+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-20 11:30 747 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
«ئۆچۈرۈلگەن ئۈندىدار چىقىم قىلىش خاتىرىسىنى قانداق تېپىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا، ئۈندىدار ئىگە تەرەپ مۇنداق جاۋاب قايتۇردى.
ئۈندىدار چىقىم خاتىرىسى يانفوندا ئۆچۈپ كەتسىمۇ، مۇلازىمتىردىن تاپقىلى بولىدۇ. «ئۈندىدار ھېسابات تالونى» شەخسلەرنىڭ ھېساب سېلىشتۇرۇش، بانكىدىن قەرز بىجىرىش، دەۋا ماتېرىيالى قىلىش قاتارلىقلاردا رول ئوينايدۇ. (چىقىم قىلىش، پۇل يۆتكەش خاتىرىسىنى بىرەرسى ئۆزىنىڭ يانفونىدىن ياكى سىزنىڭ يانفونىڭىزدىن ئۆچۈرۋەتسىمۇ ۋاقتى كەلگەندە تېپىشقا بولىدۇ)

66372-20200619183645378-1737215456.jpg

ئۆچۈرۈلگەن ئۈندىدار چىقىم خاتىرىسنى تېپىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق:
1. ئۈندىداردىكى 支付-钱包 نى ئېچىپ، ئاندىن ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى 账单 نى بېسىپ، ئاندىن 常见问题 نى چېكىپ، 下载账单 نى باسسا بولىدۇ. ئاندىن ھېسابات قىلىنغان ۋاقىتنى تاللايدىكەنمىز، ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ ئاينى بىر تاللىغىلى بولىدىكەن، ئاندىن تور خەت ئادرېسنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن، تور خەت ئادرېسىمىزنى كىرگۈزسەك شۇ ئادرېسقا تەپسىلى ھېسابات خاتىرسىنى ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى.
20200619_173406_459.jpg


2. 腾讯客服 دېگەن ئۈندىدار سالونىنى ئېچىپ، 导出微信支付账单 دېگەن خەتنى كىرگۈزۈپ يوللىسىڭىزلا بولىدۇ. ئاندىن كۆرۈنگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بېسىڭ دېگەن يەرنى چېكىپ، مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
6372819133625799543389596.jpg

بۇ تېمىنى كۆرگەن تورشلار ئۆچۈپ كەتكەن سۆزلىشىش خاتىرىسى، رەسىملەرنى قانداق تاپىمىز دەپ سورىشى مۇمكىن.
ھازىرقى يانفونلاردا روت ھوقۇقى ئالغىلى بولمىغاچقا ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ھۆججەتلەرنى تېپىش شەخسلەرگە ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ھۆججەت ئۆچۈرۈلگەن ۋاقىت قىسقا بولسا مەخسۇس شۇنداق مۇلازىمەت بىلەن شوغۇللىندىغان كەسپىي شىركەتلەرگە ئاپارسىڭىز مەخسۇس ئۈسكۈنە، مەخسۇس دېتال بىلەن ئامال قىلالىشى مۇمكىن. ۋاقىت ئۇزراپ كەتسە ھەر قانداق ئامال بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
شۇڭا ئۈندىداردا مۇھىم سۆزلىشىش خاتىرىسى، رەسىم، ئىسپاتلار بار بولسا ئۆز ۋاقتىدا زاپاس ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ. كومپىيۇتېرغا ياكى باشقا يانفونغا زاپاسلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا يانفوندىكى سۆزلىشىش خاتىرىسى ئۆچۈپ كەتسە ھەتتا يانفون يوقاپ كەتسىمۇ مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
زاپاسلاش ئۈچۈن ئۈندىدار تەڭشىكىنى ئېچىپ، 通用 نى ئاندىن 聊天记录备份与迁移 نى چېكىپ كومپىيۇتېرغا ياكى يانفونغا زاپاسلاشنى تاللاپ زاپاسلىسىڭىز بولىدۇ.

201910121570850563349913.png

بەزىدە ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلمىغاندىمۇ بەزى رەسىم، سىنلارنى تاپالمايدىغان ئىشلار بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا 微痕迹 دەيدىغان بىر ئەپ بار. مۇشۇ ئەپنى چۈشۈرۈپ ئىزدەتسىڭىز يانفوننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا كىرىپ قالغان بارلىق رەسىم، سىنلارنى تېپىپ بېرىدۇ. سۆزلىشىشنى ئۈن ئېلىش ئىقتىدارى بار يانفونلاردىكى سۆزلىشىش ئۈن خاتىرسىنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ بېرىدۇ.
تور بەت، چەمبىرەكلەردىكى سىز مۇنداقلا قاراپ قويۇپ چېكىنىپ كەتكەن بارلىق رەسىملەرنى تېپىپ بېرىدۇ.
微痕迹 ئەپنى ئېچىپ قارىسىڭىز بەزى رەسىملەرنى قاچان چۈشۈرگەن بولغىيتىم دەپ ھەيران قالىسىز. ئاندرويد يانفون ئىشلىتىدىغانلار ئۆچۈن زۆرۈر ئەپ، چۈشۈرۈش سىناپ بېقىڭلار.
يانفوندىكى ئەپ بازىرىدىن (微痕迹 (weihenji دەپ ئىزدىتىپ چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部