+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-19 11:04 886 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يىل بازارغا سېلىنغان Android بايراقدار يانفونلارنىڭ كۆپىنچىسى 8GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ بولۇپ، قىسمەن يانفونلارغا بىۋاسىتە 12GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن، مەسىلەن، سامسۇڭ قارمىقىدىكى Galaxy S20 يۈرۈشلۈك يانفونلىرىغا 12GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن، Galaxy S20 Ultra نىڭ16GB لىق نۇسخىسى بار، ئەمما ھازىرغىچە رەسمىي بازارغا سېلىنمىدى.

bc7c43680c144fd283cf95dde7722903.jpg

نۇبىيا شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى 16GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون − خۇڭمو  红魔 5G سۈزۈك نۇسخىسىنى سېتىشنى باشلىدى. بۇ يانفونغا 16GB LPDDR5 ئىچكى ساقلىغۇچ + 256GB UFS3.0 ساقلىغۇچ سەپلەنگەن. كۇۋالكوم 865 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە دېيىشكە بولىدۇ. 5G قوللايدۇ، WiFi6 قوللايدۇ.
مۇشۇ 16GB لىقنىڭ ئىگە تەرەپ تور بېتىدىكى باھاسى 5199 يۈەن.

5ee86b99790b799.png

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا نۇبىيانىڭ تەرەققىياتى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئەمما ئۇنىڭ قارمىقىدىكى خۇڭمو يانفونى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئويۇن يانفون ماركىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.  دۆلەت ئىچىدە بۇ يانفون بىلەن رىقابەتلىشىدىغان شياۋمى بايرىقى ئاستىدىكى قارا ئاكۇلا بار.
بۇ يانفونغا «سۈزۈكلەشتۈرۈش» لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، يانفوننىڭ ئىچكى قىسمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

5ee867ab67a5a27.jpg
ئىچىگە شامالدۇرغۇچ ئورنىتىلغان، نۆۋەتتە شامالدۇرغۇچ ئورناتقان يانفوندىن مۇشۇ يانفون بار؛ خۇڭمو 5G سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ ئىچىگە مىنۇتىغا 15 مىڭ قېتىم ئايلىنىدىغان مەركەزدىن قاچما شامالدۇرغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىدىكى ئىسسىقلىقنى تېزلىكتە سىرتقا چىقىرىۋېتەلەيدۇ، بۇ خىل لايىھە ئادەتتە خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوندا بۇنداق لايىھە ناھايىتى ئاز قوللىنىلىدۇ. ھەر قانداق يانفوندا ئۇزۇن ۋاقىت توختىماي مەشغۇلات قىلسا قىزىيدۇ، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئوينىغاندا قىزىيدۇ، شامالدۇرغۇچ ئىسسىقلىق تارقىتىشتىكى ياخشى لايىھە.

5ee87663119eb2.jpeg

5ee86a7d7d74d46.jpg

ئېكرانغا يېڭىلىنىش چاستوتىسى 144Hz بولغان AMOLED ئېكران ئىشلىتىلگەن. بۇ ئېكران سامسۇڭنىڭكىگە يەتمىسىمۇ بۇنداق يۇقىرى ئېكران يېڭلىنىش چاستوتىسىدىكى ئېكرنا ئىشلىتىلگەن يانفون ئاز ئۇچىرايدۇ.
55W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. زەرەتلەۋاتقاندىمۇ شامالدۇرغۇچ ئارقىلىق سوۋىتىدىغان بولۇپ، تېز زەرەتلەش جەريانىدىكى قىزىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان.

微信截图_20200619104715.jpg

ئىگە تەرەپ تور بېتى: https://www.nubia.com/product/s/1445
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部