+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-13 11:20 990 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئىستېمالچىلار كۆپ قېتىم ئىنكاس قىلغان بىر تۈركۈم قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت زىيادە كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولۇش، يېڭى ۋە كونا ئابۇنتلار كەسىپ بىجىرىشتە ئوخشاش بولماسلىق، ئەھۋالنى بىلمەي زاكاز قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش تېلېفونى ۋە ئەخلەت قىسقا ئۇچۇرلىرى زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كۆپ قىسىم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئەمەلدىن قالدۇردىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

667524a4c61643e3bfbf9259562f1b05.jpeg

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن بىر تۈركۈم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىستىمالچىلار دۇچ كەلگەن «يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنىڭ سانى كۆپ بولۇش، تاللاش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.
ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بىجىرىش توختىتىلىدىغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەر: ئالەم كېزەر راۋان يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى 全球通畅享套餐 نىڭ 88 يۈەندىن 238 يۈەنگىچە بولغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى، 全球通尊享套餐 نىڭ 288 يۈەندىن 588 يۈەنگىچە بولغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى، 30\50 يۈەنلىك 畅享 يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى، 10 يۈەنگە 300M ئېقىم بېرىدىغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت قاتارلىقلار بار؛ يەنە ۋىدېئو ئېقىم بوغچىسى، مەخسۇس بەلگىلەنگەن ئېقىم بوغچىسى قاتارلىقلار بار. تەپسىلاتى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە كۆرسىتىلدى:

f51e0bf9d371316.png

ئەمەلدىن قالدۇرۇلدىغان بۇ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەر ئىچىدە 20 يۈەنگە  1GB ئېقىم، 98 يۈەنلىك چەكسىز ئېقىم (20GB غا چىققاندا سۈرئەت ئاستىلايدىغان) دېگەندەك ياخشى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرمۇ بار ئىدى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «5G ئىجازەتنامىسى تارقاتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جيەن چىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى نۆۋەتتە 140 مىڭغا يېقىن 5G ئاساسىي پونكىتى قۇردى ھەم تور قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بۇ يىل ئىچىدە جەمئىي 300 مىڭ 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە 5G سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
جيەن چىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش 5G ئابونتلىرىنىڭ كۆلىمى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 55 مىليون 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئابونتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئابونتلارنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، 5G كەسپىنى ئېچىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارتا ئالماشتۇرماسلىق، نومۇر ئالماشتۇرماسلىق، 5G ئېچىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، 5G ئالدىن كېلىشىش، 5G ھەميان، 5G بىۋاسىتە ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئابۇنتلارنىڭ 5G گە كۆتۈرۈلۈشىگە قولايلىق يارىتىدىكەن.

جيەن چىننىڭ بىلدۈرىشىچە: جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى پۈتۈن يىلدا  5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىجىرگەن ئابونت سانىنى 100 مىليونغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.
كۆچمە خەۋەرلىشىش يەنە 5G تېرمىنال (يانفون) كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر خىل ئېتىبار بىرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، 5G يانفوننىڭ 2000 يۈەنگە چۈشۈش قەدىمىنى تېزلەتكەن.
دۆلەت ئىچى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بەزى ئابونتلار خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى بىجىرىش تېلېفونىنى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن ئايلىق ھەققى 89 يۈەنگە چۈشكەن. ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشى شىركىتىنىڭ 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئېتىبار بار. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش %70 ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى قىلىپ، 128 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى 89 يۈەنگە چۈشۈرگەن.
5G نىڭ ئومۇملىشىشى، ئاساسى پونكىتنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەققى داۋاملىق چۈشىدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

تومپاي ۋاقتى: 2020-6-13 12:18:45
بەك ياخشى بوپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部