+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-24 10:05 979 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 9:43 تە شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە، يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ 55-يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھى ۋە يەتىكەن 3-نومۇرلۇق ئەڭ ئاخىرقى يەر شارى تور تەشكىللەش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، يەتىكەن 3-نومۇرلۇق يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. بۇ جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ تارىخىي پەيتى بولۇپ قالدى.

5ef1cab4d8a95.jpg

بۇ ئەڭ ئاخىرقى تۇرغۇن ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھ (GEO) نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، يەتىكەن 3-نومۇرلۇق يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى يەر شارىنى تورلاشتۇرۇشنى تاماملىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان بىر تۈركۈم سۈنئىي ھەمراھ سىگنالى يەر شارىنى قاپلاپ، بىر« يۇلتۇز تۈركۈمى» دېڭىزىنى شەكىللەندۈردى. بۇ «نەتىجە» گە ئېرىشىش ئۈچۈن دۆلىتىمىز ئاران 20 نەچچە يىل سەرپ قىلدى.

5ef1ca0ce70c9.gif

يول باشلاش تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغىنى يانفوندىكى GPS. لېكىن ئەمەلىيەتتە بىر ئىككى يىلدىن بېرى چىققان يانفونلاردا ئامېرىكىنىڭ GPS ، دۆلىتىمىزنىڭ يەتىكەن (北斗) ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ Galileo ، رۇسىيەنىڭ GLONASS قاتارلىق دۇنيا بويچە تۆت ئۇرۇن بەلگىلەش سۈنئىي ھەمراھ سىگنالىنى قۇبۇل قىلالايدىغان ئۆزەك بار.

191a-ivmqpch9220654.jpg

جۇڭگونىڭ يەتىكەن يۇلتۇزى سىستېمىسى گەرچە كېيىنرەك باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن مۇستەقىل ئىجاد قىلغان ئوتتۇرا، يۇقىرى ئوربېتالىق ئارىلاشما يۇلتۇز تۈركۈمى قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇپ، ئورۇن ئۇچۇرىغا ئېرىشىشتىن سىرت ئۆزىگە خاس ئىقتىدارغا ئىگە. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى بىر قېتىملىق يىغىندا، جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى رەن چېڭچى مۇنداق دېدى: «بىز قۇرغان يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سىستېما پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئۆز ئالدىغا لايىھەلەيدىغان، ئۆز ئالدىغا بەرپا قىلىدىغان، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلالايدىغان جۇڭگو ياراتقان مەھسۇلات» دېدى.
يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسى دۆلەت مۇداپىئەسى، قاتناش-تىرانسىپورت، خەلق تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇنداقتا يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسنىڭ بىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

5ef1cc5132352.jpg

ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىقى يۇقىرى

1000.png

يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىقى ئاسىيا رايونىدا 5 مىتېر، دۇنيا مىقياسىدا 10 مىتېر.

ۋاقىتتىن خەۋەر بېرىش

1000 (1).png

ۋاقىتتىن خەۋەر بېرىش سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي مۇلازىمىتى. دۇنيا مىقياسىدا يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ ۋاقىتتىن خەۋەر بېرىش ئېنىقلىق دەرىجىسى 20 نانو سېكۇنتتىن يۇقىرى بولىدۇ؛ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ۋاقىتتىن خەۋەر بېرىش ئېنىقلىق دەرىجىسى 10 نانو سېكۇنتتىن يۇقىرى بولىدۇ. بىر نانو سېكۇنت 1 مىلياردتىن بىر سېكۇنتقا تەڭ. (يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھىنىڭ سىگنالىنى قۇبۇل قىلالايدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ۋاقىت توغىرلىقى شۇ دەرىجىدە دېمەكچى)

يەتىكەن قىسقا يېزىق ئالاقىسى

1000.jpg

قىسقا يېزىق ئالاقىسى يەتىكەن يۇلتۇزىنىڭ بىردىنبىر ئاچقۇچى. ئەگەر دېڭىزدا يانفون سىگنالى بولمىسا ياكى ئاپەت يۈز بەرگەندە خەۋەرلىشىش توسالغۇغا ئۇچرىسا، يەتىكەن تېرمىنالى ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللىيالايدۇ. جۇڭگو ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا بىر قېتىمدا 1000 خەنزۇچە خەت يوللىغىلى بولىدۇ. يەر شارى مىقياسىدا بىر قېتىمدا 40 خەنزۇچە خەت يوللىغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ 70 مىڭدىن ئارتۇق بېلىقچىلىق كېمىسى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش كېمىسى يەتىكەن يۇلتۇزى تېرمىنالى ئورناتتى، بېلىقچىلىق كېمىسى خەتەرگە يولۇققاندا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلالايدىغان بولدى، نۆۋەتتە جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى. (GPS نىڭ بۇنداق يېزىق ئەۋەتىش ئىقتىدارى يوق؛ يەتىكەن سىستېمىسىدا يانفون سىگنالى يوق دېڭىز، تاغ، چۆل-جەزىرىلەردە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يېزىق ئۇچۇرى يوللىغىلى بولىدۇ)

يەتىكەن ئۆزىكى

1000 (1).jpg

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يەتىكەن ئۆزىكى كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق باھاسى 100 يۈەندىن 6 يۈەنگە چۈشتى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يەتىكەن يول باشلاش تىپىدىكى ئۆزەكنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 100 مىليون دانىدىن ئېشىپ، پەسىللىك مال چىقىرىش مىقدارى 10 مىليون دانىدىن ئېشىپ كەتتى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئىچىدىكى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاپ ئورۇن بەلگىلەش تېرمىنال مەھسۇلاتىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى 460 مىليوندىن ئاشتى. نۆۋەتتە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە تىكەن يۇلتۇزى سىستېمىسى ئۆزىكى قوللىنىلغان تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 700 مىليون دانىدىن ئاشتى.

يەتىكەن سىستېمىسنىڭ يانفوندا ئىشلىتىلىشى

1000 (2).jpg

ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قوللىنىش ساھەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاساسىي ئېقىم ئۆزەك زاۋۇتلىرى يەتىكەن سىستېمىسىغا ماسلىشىدىغان ئۆزەكنى بازارغا سالدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئىچىدە سېتىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاپ ئورۇن بەلگىلەش تېرمىنال مەھسۇلاتى 460 مىليون دانە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاپ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى 372 مىليونغا يەتكەن. 2019-يىلى 3-پەسىلگىچە، جۇڭگو بازىرىدا تورغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان يانفوننىڭ 400 دىن ئارتۇق تىپىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتىكەن ئورۇن بەلگىلىشىنى قوللايدىغىنى 300 گە يېتىدۇ. 2020-يىلى 1-پەسىلدە، جۇڭگو بازىرىدا تورغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ %75تىن كۆپرەكى يەتىكەن ئورۇن بەلگىلەشنى قوللايدۇ.

قاتناشتا قوللىنىلىشى

1000 (3).jpg

نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە 6 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق تىرانسپورت ئاپتوموبىلى، 40 مىڭدىن ئارتۇق پوچتا ۋە تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى، 36 مەركىزىي شەھەردىكى تەخمىنەن 80 مىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇس، 3200 دىن ئارتۇق ئىچكى دەريا يول باشلاش ئەسلىھەسى، 2900 دىن ئارتۇق دېڭىزدا يول باشلاش ئەسلىھەسىگە يەتىكەن يۇلتۇزى سىستېمىسى ئىشلىتىلدى.

يەتىكەن ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدۇ

1000 (4).jpg

بىزنىڭ تاماق ئۈستىلىمىزدىكى تاماقلارمۇ يەتىكەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە، يەتىكەن سىستېمىسى ئاساسىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى 20 مىڭدىن ئاشتى. يەتىكەن سىستېمىسنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى نەرسە تورى سۇپىسى 100 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنىسىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

يۇقىرى ئېنىقلىقتا تەكشۈرۈش

1000 (5).jpg

يەتىكەن يۇقىرى ئۆلچەملىك يېقىلغۇ گاز ئېقىپ كېتىشنى تەكشۈرۈش ئاپتوموبىلى بېيجىڭدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. يەتىكەن يۇقىرى ئۆلچەملىك يېقىلغۇ گاز قېچىشنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى 150 مېتىر دائىرىدىكى يېقىلغۇ گاز قېچىش نۇقتىسىنى تېز سۈرئەتتە، يۇقىرى سەزگۈرلۈك بىلەن تەكشۈرۈپ چىققىلى ھەمدە ئۇنىڭ ئورنىنى توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ.

يەتىكەن كەسپى

1000 (6).jpg

نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش ۋە ئورۇن مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ سانى 14 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، كەسىپكارلار 500 مىڭدىن ئاشىدۇ. 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كەسىپ ئىچىدىكى ئالاقىدار پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 46 گە يەتتى. يەتىكەن سىستېمىسنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا، تېز سۈرئەتتە ئورۇن بەلگىلەش ئابونتى 500 مىليوندىن ئاشتى.

يەتىكەن مەھسۇلات قىممىتى

1000 (7).jpg

« 2020-يىللىق جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ۋە ئورۇن مۇلازىمىتى كەسپى تەرەققىياتى ئاق تاشلىق كىتابى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى، ئېلىمىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ۋە ئورۇن مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 345 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2018-يىلىدىكىدىن %14.4 ئېشىپ، ئۇدا توققۇز يىل ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىغان.

سانلىق مەلۇمات مەنبەسى: 央视新闻客户端
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部