+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-20 11:30 805 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2020-يىلى 1-پەسىللىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى بازىرىنىڭ ئىستاتىستىكا دوكلاتىدا، ئالمىنىڭ Apple Watch نىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 13 تۆۋەنلىگەن، بازار ئۈلۈشى ئىلگىرىكى %46.7 تىن %36.3 كە چۈشكەن، دۇنيا بويچە مال چىقىرىش مىقدارى 5 مىليون 200 مىڭغا يەتكەن، گەرچە تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما Apple Watch نىڭ بازاردىكى مال چىقىرىش مىقدارى ۋە ئۈلۈشى يەنىلا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككىنجىگە سېلىشتۇرغاندا پەرق ئىنتايىن زور.

p1100320-1537350880-u6wp-full-width-inline-1547712180-97O6-column-width-inline.jpg

شياۋمى، OPPO قاتارلىق يانفون كارخانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەت مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەھسۇلاتلارنى Apple Watch بىلەن سېلىشتۇرۇپ، سىناپ باققاندىن كېيىن Apple Watch نى تاللايدۇ، شۇڭا بەزى تورداشلار «باشقا شىركەتلەر چىقارغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى Apple Watch كە ئېلان ئىشلەپ بېرىۋاتىدۇ» دېيىشمەكتە.

applewatchseries4sizesgold-800x639.jpg

خۇاۋېينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلىشىشكە باشلىدى، 2020-يىلى 1-پەسىللىك بازار ئۈلۈشى %14.9 كە يەتتى، 2019-يىلى 1-پەسىلدە، خۇاۋېينىڭ بازار ئۈلۈشى %7.9 بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر شارى بازىرىدىكى مال چىقىرىش مىقدارى 1 مىليون دانىدىن 2 مىليون 100 مىڭغا كۆپىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %113 كە يېتىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. خۇاۋېي سائىتى 2020-يىلى 1-پەسىللىك ئېشىش نىسبىتى ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى ماركىسىغا ئايلاندى.

92af8f7f211140d1a874117458e2eb6b.jpeg

سامسۇڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى بازىرىدا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى، 2020-يىلى 1-پەسىلدىكى مال چىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 800 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46  ئېشىپ، بازار ئۈلۈشىمۇ 2019-يىلى 1-پەسىلدىكى %9.6 تىن %12.4 كە ئۆرلىدى.

C21JAU490AQ1.jpg


640.png

640.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە تىزىلغانلاردىن يەنە Garmin ۋە Fitbit قاتارلىقلار بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部