+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-18 10:19 589 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تېڭشۈن ئويۇنلىرىنىڭ چىراينى پەرقلەندۈرۈش قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بالىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىق سالاھىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئويۇن ئوينىشىنى، ئويۇنغا پۇل قاچىلىشنى تەسلەشتۈردى.
تېڭشۈن پەن-تېخنىكسىنىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرى: تېڭشۈن ئويۇنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى، كۆپ قېتىم سىناپ، تېخنىكا ئەلالاشتۇرغاندىن كېيىن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەدبىرىنىڭ دەرىجىسىنى رەسمىي ئۆستۈردى: ھەقىقىي ئىسمى بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دەلىللەپ «ئويۇنغا چەك قويۇش، پۇل تۆلەشكە چەك قويۇش، كېچىدە ئويناشنى مەنئى قىلىش» ئاساسىدا، مەخسۇس «بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئىشلىتىپ ئويناشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» مەسىلىسىگە قارىتا، چىراينى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن دەپ گۇمان قىلىنغان ئابۇنىتلارنى پەرقلەندۈرۈپ چىقتى. بۇ تېڭشۈن ئويۇنىدىكى قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى 3.0 باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يېڭى باسقۇچتا، تېڭشۈن ئويۇنى ئويۇنغا تىزىملىتىش ۋە چىقىم قىلىش ھالقىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋالدا چىراينى پەرقلەندۈرۈپ دەلىللەيدۇ. ئاتا-ئانىسنىڭ كىملىكى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرسىمۇ، ئويۇنغا پۇل قاچىلايدىغاندا چىرايىنى تونۇتۇپ، دەلىىللەشتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن تۆلىيەلەيدۇ. ئائىلە باشلىقىنىڭ رۇخسىتىسىز ئويۇنغا پۇل خەجلىيەلمەيدۇ.

20200617141805_4056.jpg

ئويۇنغا تىزىملىتىش ھالقىسىدا: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دەپ گۇمان قىلىنغان قۇرامىغا يەتكەنلەر ھېسابات نومۇرىغا قارىتا، ئۇلار ئويۇنغا كىرگەندە چىراي پەرقلەندۈرۈش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ج خ سانلىق مەلۇماتى بىلەن سېلىشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. رەت قىلىنغان ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلەر خۇمار بولۇپ قېلىشقا قارشى تۇرۇش نازارەتچىلىكىگە كىرىدۇ. ئادەتتە كۈنىگە 1.5 سائەت، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كۈنىگە ئۈچ سائەتلا ئويۇن ئوينىيالايدۇ. سائەت 22:00 دىن ئەتىسى سائەت 8:00 گىچە ئويۇنغا كىرەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ تەدبىر 《王者荣耀》《和平精英》 دە سىناق قىلىنغان بولۇپ، يېقىندا تېڭشۈن ئويۇنى بايرىقى ئاستىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئويۇنلارنى قاپلىدى، كېيىن بارلىق ئويۇندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

20200617141828_9996.jpg

قىممەت تولۇقلاشتىكى چىقىم قىلىش ھالقىسىدا:  قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دەپ گۇمان قىلىنغان قۇرامىغا يەتكەنلەر ھېسابات نومۇرىدا ئايلىق قىممەت تولۇقلاش سوممىسى 400 يۈەندىن يۇقىرى بولغاندا ياكى ئابۇنىچىلاردا بىنورمال پۇل قاچىلاش قىلمىشى كۆرۈلسە (مەسىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىممەت تولۇقلاش سوممىسى شىددەت بىلەن ئېشىش قاتارلىقلار) ، چىراي پەرقلەندۈرۈش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان ياكى ئۆتكۈزمىگەن ئابونتلار داۋاملىق قىممەت تۇلۇقلاشقا ئامالسىز قالىدۇ. بۇ يىل 5- ئايدا، تېڭشۈن ئويۇنى ئالاقىدار تېخنىكىلاردا كىچىك كۆلەملىك دەلىللەش سىنىقى ئېلىپ باردى، ئەمدى تېڭشۈن ئويۇنى قارمىقىدىكى بارلىق يانفون ئويۇننى تەدرىجىي قاپلايدۇ.

b-Ws-fyhwres8622289.jpg

كۆچمە ئىنتېرنېت دەۋرىدە ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۈچۈن ساغلام ۋە بىخەتەر تور مۇھىتى بەرپا قىلىش پۈتكۈل جەمئىيەت دۇچ كەلگەن سىستېمىلىق رىقابەت بولۇپ ، كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. تېڭشۈن ئويۇنلىرى مەسئۇل تارماقنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە داۋاملىق ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئاساسىدا ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش قوغداش تەدبىرلىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىدىغانلىقىنى ، تەننەرخنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقىنى ، پۈتكۈل جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部