+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-26 12:23 677 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2019-يىلى 4-ئايدا، كورېيە تېلېگراف شىركىتى 5G نى سودىغا ئىشلىتىشنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ 5G نى يولغا قويغان دۆلەت بولۇپ قالدى.
ھازىر كورېيە تاراتقۇلىرى كورېيەنىڭ بۇ بىر يىلدا ئىشلەتكىنى ساختا 5G دەپ خەۋەر بەردى.

5ef359948e9f0973e00c63b5_1024.jpg

بۇ قانداق ئىش؟ كورېيە تاراتقۇسى كەسپىي زاتلارنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: كورېيەنىڭ سودىدا ئىشلىتىدىغان 5G سۈرئىتى پەقەت 4G LTE نىڭ 3-4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئىشلىتىدىغىنى يەنىلا 4G تورى ۋە 3.5GHz چاستوتا بۆلىكىدىكى 5G تورى بولۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى 5G ئەمەس، ھەقىقى 5G نىڭ  دولقۇن بۆلىكى 28GHz لىق مىللىمېتىر دولقۇن بۆلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ سۈرئىتى 4G LTE تورىنىڭ 20 ھەسسىسىگە يېتىدۇ.
سامسۇڭنىڭ بايراقدار يانفونى Galaxy S20 نى مىسالغا ئالساق، گەرچە 5G نى قوللايدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كورېيەدە سېتىلىۋاتقان S20 يانفونى 28GHz مىللىمېتىرلىق دولقۇن بۆلىكىنى قوللىمايدۇ.
كورىيە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ پىلانىغا ئاساسلانغاندا، 28GHz مىللىمېتىرلىق دولقۇن چاستوتىسىدىكى 5G ئەڭ تېز بولغاندا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا سودىغا ئىشلىتىلدىكەن.
كورىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كورىيەنىڭ 5G ئابونتى 6 مىليون 340 مىڭغا يەتكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部