+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-25 11:09 770 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىپاي خۇابېي ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىلى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن ياشلارغا خۇابېي سوممىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە خۇابېينى مۇددەتكە بۆلسە ئۆسۈمسىز بەھرىمان بولۇش تەدبىرىنى چىقاردى.

ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئالىپاي تېرمىنالىدا خۇابېي سوممىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 1000 يۈەن ئەتراپىدا خۇابېي سوممىسىغا ئېرىشىپ، جەمئىيەتكە يېڭى قەدەم قويغان چاغدىكى قاتناش، ئۆي ئىجارە ئېلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش جەھەتتە، خۇابېي نەچچە يۈز مائارىپ تەربىيەلەش ئاپپاراتى بىلەن بىرلىشىپ، يۈز مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى IT بويىچە تەربىيەلەش، چەت ئەل تىلى بويىچە تەربىيەلەش، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىقاتارلىق ساھەلەردە داۋاملىق تەربىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىش قاتارلىق سىرتقا چىقىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، فېيجۇ سۇپىسى بىلەن بىرلىشىپ ئايروپىلان بېلىتىنى خۇابېي ئارقىلىق سېتىۋېلىپ، مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆسۈمسىز قايتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

20200624_233543_756.jpg

خۇابىينىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خۇابىينىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى تەدبىرىنىڭ ئوبيېكتى يېشى 25 ياش ئىچىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ياشلارنىڭ جەمئىيەتكە تۇنجى قەدەم قويغان چاغدىكى بىر قىسىم ئىقتىسادىي بېسىمىنى يېنىكلىتىدىكەن. ئومۇمىي ئادەم سانى 30 مىليون ئەتراپىدا بولىدىكەن.
يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل« ئەڭ ئالاھىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش پەسلى» دەپ نام بېرىلدى. لېكىن، خىزمەت تېپىش، ئۆي ئىجارە ئېلىش، داۋاملىق تەربىيە ئېلىش قاتارلىقلار يەنىلا بۇ نۆۋەتلىك ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار دۇچ كېلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.
شاڭخەي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن شياۋ ۋاڭ ئەمدىلا چەت ئەل مەبلىغىدىكى بىر شىركەتكە خىزمەتكە چۈشتى، لېكىن بۇ شىركەتنىڭ ئىنگلىز تىلىغا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، شياۋ ۋاڭ ئېغىز تىلىدا بۆسۈش ھاسىل قىلماقچى بولدى، لېكىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تەربىيەلەش ھەققى يىغىش ئۈچۈن، خېلى ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى، ئۇ ئالىپاينىڭ مائارىپ ساھەسىدە مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرى ئارقىلىق ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

20200624_233432_338.jpg

ئالىپاينىڭ بۇ مۇلازىمىتىگە ئېرىشىپ خۇابېي سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇددەتكە بۆلۈپ ئۈسۈمسىز قايتۇرۇش، مائارىپ ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالىپاي تېرمىنالىنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا 青年礼包 دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدىتىمىز.

微信图片_20200625105116.jpg

微信图片_20200625105131.jpg

يۇقارقى رەسىمدىكى ھالەتكە كەلگەندە UP دېگەن يەرنى بېسىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

·阿卜拉 ۋاقتى: 2020-6-25 17:50:09
دوستلار ، خاپا بولماي ماڭا بىر ئىشتا ياردەم قىلغان بولساڭلار   ۋىۋو تېلېفون يوقاپ كەتسە تاپقىلى بولامدۇ   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部