+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-12 11:14 1352 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-6-12 11:03  

بەزىدە كومپىيۇتېردا يانفوننى كونترول قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. نۇرغۇن ياخشى ئەپلەرنىڭ، ئەپچىلەرنىڭ پەقەت يانفون نۇسخىسىلا بار. دوۋيىن ئويناش، ئۈندىدار دوستلار چەمبىكىرىكىنى كۆرۈش ئىشلىرىنى كومپىيۇتېردا قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ.
بۈگۈن كومپىيۇتېردا يانفوننى كونترول قىلىپ، يانفوننى كومپىيۇتېر ئارقىلىق بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر دېتالنى تونۇشتۇرىمىز. بۇ كومپىيۇتېرغا قاچىلايدىغان تەقلىدلىگۈچ ئەمەس.
يانفوننى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ قويۇپ، يانفوننى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ، ئىشلەتكىلى؛ يانفوندىكى ئويۇننى كومپىيۇتېردا ئوينىغىلى، يانفوندىكى كىنونى كومپىيۇتېرنىڭ چوڭ ئېكرانىدا كۆرگىلى بولىدۇ.

微信截图_20200612104921.jpg

بۇ دېتالنىڭ ئىسمى 虫洞 ؛ ئاندرويد، ئالما ھەممىسىگە بولىدۇ؛ ئاندرويد نۇسخىسى ھەقسىز، ئالما نۇسخىسى ھەقلىق.
ئاندرويد نۇسخىسنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپىيۇتېرغا كومپىيۇتېر نۇسخىسىنى، يانفونغا يانفون نۇسخىسنى قاچىلايمىز.

20200612_050727_597.png

20200612_050727_863.jpg

ئەپنى قاچىلاپ بولۇپ، ئاندرويد يانفوننى سىم ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا چېتىپ، USB 调试 نى ئاچىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلغان تەڭشەكنى ئاچساق بولىدۇ.

20200612_050728_66.jpg

ئەمدى يانفوندىكى مەزمۇن كومپىيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈنىدۇ. بىز كومپىيۇتېردىلا يانفوندىكى پۈتۈن مەشغۇلاتنى قىلالايمىز. كومپىيۇتېر كۇنۇپكىسىنى ئىشلىتىپ خەت كىرگـۈزەلەيمىز.

20200612_050728_222.png

كومپىيۇتېردىكى مەزمۇننى كۆچۈرۈپ، يانفونغا چاپلىيالايمىز.

20200612_050728_456.png

يانفوندىكى ئويۇن، كىنولارنى كومپىيۇتېرنىڭ چوڭ ئېكرانىدا كۆرۈپ، ئوينىيالايمىز. ئويۇننى مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسىدا ئوينىغىلى بولىدۇ.

20200612_050728_566.png

20200612_050728_863.png

كۇنۇپكا تەڭشەيدىغان، ئېكران ئېنىقلىقىنى تەڭشەيدىغان تەڭشەكلىرى بار. ئېھتىياجغا قاراپ تەڭشىسەك بولىدۇ.

20200612_050728_753.png

20200612_050728_991.png

يانفونغا روت ئېلىشنى ياكى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ.

چۈشۈرۈش ئادرېسى: بۇ يەرنى چېكىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部