+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-21 10:59 889 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى يېرىم يىلدا ھەر قايسى كارخانىلار 5G قوللايدىغان يانفونلارنى بەس-بەستە چىقاردى. ئالدىنقى ئايدا خۇڭمى 10X ۋە روڭياۋ X10 بەش جى يانفونلىرىنى ئېلان قىلىپ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن باھاسى بىلەن كىشىلەرنى جەلپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە OPPO A92s نىڭ باھاسىمۇ 2000 يۈەندىن تۆۋەن بولۇپ، سېتىلىشى ئىنتايىن ياخشى بولغان.
گەرچە ھازىر ئاز ساندىكى چوڭ شەھەرلەردىن باشقا يەرلەردە 5G ئېچىلمىغان بولسىمۇ، كىشىلەر كەلگۈسىدە ھامان 5G ئىشلىتىدىغان بولغاندىكىن ھازىر يانفون تاللىغاندا 5G قوللايدىغاننى سېتىۋالايلى دەپ ئويلىشىۋاتىدۇ. (ئەمما ھازىر ئېلىپ قويغان 5G يانفون 5G تورى رەسمىي ئومۇملىشىپ تولۇق ئىشلىتىلىپ بولغۇچە كونىراپ بىر يەرگە بارىدۇ)
تۆنۈگۈن خۇاۋېي شىركىتى تۇنجى قېتىم 2000 يۈەندىن ئەرزان 5G قوللايدىغان يانفون خۇاۋېي چاڭشىياڭ 20Pro نى ئېلان قىلدى. بۇ نۆۋەتتىكى خۇاۋېي ماركىسىدىكى ئەڭ ئەرزان بەش جى يانفون.
شۇنداقلا خۇاۋېينىڭ ئۆزىنىڭ بوبرا كىيىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنمىگەن يانفون.
بۇ يانفونغا لىيەنفاكې MTK تىيەنجى 800 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. MTK نىڭ بۇرۇنقى قىزىيدىغان، قېتىۋالدىغان مەسىلىسى ھەل قىلىنغان.
SA ۋە NSA قوش مودۇللۇق 5G قوللايدۇ.

162513s9mc1k49r77kq929.jpg

ئېكرانى 6.5 دىيۇم، ئېنىقلىقى 2400×1080 ، ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 90Hz

CX-03-1024x340.jpg

بارماق ئىزى سېنزورى يان تەرەپتە، بارماق ئىزى تونۇش سۈرئىتى تېز، توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى.

CX-04-1024x376.jpg

كەينى تەرەپكە 48 مىليون پىكسېللىق f/1.8 ئاساسىي كامېرا + 8 مىليون پىكسېللىق f/2.4 كەڭ بولۇڭلۇق كامېرا + 2 مىليون پىكسېللىق f/2.4 مىكرو ئارىلىق كامېراسىدىن ئىبارەت ئۈچ كامېرا سەپلەنگەن.

162518jdxv0h6d2xv2otra.jpg

باتارىيەسى 4000mAh بولۇپ، 22.5W تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

CX-5-1024x334.jpg

6GB+128GB سىغىملىقنىڭ باھاسى 1999 يۈەن.
8GB+128GB سىغىملىقىنىڭ باھاسى 2299 يۈەن.

«خۇاۋېينىڭ تۇنجى 2000 يۈەندىن تۆۋەن 5G يانفونى» دېگەن گەپنى كۆرۈپ بەزى تورداشلاردا روڭياۋ X10 چۇ؟ ئۇ خۇاۋېينىڭ ئەمەسمۇ دەپ سۇئال پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
روڭياۋ خۇاۋېي مەبلەغ سېلىپ قۇرغان مۇستەقىل شىركەت. خۇاۋېينىڭ قارمىقىدا ئەمەس. خۇاۋېينىڭ بوبرا كىيىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمما بىر بىرىگە بېقىنمايدۇ. روڭياۋ يانفونىغا خۇاۋېي ماركىسى بېسىلمايدۇ. روڭياۋ يانفوندىن مەسىلە كۆرۈلۈپ، خۇاۋېي مەخسۇس دۇكىنىغا ئەكىرسە ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئەكسىچە بولسىمۇ شۇنداق. روڭياۋ مەخسۇس دۇكىنىدا خۇاۋېي يانفونلىرى يوق. خۇاۋېي دۇكىنىدىمۇ روڭياۋ يانفونى يوق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部