+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-22 11:08 757 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نۆۋەتتىكى بىر قەدەر ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل كۈزدە ئالمىنىڭ يىللىق بايراقدار  يۈرۈشلۈك يانفونى iPhone 12 ،iPhone 12Max ۋە iPhone 12 Pro، iPhone 12 Pro Max دەپ ئىككى خىل نۇسخا، تۆت خىل تىپتا چىقىدىكەن. ھەممىسىگە OLED ئېكران ئىشلىتىلىدىكەن.

20200622_091303_344.jpg

تەھلىلچى Ross Young يېڭى iPhone 12 نىڭ بەزى تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىدى. بۇ يىلقى ئايفون 12 يۇقارقىدەك ئىككى خىل نۇسخا، تۆت خىل تىپتا چىقىدۇ.
iPhone 12 نىڭ ئېكرانى 5.4 دىيۇم، ئېنىقلىقى 2340×1080
iPhone 12 Max نىڭ ئېكرانى 6.1 دىيۇم، ئېنىقلىقى 2532×1170
iPhone 12 Pro نىڭ ئېكرانى 6.1 دىيۇم، ئېنىقلىقى 2532×1170
iPhone 12 Pro Max نىڭ ئېكرانى 6.68 دىيۇم، ئېنىقلىقى 2778×1284
iPhone 12 نىڭ ئېكران تەمىنلىگۈچىسى ئاساسلىقى سامسۇڭ بولۇپ، جىڭدوڭفاڭ ۋە LG لارمۇ بىر قىسىم ئېكران ماتېرىيالى تەمىنلەشكە مەسئۇل بولغان. ئەمما جىڭدوڭفاڭنىڭ OLED ئېكرانى ئالمىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمىگەچكە مال تەمىنلەش كېچىككەن؛ شۇڭا تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سېلىندىغان iPhone 12 گە سامسۇڭ ۋە LG نىڭ ئېكرانى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
بۇ قېتىمقى ئايفوندا داۋاملىق ماڭلاي ئېكران ساقلاپ قېلىنغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى iPhone 4 كە ئوخشايدۇ. 5 نانومىتېر تېخنىكىسىدىكى A14 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدۇ، 5G تورىنى قوللايدۇ.
iPhone 12 ،iPhone 12Max نىڭ كەينىگە ئىككى كامېرا، قالغان ئىككى تىپىغا ئۈچ كامېرا ۋە لازېر نۇرلۇق رادار (LiDAR) سىكانېرى سەپلىنىدۇ. كېيىنكى ئىككىسىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 6G غا كۆتۈرۈلىدۇ.

20200622_091302_938.jpg

DigiTimes نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا iPhone 12 گە كۇۋالكوم X60 مودېم سەپلىندىغان بولۇپ، نۆۋەتتە باشقا بەش جى قوللايدىغان يانفونلارغا سەپلەنگەن كۇۋالكوم X55 مودېمغا قارىغاندا سۈرئەت، مۇقىملىق جەھەتتە ئالدىدا تۇرىدۇ.
iPhone 12 گە 5G مودېم سەپلەش، يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن بۇ يىلقى iPhone 12 تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ ئېلان قىلىنىشى، ئەڭ يۇقىرى تىپى كېلەر يىلى ئەتيازدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部