+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-17 11:56 1133 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئادەتتە كومپىيۇتېرغا قاچىلايدىغان بىرەر يۇمشاق دېتالنى بەيدۇ دېگەندەك ئىزدىگۈچتىن ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرىمىز.
ئەمما تاپقىنىمىز ئىسمى ئوخشاش، ئۆزى باشقا ئەخلەت ھەتتا ۋىرۇس بولۇپ چىقىدۇ. بىر تال دېتالنى قاچىلىساق ئۆزى بىلەن قوشۇپ ئون نەچچە دېتالنى قاچىلىۋېتىپ، كومپىيۇتېرنى ئەخلەتكە توشقۇزۋېتىدۇ.
مەسىلەن: سوگۇ تور كۆرگۈچنى چۈشۈرمەكچى بولۇپ، بەيدۇدىن ئىزدىسەك

微信截图_20200617114050.jpg

تۆۋەندىكىدەك چۈشۈرۈش رايونى چىقىدۇ. تېخى قىزىل رەڭدە يۇقىرى سۈرئەتتە چۈشۈرۈڭ دەپ يېزىپ قويىدۇ.

微信截图_20200617113332.jpg

لېكىن ئۇ يەرنى چەكسىڭىز سىغىمى كىچىك 1mb ئەتراپىدىكى باشقا بىر ھۆججەت چۈشىدۇ.

微信截图_20200617114121.jpg

ئۇنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك 6-7 ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قوشۇپ قاچىلىۋېتىدۇ؛ سىستېما بىلەن بىللە قوزغىلىۋالدىغان قىلىپ تەڭشىۋالىدۇ.

微信截图_20200617114139.jpg

كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بىر مۇنچە نەرسە بىللە قوزغىلىۋېلىپ تېزلىكىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ؛ نورمال خىزمەت قىلىشقا دەخلى قىلىدۇ.

微信截图_20200617114156.jpg

ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يۇمشاق دېتاللارنىڭ پاكىز نۇسخىسىنى تاپالايمىز؟

1. ھەر قايسى يۇمشاق دېتاللارنى ئۆزىنىڭ ئىگە تەرەپ تور بېتىدىن چۈشۈرۈش
مەسىلەن: كىيۇكىيۇ، ئۈندىدار دېگەندەك ئادرېسنى بىلىدىغان دېتاللارنى قاچىلىماقچى بولساق بەيدۇدىن ئىزدىمەي، بىۋاستە qq.com دېگەن ئادرېسنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ تور بېتىدىن چۈشۈرسەك بولىدۇ.

微信截图_20200617114454.jpg

ئىگە تەرەپ تور بېتىنى بىلەلمىسەك شۇ دېتالنىڭ ئىسىمىنىڭ يېنىغا 官方 دەپ يېزىپ ئىزدەتسە ئادرېسىنى تېپىپ بېرىدۇ. مەسىلەن: 向日葵官方 دېگەندەك.

2. ۋىندوۋس 10 ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، مىكروسوفت ھېساباتىدا تىزىملىتىپ، ئاندىن ۋىندوۋسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەپ بازىرى Microsoft Store كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئەپ بازىرىدا يۇمشاق دېتال، ئويۇنلارنىڭ پاكىز نۇسخىلىرى بار.
微信截图_20200617112758.jpg

بۇ خىل ئۇسۇلدا كومپىيۇتېردا قوش ئەپ ئېچىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئىككى ئۈندىدار ئىشلىتىدىغانلار، ئۈندىدارنىڭ بىرسىنى ئۆزىنىڭ ئىگە تەرەپ تور بېتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولۇپ، ئاندىن مۇشۇ مىكروسوفت ئەپ بازىرىدىن يەنە بىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا ئىككى ئۈندىدارنى بىللەن ئېچىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

3. يۇقارقى ئىككى ئۇسۇلدا تاپقىلى بولمايدىغان بەزى دېتاللار بار. ئۇنداق ئەھۋالدا بەيدۇدىن ئىزدەپ تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. بەيدۇ ياكى بىڭدىن ئىزدەپ تاپقان دېتالنى چۈشۈردىغاندا ماۋۇ نۇقتىغا دىققەت قىلسا نىسبەتەن پاكىز نۇسخىسىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
يەنى، ماۋۇ رەسىمدىكىدەك چۈشۈرۈش بېتىدە 高速下载 دېگەننى ھەرگىز باسماڭ؛ ئاستىغا قاراپ سۇس خەتتە يېزىپ قويغان 本地下载 دېگەن يەردىكى بىرەر ئادرېسنى بېسىپ، چۈشۈردىغان ھۆججەتنىڭ سىغىمىغا قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ. سىغىمى سىز چۈشۈرمەكچى بولغان دېتالنىڭ سىغىمىغا ماس كەلسە چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

微信截图_20200617113315.jpg

بىرەر مېگابايت ئەتراپىدا چۈشۈردىغان ھۆججەت چىقىرىپ بەرسە چۈشۈرۈشنى باسماڭ. باشقا تور بەتتىن ئىزدەڭ.
چۈشۈرگەن دېتالنى قاچىلايدىغاندا چىققان ھەر بىر ئەسكەرتىشكە دىققەت بىلەن قاراپ، ئۇنى قاچىلايمەنمۇ، بۇنى قاچىلايمەنمۇ دەپ تاللاش چىقسا تاللىمىسىڭىز بولىدۇ.

دېتاللارنىڭ پاكىز نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ياخشى تور بەتلەرمۇ بار، تورداشلار ئۆزى بىلىدىغان چۈشۈرۈش تور بەتلىرىنىڭ ئادرېسنى ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

جەرەن ۋاقتى: 2020-6-17 13:11:47
down.admin5.comمەن ئادەتتە كومپىيۇتېرىمغا مۇشۇ بەتتىن دىتال چۈشۈرىمەن،باشقا دۆلەت تىلىدىكى توربىكەت سىستېملىرىمۇ چىقىدىكەن.
阿迪力0997 ۋاقتى: 2020-6-24 14:51:57
مەن ئادەتتا qq.com غا كىرىپ 软件تۈرىنىڭ ئىچىدىن چۈشۈرىمەن (QQ电脑管家چۈشىمەن دىسە  چۈشكىلى قويساق بولىدۇ، مېنىڭچە 360دىگەن لۈكچەكتىن كۆپ ياخشى ،qq.comدىكى ئەپلەر پاكىز چۈشىدۇ)، تېپىلمىسا باشقا تور بەتتىن ئىزدەيمەن .  ئەڭ ياخشىسى تور ئادىرىس كۆزنىكىگە پالانى چىكىت كوم دەپ يېزىپ ئىزدەڭ، بولمىسا ئاندىن بەيدۇدىن . مەسىلەن: winrar.com دىگەندەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部