+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-24 10:05 803 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندا، گاۋدې  Robotaxi ناملىق ئادەمسىز ئاپتوموبىل مۇلازىمىتىنى يولغا قويغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. بۇ مۇلازىمەت دى دى ماشىنا چاقىرشقا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئوخشىمايدىغان يېرى، گاۋدېنىڭ بۇ ئاپتوموبىلىغا شوپۇر سەپلەنمىگەن، ئاپتوموبىل ئۆزى ئاپتوماتىك ماڭىدۇ. پەقەت بىر بىخەتەرلىك خادىمى بار.

5ef281c68e9f0969036b7ad4_1024.jpg

ئىگىلىنىشىچە، شوپۇرسىز ئاپتوموبىل مۇلازىمىتىنى گاۋدې ۋە ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەش ساھەسىدىكى كارخانا ۋېن يۈەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، نۆۋەتتە گۇاڭجۇدا رەسمىي يولغا قويۇلغان، بۈگۈندىن باشلاپ گۇاڭجودىكى يولۇچىلارنىڭ بارىدىغان مەنزىلى Robotaxi نىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىدە بولسا، گاۋدې تاكسى توسۇش دېتالى ئارقىلىق شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنى بىر كۇنۇپكا بىلەن چاقىرسا بولىدىكەن. تۇنجى ئايدا ھەقسىز ئولتۇرالايدىكەن.

4b7da7b77d7f4326971840b40631f2c6.jpeg

شوپۇرسىز ئاپتوموبىل Robotaxi نىڭ تىجارەت دائىرىسى گۇاڭجۇ شەھىرى خۇاڭپۇ رايونى، گۇاڭجۇ تەرەققىيات رايونى مەركىزىي رايونىنىڭ تەخمىنەن 144 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىسىنى قاپلىغان بولۇپ، ھازىر 200 گە يېقىن چىقىش، چۈشۈش نۇقتىسى ئېچىۋېتىلدى، تىجارەت ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 22 گىچە. ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش ياكى سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشى ھاجەتسىز.
بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بىللە ماڭغان يولۇچىلارنىڭ ئۈچتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. ئاپتوموبىلغا بىخەتەرلىك خادىمى سەپلەپ، تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

来源:中关村在线

1ئادەم ئىنكاس يازدى

kichikoghul ۋاقتى: 2020-6-24 15:52:05
كەلگۈسىدە شوپۇرسىز  ئاپتومبىلنى شوپۇلۇق كېنىشكىسى  يوق ئادەملەر سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەك بولامدۇ يوق؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部