+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-23 10:46 1099 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
23-ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1 دە ئالما  2020-يىللىق دۇنيا ئەپ ئاچقۇچىلار يىغىنى WWDC 2020 ئېچىپ، iOS 14/iPadOS 14 نى رەسمىي ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى iOS 14 ، ئالدىنقى بىر نەچچە نەشرىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ iOS 7 دىن بۇيانقى ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق يېڭىلاش.
7 يىل ئىلگىرى  iOS 7 تەكشى كۆرۈنمە يۈز دەۋرىنى ئاچقان. بۇ قېتىم iOS 14 سىستېمىنىڭ ئاساسلىق ئېكرانىغا بىر قاراپلا سەزگىلى بولىدىغان چوڭ ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردى.

c862fae9fa187d54025bc49e2adaac79a26a7d49-46d454280726ee6217f94f4db86b3dbac81965c6.png

يېڭى تىزىملىك كۆرۈنۈشى

20200623_012357_534.jpg

iOS 14 نىڭ ئېكرانى يېڭىدىن لايھىلىنىپ، ئەپ ئامبىرى (App Library) ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇنىڭدا ئەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى قايتىدىن تىزىلىدۇ. يانفونغا قاچىلىغان ئەپلەرنىڭ كۆپ بولۇشىدىن توختىماي بەت ئاتلاش ئاۋارىچىلىقى ھەل قىلىندى.

a3ae0c30f0c3f5bcf2addf1693429a541951426c-57f1c993ae92a7a0e3524226a304bcd71fdd7a2a.png

91badbce21d5dc7ea8759e1fbdb909130164c4e2-dc5885f9e30c54c8d99a325599b4f3f2ca9bfeb7.png

سىستېمىدىكى بارلىق ئەپلەر دومىلىما تىزىملىكتە كۆرسىتىلىدۇ. ئۈنۈمى Apple Watch نىڭ تىزىملىك ​​كۆرۈنۈشىگە ئوخشايدۇ. ئابونتلار ئەپلەرنىڭ تۈرى ، ئىشلىتىش قېتىم سانى ۋە Siri تەمىنلىگەن تەكلىپلەرگە ئاساسەن ئەپلەرنى رەتلىيەلەيدۇ. مەسىلەن ، ئويۇنلارنى بىر يەرگە، ئىشخانا ئەپلىرىنى بىر يەرگە ئاپتوماتىك ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئۈستەل يۈزى ئەپچىسى
ئۈستەل يۈزى ئەپچىسى (Desktop widget) ئاخىرى  iOS 14 دە پەيدا بولدى، بۇ ئەپچىنىڭ ئۆلچىمى ۋە كۆرسىتىش شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇلارنى سىنبەلگىگە ئوخشاش سۆرەپ يۆتكىگىلى بولىدۇ، ئەپنى ئاچمايلا، ئۈستەل يۈزىدىكى ئەپچە ئارقىلىق ئۇچۇر كۆرسىڭىز ۋە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئىقتىدار ئاندرويد ئىشلەتكۈچىلىرىگە ناتونۇش ئەمەس، خۇددى ئۈستەل يۈزىگە چىقىرۋالدىغان ھاۋارايى ئەپچىسىگە ئوخشايدۇ.

49250a750dcde2f71e9c2b870c6574554b4d2ed5-991186912259a41824b312c2da17f11d215feeb7.png

20200623_012424_706.jpg

aaefca27a1e615edb882dd3aad43a4a2082b1fc3-e474e12ea3e783a530887f5dc651ebcbcae24340.png


نەقمەيداندىكى ۋىدېئوغا قارىغاندا  iOS 14 دىكى ئۈستەل يۈزى ئەپچە ئىقتىدارى ئاندرويدنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئەركىن. چوڭ-كىچىكلىكى، ئورنىنى خالىغانچە تەڭشىگىلى بولىدۇ.

رەسىمدىكى رەسىم (画中画)
بۇ قېتىم iOS ۋىدېئوسىغا سىستېما دەرىجىلىك رەسىمدىكى رەسىم ئىقتىدارى قوشۇلدى. قويۇلۋاتقان ۋىدېئونى خالىغان يەرگە لەيلىتىپ چىقارغىلى بولىدۇ. چوڭلۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. باشقا مەشغۇلاتقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

20200623_012448_644.jpg

10c809e27ff18d819281477c493fa099309ba47d-3efbeb5a99d0f88f88f5137fa1d1096663f83355.png

مەسىلەن: ئۈندىداردا خەت يېزىپ پاراڭلاشقاچ كىنو كۆرەلەيسىز، بىر بىرسىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. خۇددى macOS ۋە ۋىندوۋستىكى بىر كۆزنەكنى يەنە بىر كۆزنەكنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قويغاندەك.

Siri
ئالما بۇ قېتىم يەنە Siri نى قايتىدىن لايىھەلەپ چىقتى، مەسىلەن، Siri ئېكراننىڭ ئۈستىدە بىۋاسىتە ئۇچۇر كۆرسىتىدۇ، بۇرۇنقىدەك ئايرىم بەتتە ئېچىلمايدۇ. ئىلگىرى «سۈنئىي ئەقلىي توسالغۇ» دەپ مەسخىرە قىلىنغان Siri تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كەتتى، ھازىر تېخىمۇ مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلەيدىغان بولدى، مەسىلەن، ئارىلاشما ئاپتوموبىلنىڭ پىرىنسىپى نېمە؟ دەپ سورىسىڭىزمۇ جاۋاب بېرەلەيدۇ.

f92f615e86925224186f3f6c93de90f98e176071-8720ce3687f06d9bf1391c0ed1976434d2388da0.png

نۆۋەتتە Siri ھەر ئايدا 25 مىليارد تەلەپكە جاۋاب قايتۇرىدۇ. سۈرئىتى ئۈچ يىل ئىلگىرىكىدىن 20 ھەسسە تېز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نېرۋا تورى ئاساسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمىنى قوللايدۇ، كۆپ خىل تىلنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

تەرجىمان
ئالما iOS 14 كە تېكىست تەرجىمىسى ۋە ئاۋازلىق تەرجىمىنى قوللايدىغان «Translate» ناملىق يېڭى تەرجىمە ئەپ قوشۇلدى.
بۇ تەرجىمان نۆۋەتتە ئېنگىلىزچە، پۇتۇڭخۇا، فىرانسۇزچە، ياپونچە... قاتارلىق 11 خىل تىلنى قوللايدۇ.

20200623_012422_566.png

20200623_012233_222.jpg

بۇ ئەپ شۇ ھامان تەرجىمە قىلىشنى، تورسىز تەرجىمە قىلىشنى قوللايدۇ. بۇ ئەپ ئارقىلىق بىر بىرىنىڭ تىلىنى بىلمەيدىغان ئىككى ئادەم سۆزلىشەلەيدۇ.

iPhone ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىغا ئايلىنىدۇ
پەقەت iPhone دا يەڭگىل چېكىپلا ئاپتوموبىلنى ئاچقىلى بولىدۇ، فىزىكىلىق تىزگىنەك ھاجەتسىز، iMessage ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئورنى ئارقىلىق سىستېما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكەت ئادىتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق خاتىرىلەيدۇ، يەنە iMessage ئارقىلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىنى باشقىلارغا ھەمبەھرلەشكە بولىدۇ.

0ae52332b62dae2f3b14d997cf039f8c051521fd-06fb7dd223f2fe955977ed90769259c93884d85a.png

dd88b5b0e14baa12b25be8363fdaaf0886479463-97aa8128176f2033c9255b2f4306f19092e55aee.png


نۆۋەتتە تۇنجى بولۇپ بۇ ئىقتىدارنى قوللايدىغان ئاپتوموبىل ماركىسىدىن پەقەت BMW بار، ئالما بۇ ئىقتىدارنىڭ كەلگۈسىدە پۈتۈن دۇنيادىكى %80تىن ئارتۇق يېڭى سېتىلغان ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەپنى چۈشۈرمەي سىناپ بېقىش App Clips

b528dd5c059953448ccec638d5d04d1dfb5c5b52-7f4a0f46d0a0537dbbb9b2a7436aa2378f6d9cef.png

iOS 14 كە يېڭىدىن ئەپنى چۈشۈرمەي ئىشلىتىپ بېقىش ئىقتىدارى App Clips يەنى ئالما كىچىك پروگراممىسى ئىقتىدارى قوشۇلدى.
بۇنىڭدا ئەپ بازىرىدىن ئەپ چۈشۈرۈش ھاجەتسىز، ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپلا ئەپنى سىناپ كۆرۈشكە بولىدۇ. چۈشۈرۈش بېتىگە ئالماشمايدۇ، ئىگىلىگەن سىغىمى 10MB دىن ئاشمايدۇ. NFC ئارقىلىق تەككۈزۈپ قويۇپلا ئىشلىتىشنى قوللايدۇ.

تېلېفون كەلگەندىكى كىچىك كۆزنەك

8d24bbf8574162c24f92aa5930bafdc9d7d7cc71-6b3e542631fc19a95c096c435b84bd258201247c.png

ئىلگىرى ئايفوندا تېلېفون كەلگەندە، پۈتۈن بەتنى ئىگىلەيتتى، ئەگەر سىز ئويۇن ئويناۋاتقان بولسىڭىز، تېلېفون قوبۇل قىلىش ئويۇننى ۋاقىتلىق توختىپ قويىدۇ. iOS14 تەئويۇن ئويناۋاتقاندا، كىنو كۆرۈۋاتقاندا قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندە تېلېفون كەلسە ئېكراننىڭ ئۈستىدىن بىر كىچىك كۆزنەك چىقىرىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى بەزى ئەپلەرنى ئىشلەتكەندە تۇيۇقسىز كەلگەن تېلېفون سەۋەبىدىن توختاپ قالمايدىغان قىلىدۇ.

ئايپەدتە Apple Pencil قوليازما تونۇش

7c15795c19cec1ade2c1891cce157a227478d3e7-98514dc8549d98d79e126523b6efecf28ac156fc.png

iPadOS 14 كە ئالما قەلىمىدە يازغان خەتنى خۇددى كۇنۇپكىدىن كىرگۈزگەن خەتتە بىۋاستە تونۇيدىغان ئىقتىدار قوشۇلدى. ئايپەدتىكى خالىغان كۆزنەككە، تور بەتتىكى ئىزدەش رامكىسىغا قەلەم ئارقىلىق يازغان خەتنى بىۋاستە تونۇيدۇ. جىجىلاپ سىزىپ قويغان گرافىك رەسىمنى تونۇپ ئۆلچەملىك قىلىدۇ. قەلەمدە يازغان خەتنى خالىغانچە تاللاپ كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز ئۆلچەملىك خەت ھالەتتە چاپلىنىدۇ. ئىنگىلىزچە، پۇتۇڭخۇا ئارىلاش يازغان خەتنىمۇ تونۇيدۇ.

AirPods Pro قا ھەقىقىي ئىسىترېئو ئاۋاز ئۈنۈمى ئىقتىدارى قوشۇلدى
ئالمىنىڭ AirPods Pro يۈرۈشلۈك يۇمشاق دېتالىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغىنى يېڭى بوشلۇق ئۈن ئىقتىدارى Spatial Audio بولۇپ، ئۇ پەقەت ئوڭ-سول قۇلاق ئىككى ئاۋاز يولىدىلا كىنوخانىدەك پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئاۋازنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

7ec43d31a8089c1d8b8c36c3ed728b6c03c38937-1b4f08f2957f3003aad229283419b12057e0e0ad.png

سىز AirPods Pro نى تاقىغاندا ئاۋازنىڭ سول تەرەپ، ئوڭ تەرەپ، ئارقا تەرەپتىن، ھەتتا بېشىڭىزنىڭ ئۈستىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. بېشىڭىزنى بۇرىسىڭىز ئاۋاز يۈنىلىشىمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىدۇ.

iOS 14 قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر تىپى

559e4cadef7baf709a5c358a79f487470e7bd424-d9ca4b17baf97d742ad2cf8c913c3339c485627a.png


يەنى ئايفون 6S تىن كېيىنكى ئايفونلار قوللايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا watchOS 7 ، macOS ، tvOS 14 لارغىمۇ يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ، كېيىنكى يازمىدا تونۇشتۇرىمىز.
fba5f0c2b71389b6fcc6ab11ef1b582b7b9c8dfa-cfc1804f541b2ae956bb76738dbc55b0e033b1d1.png

خۇلاسە
WWDC 2020 دا ئېلان قىلىنغان بىر قانچە خىل سىستېمىنىڭ يېڭىلىنىشى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ئاسان ئىشلىتەلەيدىغان قىلىدۇ، بولۇپمۇ iPhone ئۈچۈن  iOS 14 چوقۇم يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك نۇسخا بولۇپ قالىدۇ.
مەيلى رەسىمدىكى رەسىم ئىقتىدارى بولسۇن ياكى Siri ۋە كەلگەن تېلېفون كۆرۈنمە يۈزى مەجبۇرىي ئېكران بولماسلىق ياكى شەكلى ھەر خىل ئېكران يۈزى قىستۇرما دېتاللار بولسۇن، ھەممىسى ئۇچۇر كۆرسىتىش قاتلىمىنىڭ ئەلالاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، بىزنىڭ iOS 14 ئۈسكۈنىسىدىكى ئىشلىتىش تەسىراتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇر تۇيغۇغا ئىگە بولىدۇ، كۆرۈنۈش ئالماشتۇرۇش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشلىتىش ئۈنۈمىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، خەرىتە ۋە CarPlay نىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارلىرىمۇ iPhoneنىڭ iOS 14 تىن پايدىلىنىشتەك يېڭى بۇرچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئادەم بىلەن رېئال دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈنگە ئايلانغان. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، يانفوندا ئاپتوموبىل ئاچقۇچىنى يوللاشنى كىنولاردىلا كۆرەتتۇق، ھازىر ئۇ رېئاللىققا ئايلاندى، بۇ يەردە يەنە يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى قاتتىق دېتال ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقى ئىسپاتلاندى.

351f8c045cdf3569455820a4b2fee79005802e56-b4e3422ec24151a4c7ce6c733edca08b28d94bec.png

« ئەگەر زۆرۈر بولمىسا، ئەمەلىي گەۋدىنى كۆپەيتمەڭ» نى ئەڭ ياخشى نامايەن قىلدى، ئالما نۇسخىسىدىكى كىچىك پروگرامما App Clips چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەپلەرنى تېخىمۇ ئىخچام، تېخىمۇ ئىشلىتىلىشچان قىلىدۇ.
ئالما شىركىتىنىڭ بۇ قېتىم WWDC دىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئالما شىركىتىنىڭ ARM ئۆزىكى بىلەن ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان Mac كومپيۇتېرى. بۇ  X86 ھۆكۈمرانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم بۇرۇلۇش.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

abdilwaris ۋاقتى: 2020-6-23 15:13:05
ياخشىمۇ دوسلار مىنىڭ يېڭىلاش ئۇچۇرى كەلمىدىغۇ iPhone XMax  ئىدى ھازىرقى نەشىرى 13.5.1
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部