+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-14 11:29 1082 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يانفوننىڭ ئىقتىدارى، ئېكران سۈپىتى، سۈرەتكە تارتىش قاتارلىقلارنى يانفوننىڭ قاتتىق دېتالى بەلگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يانفون سىستېمىسى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، يانفوننىڭ راۋانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى سىستېمىسى بەلگىلەيدۇ.
شىياۋمى يېڭىدىن چىقارغان MIUI 12 سىستېمىسى  IOS قا ئوخشاش سىستېما ھەرىكەت ئۈنۈمى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە.
يانفوندىكى ھەر خىل يۇمشاق دېتاللار بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ئەپ قاچىلىغاندا، ئىشلەتكەندە بەزى ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە بۇ ھوقۇقلار ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.
ئالدىنقى كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بەزى يۇمشاق دېتاللار ئۆزلىكىدىن قوزغىلىپ، يانفوندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇش قاتارلىق لۈكچەكلىك قىلمىشلىرىنى قىلىدۇ، MIUI 12 سىستېمىسى مۇشۇنداق قىلمىشلارنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلالايدۇ.
مەركىزى تېلېۋزىيە ئىستانسسىنىڭ ۋىدېئوسىدا كۆرسىتىلىشىچە شىياۋمى 10 يانفوننىڭ سىستېمىسى MIUI 12 گە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ھەرخىل ئەپلەرنىڭ يانفوندىكى رەسىملەرنى ئوقۇش، ئۆزلىكىدىن قوزغىلىش ۋە باشقا ئەپلەرنى ئويغىتىش قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ ئەسكەرتىش بەرگەن.

微信图片_20200614111525.jpg

Tim ناملىق بىر ئەپ بار بولۇپ، بىر سائەتتە 7000 قېتىم قوزغالغان. ھەمدە توختىماي ئالاقە خاتىرىسىنى ئوقۇغان. يەنە بىر 优学院 ناملىق ئوقۇتۇش ئەپ دېتالى ئون نەچچە مىنۇتتا يانفوندىكى سۈرەت ۋە ھۆججەتلەرنى 25 مىڭ قېتىمغا يېقىن زىيارەت قىلغان. بەزى ئەپلەر ئۆزى ئاپتوماتىك قوزغىلىپ قالماي يەنە يانفوندىكى باشقا 10 نەچچە ئەپنى «ئويغاتقان»؛ بۇنداق توختىماي ئاپتوماتىك قوزغىلدىغان، باشقا ئەپلەرنى ئويغىتىپ سانلىق مەلۇماتلارنى زىيارەت قىلىدىغان ئەپلەردىن يەنە مېيتۇ شىيۇشىيۇ، «خاننىڭ شەرىپى» قاتارلىقلارمۇ بار.
نۆۋەتتە بازاردىكى ئاساسلىق يانفون سىستېمىسى ئالمىنىڭ IOS ۋە گۇگولنىڭ Android سىستېمىسى بولۇپ، ئىككىسىنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە مەشغۇلات يۆنىلىشى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. IOS نىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياختۇرىشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب: ئۇ «قۇم قۇتا مېخانىزمى»نى قوللىنىپ، يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتمەسلىككە ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ھەدىدىن زىيادە ئېرىشەلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغان.
شىياۋمى MIUI 12 سىستېمىسى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسى قالتىس بولۇپ، IOS قا يېقىنلاشقان. مەركىزى تېلېۋزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. MIUI 12 دە ئاندىن بۇ ئەپلەرنىڭ مۇشۇنچىۋالا كۆپ قېتىم ئۆزلىكىدىن قوزغىلدىغان، شەخسىي ھۆججەتلەرنى توختىماي زىيارەت قىلىدىغانلىقى بايقالدى.

608.jpg

ئاندىرويىد يانفونلىرىنى ئالمىغا ئوخشاش «پاكىز» قىلماقچى بولساق، بىز تېخىمۇ كۆپ يانفون كارخانىلىرىنىڭ شىياۋمىغا ئوخشاش شەخسىيەتنى قوغداش جەھەتتە كۈچ چىقىرىشىغا ئېھتىياجلىق.

来源:央视新闻

1ئادەم ئىنكاس يازدى

جەرەن ۋاقتى: 2020-6-15 15:20:35
شىياۋمىنىڭ باشقا يانفۇنلىرىغا قاچانمۇ يېڭىلايدىغاندۇ سىستېمنى مەن بەك ساقلاپ تەقەززا بولاپ كەتتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部