋرود، كىيۇكىيۇ، ئۈندىدار... قاتارلىق تېكىست كىرگۈزدىغان دېتاللارغا ئاۋازلىق گەپ قىلىپ تېكىستكە ئايلاندۇرۇپ كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

20200624_103422_688.jpg

بۇ مائۇس يەنە قوش USB قوبۇللىغۇچنى قوللايدىغان بولۇپ، USB قۇبۇللىغۇچتىن ئىككىنى ئىككى كومپىيۇتېرغا چېتىپ قويۇپ، مائۇس ئوڭ سول كۇنۇپكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ سېكۇنت بېسىپ تۇرۇپ ئىككى كومپىيۇتېر ئارىسىدا تېزلىكتە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ كۆپ كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق.

s_73a53ad284864ad5a55a296df5ce4934.png

بۇ مائۇسنىڭ ئاۋام مەبلەغ توپلاش سۇپىسىدىكى باھاسى 129 يۈەن، پارچە سېتىلىش باھاسى 149 يۈەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部