+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-25 11:09 680 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دۇنياۋى پەن تەتقىقات نەتىجىسى! دۆلىتىمىز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى تەتقىقاتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 22-ئىيۇن، خەلقئارادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي ژۇرنال «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى توردا مۇھىم نەتىجىلەرنى ئېلان قىلدى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي مېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن ۋېي كوللېكتىپى تۇنجى يۆنىلىشلىك تىكەنسىمان ئۆسۈكچە ئاقسىلى N ئۇچ قۇرۇلما رايونىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە يەككە كىلونلۇق ئانتىتېلاسىنى بايقىدى. بۇ ئاكادىمىك چېن ۋېينىڭ كوللىكتىۋى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بەز ۋىروسىنى قايتا تەشكىللەش يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر تۈرلۈك دۇنيا دەرىجىلىك پەن تەتقىقات نەتىجىسى.

37712319df4e41eaa5ee90e3859bc793.jpg

نۆۋەتتە، يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى پۈتۈن يەر شارىغا يامرىدى، ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا ۋە ئانتىتېلا تەتقىق قىلىپ ياساش ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى دۇچ كەلگەن زور خىرىس، ۋاكسىنا ساغلام كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئانتىتېلانى نېيتراللاشتۇرۇش بىمارلارنى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئىككىسى بىرلەشكەندىلا ئاندىن ئالدىنى ئالغىلى، داۋالىغىلى بولىدۇ.
يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن بۇيان، ئاكادېمىك چېن ۋېي دەرھال ۋۇخەنگە بېرىپ، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ كېسەل قوزغاتقۇچىلارنىڭ تارقىلىشىدىكى ئۆزگىرىش، تېز تەكشۈرۈش تېخنىكىسى، ۋاكسىنا ئانتىتېلاسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ جىددىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى.

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي مېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن ۋېي مۇنداق دېدى: نېيتراللاشتۇرۇش ئانتىتېلاسى ئورگانىزمنىڭ ئانتىگېننىڭ غىدىقلىشىغا تاقابىل تۇرۇشىدىن پەيدا بولغان قوغداش رولىغا ئىگە بىر تۈرلۈك ئانتىتېلا. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى پەن تەتقىقات ئۆمەكلىرى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ دورا لايىھەسى ۋە مېخانىزمىغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تەتقىقات يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس تىكەنسىمان ئۆسۈكچە ئاقسىلىنىڭ رېتسېپتور بىرىكىش رايونىغا مەركەزلەشتى، ئەمما بىزنىڭ كوللېكتىپىمىز ئۆسۈكچە ئاقسىلى N ئۇچ قۇرۇلما رايونىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە يەككە كىلونلۇق ئانتىتېلاسىنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق N ئۇچ قۇرۇلما رايونىنىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس تىكەنسىمان ئۆسۈكچە ئاقسىلىنىڭ يېڭى ئاجىز ئېپتوپى ئىكەنلىكىنى بايقىدى، بۇ داۋالاش خاراكتېرلىك ئانتىتېلا ۋە باشقا دورىلارنى لايىھەلەشنى يېڭى ئىلمىي يول بىلەن تەمىنلىدى.
ئاكادېمىك چېن ۋېي كوللىكتىپى بىلەن شىخۇ ئۇنىۋېرسىتېتى جوۋ چياڭ كوللىكتىپى ھەمكارلىشىپ، كرىئو ئېلېكترون مىكروسكوپ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئانتىتېلا بىلەن تاياقچە ئاقسىلنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرۈنۈشىنى توغرا تەھلىل قىلدى ، بۇ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش مىخانىزىمىنى يېشىپ بېرىدۇ. بۇ ئانتىتېلانى يالغۇز ئىشلەتكەندە يۇقىرى سەۋىيەدىكى ۋىرۇسنى نېيتراللاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ بىرىكىش رايونىغا قارىتىلغان ئانتىتېلا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك « كوكتېل» داۋالاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشنى كۈچلۈك ئۈنۈملۈك نامزات دورا بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا نىشانلىق تىكەنلىك ئۆسۈكچە ئاقسىلى Nئۇچ قۇرۇلما رايوننى نىشان قىلغان دورا ۋە ئېپتوپ ۋاكسىنىسىنى لايىھەلەش، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ تەسىر مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىشنى يېڭى تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىنلىدى.

来源:央视网
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部